Jump to content

ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ

ئورنى Wikipedia

ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﻏﺪﯨﻴﺎﻧﻼﺭ ۋەيا سوغداقلار - ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ. ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 4- 5- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﻯ 10- ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 2- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﺮﯦﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻣﺎﯞەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮﯨﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺯﻩﺭﻩﭘﺸﺎﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ <<ﺩﯨﯟﺍﻧﯘ ﻟﯘﻏﻪﺗﯩﺖ ﺗﯘﺭﻙ>>ﺗﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ (9- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ) ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺑﺎﻻ ﺳﺎﻏﯘﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻛﻮﭼﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﭖ -ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﺪﺍ (ﺳﻮﻏﺪﯨﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻛﭽﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ) ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﻮﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻏﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻗﺎﭘﻘﺎ (ﺑﻮﺯﻏﺎﻝ ﺋﻮﺗﻜﯩﻠﻰ) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﻮﺗﻜﻪﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﺗﯘﺧﺎﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﻩ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ، ﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﯞﻩﻧﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻣﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺧﻪﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﻰ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ(ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﻮﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﭼﻤﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ) ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﮕﻪ ﭼﯩﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﺧﯘﺩﺩﻯ <<ﺩﯨﯟﺍﻧﯘ ﻟﯘﻏﻪﺗﯩﺖ ﺗﯘﺭﻙ>> ﯞﻩ <<ﮬﯘﺩﯗﺩﯗﻟﺌﺎﻟﻪﻡ>>ﺩﻩ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﺎﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ 5 ﻛﻪﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ، ﺗﯩﻴﺎﻧﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺗﻜﻪﻟﻠﯩﺮﻯ، ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ، ﺧﯧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﻜﻰ(ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻯ) ﯞﻩ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﻛﻪﻧﺘﻰ ﺑﻪﻙ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 7- 8- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﻛﻪﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻣﯩﻴﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﭘﺎﺭﺱ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺩﺍﺭﺍ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 496- 52- ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺗﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺋﻮﺗﯩﺪﯗ. ﺩﺍﺭﺍﻧﯩﯔ ﭘﯧﺮﺳﯩﭙﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﻛﯩﺴﯩﺮﻛﯩﺴﻨﯩﯔ ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺯﯗﻟﻘﻪﺭﻧﻪﻳﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ( ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 327- 330- ﻳﯩﻠﻼﺭ)، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺩﺍﺭﺍﺩﯨﻦ ﻳۈﺯ ﺋﻮﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 4- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 2- ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﮔﺮﯦﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﺮﯦﻚ- ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ) ﮬۆﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 2- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ، ﮬﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯘﭼﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﯩﻼﺭ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮔﺮﯦﻚ ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻮﺷﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯘﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺷﺎﻛﯩﺪﯨﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (ﺑﯘ ﺳﯘﻻﻟﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ «ﺋﻪﻧﺸﻰ 安息 ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ» ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ «ﺋﻪﻧﺸﻰ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﻮﺯ ﺑﯘ ﺳﯘﻻﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺴﻤﻰ <«ﺋﻪﻧﺴﺎﻙ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﻮﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ)ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺭﺷﺎﻛﯩﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﻣﯧﺘﺮﯨﺪﺍﺕ 2- (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ 87- 124- ﻳﯩﻠﻼﺭ)ﻏﻪﺭﯨﺒﺘﻪ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ، ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺗﻜﻪﻟﺪﻩ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺑﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 5- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺟﯘﺭﺟﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻔﺘﺎﻟﯩﺘﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺑﺪﺍﻟﻼﺭ (ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﻕ ﮬﯘﻧﻼﺭ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﻪﺗﺘﺎﻟﻼﺭ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﺎﺭﯨﺨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﺪﺍﻻﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ) ﻛﻮﺷﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 563- 567- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻔﺘﺎﻟﯩﺘﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﻮﻙ ﺗﯘﺭﻙ ﺩﻭﻟﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻛﻮﭼﻤﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﻮﻙ ﺗﯘﺭﻛﻠﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﻮﻙ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﭼﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﯞﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪﮔﻪ ﺳﻮﺯﯗﻻﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﯓ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻛﻮﻙ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺱ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ (ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﯩﻼﺭ، ﮔﻮﺭﺧﺎﻧﻼﺭ، ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ) ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻣﯘ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]