30 - فېۋرال

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى 30- ڧېۋرال)
شىۋېت تەقۋىمى

ڧېۋرال ئېيى، ياكى ئەسكىچە ھۇد ئېيى. 28 كۈنلۈك (كەبىسە يىلى 29) ئاي. ئەمما تارىختا 3 كەرە، بەئزى ئەللەردە قىلىنغان ئۆزگەرتىشلەر بىلەن 30 كۈنگە چىقىرىلغان.

شىۋېتسىيە ۋە ڧىنلاندىيەدە (ئۇ يىللاردا ڧىنلاندىيە شۋېتسىيىگە قارام ئىدى)، جۇلىيان تەقۋىمىنىڭ 1700 يىلىدىن باشلاپ ۋە كەبىسە يىللارنى كەلگۈسى 40 يىل بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ گرېگورىئان تەقۋىمىگە ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان. بۇ ئەھۋالدا 1700- يىلى شۋېتسىيە ئۈچۈن كەبىسە يىل ئەمەس ئىدى.

نېمىلا بولمىسۇن، كۆزلەنگەننىڭ ئەكسىچە 1704 ۋە 1708- يىللار كەبىسە يىلى دەپ قەبۇل قىلىندى. بۇ ئەھۋال، شۋېت تەقۋىمىنىڭ جۇلىيان تەقۋىمىدىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئەمما گرېگورىيان تەقۋىمدىن 10 كۈن كېيىن قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ قالايماقانچىلىق، 1712- يىلى، ئىككى كەبىسە كۈننىڭ قوشۇلىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە يىللارغا 30- ڧېۋرال كۈنى قوشۇلۇپ ھەل قىلىنغان. بۇ كۈن، جۇلىيان تەقۋىمىدە 29- ڧېۋرالغا، گرېگورىيان تەقۋىمىدە 11- مارتقا ئۇدۇل كەلمەكتە ئىدى. شۋېتسىيەنىڭ گرېگورىيان تەقۋىمى ئۈستىدىكى ئۆزگەرتىش 1753- يىلى تۈزىتىلگەن.

1929- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ھەر ئاينى 30 كۈنلۈك ۋە قالغان 5 ياكى 6 كۈننى ھېچبىر ئايغا تەۋە بولمىغان دەم ئېلىش كۈنلىرى دەپ بېركىتىلگەن دەۋرىيلىك تەقۋىم يولغا قويۇلغان. 1930- يىلى ۋە 1931- يىللىرى ڧېۋرال ئېيى 30 كۈن كەلگەن، لېكىن 1932- يىلى، ئايلار نورمال ئۇزۇنلۇقىغا قايتۇرۇلغان.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

0- يانۋار

31- ڧېۋرال

0- مارت