ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯘﺗﻐﯘﺭ

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯘﺗﻐﯘﺭ, ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺗﯜﺗﯜﺭﮔﻰ. 1958- ﻳﯩﻠﻰ 6- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛﯜﻧﻰ  ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﺎﺯﯨﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.(ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﻪﺷﻜﯧﺮﻩﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ, 1998-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﺎﻍ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ). ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﺎﺯﯨﺮﯨﻖ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ, ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﻧﺎﮪﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﻮﻏﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ   ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ, ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ. 1975-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 1977- ﻳﯩﻠﻰ 9- ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ  ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯜﺷﯜﭖ, ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ  ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﻪﻧﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﺎﺵ ﻳﺎﭼﯧﻴﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. 1977-ﻳﯩﻠﻰ 9-10-ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﻏﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ  ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ 1977-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 12-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺘﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻛﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. 1978-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ  1983- ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯩﻞ- ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ, ﺷﯘ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﭖ, ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ, ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. 1994-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻭﺗﺴﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻘﺎ, 2000- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﺍﻧﺖ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ, 2004- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻟﯘﻕ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ», «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ», «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ», «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ-ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ», ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﺍﻧﺘﻼﺭﻏﺎ «ﺟﯘﯕﮕﻮ  ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﯞﮪﻪﺭﻟﯩﺮﻯ», «ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ», «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ»  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ 30 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻤﯘ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. 2013-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ, ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ, ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ  ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﯩﻞ»  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﯞﺍﮪﻨﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ..

ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ 2001-, 2002- ﯞﻩ 2005- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ- ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻰ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ- ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ », «ﻛﺎﺗﯩﺒﺎﺗﻠﯩﻖ », «ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ » ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ»  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺰﯨﺲ»(1987), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» (2001) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ, «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» (2002, ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» (ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ, 2004-2005) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ  ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» (1993-1995, ﺋﯜﭺ ﺗﻮﻡ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. 32 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪﻥ, ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ 10 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻧﻨﯩﯔ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» (1999, ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ» (2002), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯘﻻﮪﯩﺰﻩ» (2003), «ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» (2007), «ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ»(2012) ﯞﻩ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ»  (1998),   «ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻧﻪﯞﺍﻳﻰ» (2001, ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ؛ «ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ» (1990), «ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ» (2000), «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ» (2000),   «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ»(1998, ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ, ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» (2006,   ﺗﯚﺕ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ»(2011, ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ)  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ» (1993), ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ  «ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» (1993-1995), ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ «ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ» (1997-1999), ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ» (2004-2006), «ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﺎﺯﯨﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺘﺮﻭﭘﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ» (2009-2011) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؛ «ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» (1993-1995),   «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» (1995-1997), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﮪﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ» (1996-1998), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» (1995- 1997), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» (1999-2002) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. 200 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ, ﺧﻪﻧﺰﯗ, ﻳﺎﭘﻮﻥ, ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ, 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ, ﺋﯩﺮﺍﻥ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ.

ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ  2008-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ «ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﯞﻩ  ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ» ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯜﭖ, ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ,   « «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ 2009-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ «ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ» ﺗﯜﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ, «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﯧﺮﯨﻜﻰ», «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﯧﺮﯨﻜﻰ» (ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 2010- ﯞﻩ 2011-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.

ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ  2005– ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺦ – ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ» ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ  ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ-ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ-ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ, ﺋﯘ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ, , ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ, ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ   ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﯩﻴﺌﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ. «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ» ﻧﻰ ﺗﻪﮪﺮﯨﺮﻟﻪﺵ-ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ, «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ», «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ», «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ»  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ  ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ ﮪﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ. ﺋﯘ 2009-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻓﯩﻠﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻥ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﯩﮕﻪ  ﯞﻩ 2013-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻟﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ, ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ. «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ» (ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﯞﻩ ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ, «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ» (ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 1- ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ, «ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 3-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﮪﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ..

ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯘﺗﻐﯘﺭﻧﯩﯔ  ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﺎﺭﯞﺍﺭﺩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ» (1995-ﻳﯩﻠﻰ),   «ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ» (ﺟﯘﯕﮕﻮ   ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ  ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ),   «ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﻯ» ( ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ ), «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ» (ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1996-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ), «ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» (ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ), «ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ» (ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2001-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ), «ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»  ( ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2004- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ), «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ» (ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2005-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ), «ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ» (ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﮔﯧﺰﯨﺘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 2008-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ), «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ» (ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ, ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﮔﯧﺰﯨﺘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 2009-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ), «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ» (  2013-ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.