ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼن

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
سۇلتان ئالپ ئارسلان
Alp Arslan on throne Majma al-Tawarikh by Hafiz Abru.png
تۇغۇلۇش1029
ۋاپاتى1072


ئالپ ئارسلانخان ياكى ئۇنۋانلىرى بىلەن ئابدۇددەۋلە ئەبۇ شۇجائ مۇھەممەد ئالپ ئارسلان ئىبن داۋۇاد، (فارسچە: عضد الدوله ابو شجاع محمد آلپ آرسلان بن داود; ت. 1029 - يىل 20 - يانۋار - ئۆ. 1072 - يىل نويابىر) بۈيۈك سەلجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانىدۇر. ئوغۇزلاردىندۇر. ئالپ ئارسلانخان تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيەگە كۆچۈشىنى ۋە مۇجادىلەلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئەسكەرىي قۇماندان، ھەقىقىي ئىسمى مۇھەممەد بولۇپ، ئالپ ئارسلان دەپ تونۇلغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺳﻪلچۇق ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛۈﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪلچۇق ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺩﺍﯞﯗﺩ ﭼﺎﻏﺮﻯ ﺑﻪﮒ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻪلچۇق ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 1-ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺗﯘﻏﺮﯗﻝ ﺑﻪﮒ (ﺭﯛﻛﻨﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﺑﯘ ﺗﺎﻟﯩﭗ ﻣﯘﮪﺎﻣﻤﻪﺩ ﺗﯘﻏﺮﯗﻝ ﺑﻪﮒ ﺑﯩﻦ ﻣﯩﻜﺎﺋﯩﻞ 990-1063) ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺗﯘﻏﺮﯗﻝ ﺑﻪﮒ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩسىيەﺕ ﻧﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

1064-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27-ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﻍ-دۇغىلىق ﺑﯩﺮ مۇراسىم ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪلچۇق ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 2-ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ بۈيۈك ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯜﻝ ﻣﯜﻟﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻙ قەۋىملىرىنى ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ئۇيۇشتۇرىدۇ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻛﯩﻤﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ئەۋلادلىرىغا ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ 1065-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﻪﺭقىي ﺭﯨﻢ ئىمپىرىيەسى (ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﻪﺳﻰ) ﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺮﻭﺯﻩﻧﻨﻰ ئىگىلەيدۇ، ﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ھۆكۈمدارلارنى ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ بويسۇندۇرىدۇ. 1070-ﻳﯩﻠﻰ ئەزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﻰ، ﺳﯜﺭﯨﻴﻪﻧﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﻰ ئىگىلەپ، ﺗﺎ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺪﯗ. 1071-ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﮪﺎﻟﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘۈﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﭗ ئارسلان ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ كەلتۈرىدۇ. ﺑﯘ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﻥ-ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ كېيىن ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭسلاﻧﻨﯩﯔ شۆھرىتى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-كۈنگە ﻗﯘﯞۋﯨﺘﻰ ئېشىۋاتقان ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﻰ ﺋﺎناتولىيەدىكى ﺯﯨﻤﯩﻨﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﻝ-تۆكۈس ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ بىزﺍﻧﺲ ئىمپىرىيەسىنىڭ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺩﯨﺌﻮﮔﻨﻪﺱ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺳﻪلچۇق ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

1071-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ 200 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻦ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﯨﻨﻰ مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەندىن ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎناتولىيەگە ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺭﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻚ، ﺋﻪﺭﻣﻪﻥ، ﺭﯗﺱ، ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ﯞﻩ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﭗ، ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻳﺎﻧﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺷﻪﺭقىي ﺋﺎناتولىيەگە ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﮪﻼﺗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﻓﺸﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺭﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1-ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ 1071-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﻻﺯﮔﯩﺮﺗﻘﺎ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ئىگىلەپ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ 200 ﻣﯩﯔ ﺭﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ 50 ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﺎﻻﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻓﺸﯩﻦ، ﺳﺎﯞﺗﺎﻛﯩﻦ، ﺳﯘﻧﺪﯗﻕ، ﺋﺎﻳﺘﻪﻛﯩﻦ، ﺗﺎﺭﺍﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﺎﮪﻤﻪﺕ ﺷﺎﮪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ تەجرىبىلىك ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﭽﻪ ھەيئىتىنى ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ: «ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺕ، تىنچلىق ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ تۈزۈشنى ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﯓ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍد خەلىپىسىنىڭ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ مەقسىتىمىز، ﻗﺎﺭﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ».

ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻯ ﺳﺎﻥ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ئۈستۈنلۈكى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ئىشەنگەن ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﻰ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: «ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ئۈستۈنلۈك ﯞﻩ ﺑﯘ چەكسىز ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻢ. تىنچلىق ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺳﻪلچۇق دۆلىتى ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ئىگىلىگەندىن كېيىنلا ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ دۆلەتلىرىگە ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻤﭽﻪ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻳﻤﻪﻥ».

ﮪﻪﻡ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺗﻪﻛﻪببۇرﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﯩﺒﻨﯘﻝ ﻣﺎﮪﻠﻪﺑﺎﻧﺪﯨﻦ: «ﺋﯩﺴﻔﺎﮪﺎﻥ ﺷﻪﮪﺮﻯ ﮔﯜﺯﻩﻟﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﮪﻪﻣﻪﺩﺍﻧﻤﯘ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ.

ﺋﯩﺒﻨﯘﻝ ﻣﺎﮪﻠﻪﺑﺎﻥ: «ﺋﯩﺴﻔﺎﮪﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ: «ﮪﻪﻣﺪﺍﻧﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺳﻮﻏﺎﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻔﺎﮪﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺸﻨﻰ ئۆتكۈزىمىز. ﭼﺎﺭﯞﺍ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﻪﻣﺪﺍﻧﺪﺍ ﻗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﯨﺪﯗ» ﺩﻩﻳﺪﯗ.

ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪخمەق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺒﻨﯘﻝ ﻣﺎﮪﻠﻪﺑﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: «ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﯔ ﮪﻪﻣﺪﺍﻧﺪﺍ ﻗﯩﺸﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺩﻩ ﻗﯩﺸﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ».

ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎناتولىيەدىن ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺧﺎﻡ-ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺮﺍﻥ، ﺋﯩﺮﺍﻕ، ﺳﯘﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﺕ ﯞﻩ ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯧﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﭽﻐﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪنگەﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯘﺷﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﻏﺎﺯﯨﺴﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﯚلۈﻣﺎ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﻪﻱ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻢ، ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺳﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ، ﺑﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﯧﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﺍقتىدا ﺩﯛﺷﻤﻪنگە ﯞﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻞ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺯەپەﺭﻧﻰ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯘﯕﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻐﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯩﻴﻪ ﺧﻪلىپەﺳﻰ ﻛﺎﺋﯩﻢ ﺑﯩﺌﻪﻣﺮﯗﻟﻼﮪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻛﯚﯕﯘﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﻻﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﺋﺎﻧﻰ ﺗﻪﻳﺎﺭﻻﺗﻘﯘﺯﯗﭖ، ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺩﯗﺋﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ: «ﺋﺎﻟﻼﮪﯩﻢ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻞ! ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﺯ ﯞﻩ تۈﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻞ! ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻳﯧﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪۈﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪۈﺭۈﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎ! ﻣﯘﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﺧﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮪﯩﻦ-ﺷﻪﮪﯜﻝ ﺋﻪﺯﺍﻡ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎ! ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺷﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻳﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ! ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻨﻰ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﭽﻰ ﯞﻩ ﮪﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﮪﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎ! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯ! ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻼ. ﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ مەقسەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭ! ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﺍﮪﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﻣﺎﻝ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ، ﺋﻪﻱ ﺋﯩﻤﺎﻥ ئېيىتقانلار، ﺟﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﭘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻳﻤﯘ؟ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺴﻪﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﯖﻼﺭ، ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ. ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯗﯓ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮪﯩﻢ! ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯗﯕﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ئىككىلەﻧﻤﻪﻱ ﺩﯛﺷﻤﻪنگە ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯨﻨﯩﯖﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﭽﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﯗﺯﮔﻪ ﺋﯘﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ نىسىپلەﻧﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺑﻮﻝ، ﻗﺎﺯﺍ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﻩﺭﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﺋﻪﺗﺘﯘﺭﮔﯩﻦ! ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻏﺪﯗﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﯗﻏﯩﻨﻜﻰ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﮪﯩﻠﻪ-ﻣﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﻮﻏﺪﯗﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯘﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﯨﺴﯘﻥ! ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯘنىڭغا ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻞ! ﺷﯘندﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯛﺷﻤﻪنگە ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯘتلۇق ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﻪ ﺯﻩپەﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭﻻﻧﺴﯘﻥ! ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﮔﯘﺭﯗﮪﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ، تېنچلىق ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺋﻪﻱ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ، مەقسەﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻙ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭖ ﻣﯘراجىئەت ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ! ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻚ ﻗﯩﻞ! ﺯﻩپەﺭﻟﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻣﻪقسىتىگە ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻟﻼﮪﯩﻢ! ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭ ﯞﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﻪﮔﺪۈﺭ!»

1071-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26-ﻛﯜﻧﻰ (ﺟﯜﻣﻪ) ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯘﺷﯘﭖ، ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﻛۈﻧۈﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: « ﺋﻪﻱ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪﯩﻢ! ﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯۈﻣﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺳﺎﯕﺎ يېقىنلاشتىم؛ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﮪﯘﺯﯗﺭﯗﯕﺪﺍ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. مۇﺷﯘ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﻳﯘﺭﯨﮕﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻞ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﯩﻤﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ، ﺑﯘ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪنگە ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻝ ﯞﻩ ﻣﯩﻨﻰ ﻣﯘﺯﻩپپەر ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﯩﻞ!»

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭﯨﺪۇ دﻩ، ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﻴﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﻴﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: « ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺧﺘﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﺩﻩﻙ سەۋىرﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﺧﻪﯞﯨﭗ-ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﻣﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪھۋﺍﻝ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﻣﻪﻟﯩﻜﺸﺎﮪﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.»

ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺳﯘﻟﺘﺎنىنىڭ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ﮪﯩﭻ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ «ﺑﺎﺵ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ» ﺩﻩﻳﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: «ﺋﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ! ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻛﯚﭘﻠﯘﻛﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﮪﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ؟ ﻣﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﯩﺪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺷﯘ ﭘﻪﻳﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ھﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﺩﻩ شېھىت ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺷﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎﻣﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﺴﯘﻥ. ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ، ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﮔﯘﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻳﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻳﻮﻕ. ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ بېرى ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺩﻩﺱ ﺟﻪﯕﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺰ!»

ﺑﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﯓ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ: «ﺋﻪﻱ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯔ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺳﻪﻥ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺑﯩﺰ شۇنى ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ! ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋۈﻣۈﺩﯨﯖﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﻳﻤﯩﺰ!» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯘﻟﯘﻕ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎلاﺯﮔﯩﺮﺕ ﺟﯧﯖﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﺗﻪﮔﺒﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﯗﮪﯩﻨﻰ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﺷﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮪﻪﺭﻛﻪﺕ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯞﯗﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﺯﻗﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﺵ تاﻛﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮىغا ﻳﻮﺷﯘﺭﯗنغان ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ھۇجۇم بىلەن ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ھۇﺟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺮﻩ-ﭘﯩﺮﻩﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﻏﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ھﯗﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚتىدۇ. ﻣﻮﻝ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﺎ يېرىم ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ئېلىپ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻗﻮﺭﺷﺎﭖ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﯕﻨﯩﯔ بېشىدىلا ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ياللانما ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭘﯘﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﯓ قىلىدىغان ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﺎﮪﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺯ ﺋﯚﺭﯗﺷﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ قېلىشقا ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﭽﯩﺸﻘﺎ ئۈلگۈرەلمىگەن ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﭼﯘﺷﯩﺪﯗ.

ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺩﯨﺌﻮﮔﻪﻧﻪﺱ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﮪﯧﭻ ﺧﻮﺭﻟﯩﻤﺎﻱ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ تېنىچلىق ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: « ﺋﻪﻱ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ، ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻝ خەﺟﻠﻪﭖ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﻪﻥ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ، ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻢ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼۈﺷﺘﯘﻡ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻤﺎ. ﺋﯚﺗﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻻﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﺳﻪﯓ ﺋﯚﻟﺘۈﺭ.»

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ: «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ. ﺳﻪﻥ ﻣﯩﻨﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﯔ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ، ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ». ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ :«ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﯨﯔ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯔ».

ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﺳﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗۈﺯىدۇ.

1. ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﻩﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 1.5 ﻣﯩليون ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ.

2. ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﻰ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﮕﻪ 360 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﺎﺝ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ.

3. ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﻗﻮيىۋېتىدۇ.

4. ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﭘﻪﻳﯩﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﻟﺠﯘﻕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

5. ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.

6. ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺋﯩﺴﺘﺎﻣﺒﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺘﺎﻛﻴﺎ، ﺋﯘﺭﻓﺎ، ﻣﻪﻧﺒﯩﭻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯩﻜﮭﺎﺋﯩﻞ ﺩﯗﻛﺎﺳﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻨﻮ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، شۇنداقلا 1072-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗۈﺯۈﻟﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎمىلەرمۇ  ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﺎﻟﻼﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺷﯚھﺮﯨﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﯩﻼ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﯨﻢ ئېمپىريەسى ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯘﺭﯨﻴﻪﻧﻰ ﮪﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﭼﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﻪﺳﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﻣﺎﻟﻼﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩﻗﻪﺩﯗﺭ.

ﻣﺎﻟﻼﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎنچىلىق ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺭﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚيئوغلى ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﮪﯘﻛﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺷﻪﻣﺴﯜﻝ ﻣﯜﻟﯘﻙ ﻧﺎﺳﺮﺍﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ 200 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯘﺭﯗﺷﺘﻪ ﺑﻪﺭﺯﻩﻥ ﻗﻪلئەﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ خاﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺑﯘ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﻪﭖ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، يۇشۇرۇنچە ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﻳﺪﯗ. ﻗﺎﭖ-ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭنىڭ قۇﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﭼﯘﺷﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، خاﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 3 ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻏﯘﺯلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﻪﻟﺠﯘق ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ئېلىپ كېلىدۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭙﻼ ﺗﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﺠﯩﻴﺪﯗ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﻗﻤﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻼ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺩﻩﻝ 1072-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ:

ﺷﻪﻣﺴﯜﻝ ﻣﯜﻟﯘﻙ ﻧﺎﺳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ خاﺭﻩﺯىملىك ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺑﻪﺭﺯﺍﻥ ﻗﻪلئەﺳﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ئېلىپ كېلىنگەندە، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ  ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﻰ تەھدىد ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻧﻰ ئېلىپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ-ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺩﻩﻝ مۇﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯘﺳﯘﻑ: “ﺋﻪﻱ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮنى ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭەمدۇ؟” ﺩﻩﭖ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﻰ ﮪﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺷﻜﯘﺯﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ئۇنىڭدىن ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﻴﺎﻧﻰ كېرىپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻕ ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘ كۈنگە ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﮪﯧﭻ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﮔﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ئىكەن. ﺑﯘ ﺋﻪھۋاﻟﺪﯨﻦ تېڭىرﻗﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯘﺳﯘﻑ يۇشۇرۋالغان ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﻼ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ئېتىلىپ بېرىپ ﺳﺎﻧﺠﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ:

ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﻣﻪﻟﻪﻛﺸﺎﮪ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻐﺎ ﺗﻪخت ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﻧﯩﺰﺍﻣﯜﻝ ﻣﯜﻟﻚ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ. ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﮕﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮪﺎﻟﺴﯩﺰﻻﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻳﻪﻧﻰ 1072-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯚلۈش ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ: «ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﻳﺘﯩﻢ. ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﯕﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ، ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﮪﻪﻳﯟﻩتلىكىدىن ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺗﻪﯞﺭﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﯚﻛﯘﻣﺪﺍﺭﯨﻤﻪﻥ، ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯩﻢ ﺗﻪﯓ ﻛﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺒﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﯘﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﮪﻪﻕ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺗﯚﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮىمنى ﻛﻪﭼﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.»

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺟﻪﺳﺴﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯘﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﯞﻩ ﻓﺎﮪﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﮪﯘﻧﻪﺭ-ﺳﻪﻧﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪنگەن ﻣﻪسجىدلەرنى ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.

ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ مەﮪﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘدﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، مەﮪﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﺎ بېرىپ ﺋﺎﺑﺎﺳﯩﻴﻪ سۇﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚتىۋەﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪينلىگەن، مەﮪﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ئېلىشى ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﯘۋﯞﻩﺗﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «تۈركى تىللار دىۋانى» ﻧﻰ ﻳﯩﺰﯨﭗ چىققان.

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ «ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻜﻰ، ﺑﯘ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ!»، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻗﻪﺩﻩﺱ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ مەڭگۈ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ، شۇنداقلا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪسۇر ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ مەنىۋىيىتىنىڭ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯘﻙ ﺗﯜۋﺭۈكى ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﮪﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺗﻪﻛﯩﻦ ئوغلىنىڭ «ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎبىدىن ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى