0 - يانۋار

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى 0- يانۋار)


0 - يانۋار ياكى 1 - ئاينىڭ 0 - كۈنى يۇلتۇزلار جەدۋىلىدە 1- ئاينىڭ 1- كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەكىلدە، كۈنلەر يۇلتۇزلار جەدۋىلىدىكى مەزكۇر يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ، گەرچە بۇ كۈن ئالدىنقى يىلنىڭ 31- دېكابرى بىلەن ئوخشاش بىر كۈن بولسىمۇ، بىر كۈن يۈزىدىن ئالدىنقى يىلنى قوشۇپ يېزىش مەجبۇرىيىتى توغۇلمايدۇ. بەئەينى، 3- ئاينىڭ 0- كۈنى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنىنى كۆرسىتىپ، 3- ئاينىڭ كۈنلىرىنى بوزۇپ 2- ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىنى تىلغا ئالمىغاندەك بىر ئىش.

0- يانۋار تۇنجى بولۇپ يۇلتۇز جەدۋەللىك ۋاقىت دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان. خەلقئارالىق بىرلىك سېستىمىسدا سىكونت 1960- يىلى ئىزاھاتىدا: "يۇلتۇز جەدۋەللىك ۋاقىت بويىچە 1900- يىلى 1- ئاينىڭ 0- كۈنى سائەت 12 ئىتىبارى بىلەن تروپىك يىلنىڭ 31,556,925.9747 دىن بىرى بىر سىكونتقا تەڭدۇر" . شۇنداقلا بۇ كۈن نيوكامبنىڭ قۇياش جەدۋىلىمۇ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان.

باشقا ساھەلەردە[تەھرىرلەش]

Microsoft Excel بولسا 1900 تەقۋىم جەدۋىلىدە 0 - كۈننى 1900 - يىلىنىڭ 1 - ئاينىڭ 0 - كۈنى دەپ ئالغاننەقىل ئېلىنغان خاتالىق: The opening <ref> tag is malformed or has a bad name. ئەمما گرېگورىئان تەقۋىمى بويىچە 1900 - يىلى كەبىسە يىلى ئەمەسلىكى نەزەردىن قاچقان، نەتىجىدە بۇ كۈن ئەسلىدە 1899 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە تەڭ بولغان.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

30- ڧېۋرال

31- ڧېۋرال

0- مارت

مەنبە[تەھرىرلەش]