28. قىينچىلىقنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىق

ئورنى Wikipedia

1.غەلىبە نەدىن باشلانغان؟

- ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە بىر قانچە يىل بۇرۇن ”ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە“ دېگەن بىر تېمىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى بولغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئويلاشقۇچى بولمىغانىدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۇ يىلى ئامېرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ فىزىكا پاكولتىتىغا تولۇق مۇكاپات بىلەن قوبۇل قىلىنغان بىر ئىنىمىزنىڭ دوستىدىن ئالغان خوش خەۋىرى مېنى بۇ تېمىغا باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 2009-يىلى ئۇنىڭغا مەكتەپداش ئىككى ئۇيغۇر يىگىت ئامېرىكىغا بىرئۇيغۇر قىز كورىيەگە ئوقۇشقا ماڭغانىكەن. بۇيىل ئۈچ مەكتەپداش ئۇيغۇر (ئىككى ئوغۇل بىر قىز) بىراقلا ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپتۇ. ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا ئوقۇغانلاردىن جىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىغان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە بەك تونۇش بولمىغان بىر شەھەردىن بىراقلا پارلىغان يۇلتۇزدەك ھەممىمزنى ئىپتىخارغا چۈمدۈرگەن ياشلارنىڭ چىقىشى مېنى بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلاتقۇزدى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان ھېلىقى ئىنىمىز بىلەن بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئاكا-ئىنىدەك ئۆتۈۋاتقاچقا بۇ ھەقتە پاراڭلاشتىم. ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ئېلخەتلىرى ھەققىدىمۇ ئويلۇدۇم، ھەم ئۆزەممۇ ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە شۇ يەردىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئالتە يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولغاچقا ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ غالىپلار سېپىگە بۇرۇنراق قېتىلىشىدىكى مەنىۋىي ئېنىرگىيە ۋە سىرلار ھەققىدە مۇنداق ئويلارغا كەلدىم.

ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە، بىلدۈرۈشكە ۋە ئىسپاتلاشقا مەجبۇر. ئۇيغۇردا ”مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس“ دېگەن ئاتا سۆزى بار. بىز بۇ ماقالدىن ئۇزاق مەزگىل چىگراغا، سۈنئىي ئىمكانسىزلىققا بەنت قىلىنغان خەلقىمىزنىڭ مۇسۇلمان دېگەن سۆز بىلەن ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى بىر مەنىدە قولىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇلارنىڭ ”مۇسۇلماننىڭ تىلىدا گەپ قىل“، ”مۇسۇلماننىڭ قىلىقىنى قىل“ دېيىشلىرىدىن ئۇيغۇر ئىبارىسى بىلەن مۇسۇلمان ئىبارسىنى بىر دەپ بىلىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداقكەن، ئۇيغۇرلۇق بىلەن مۇساپىرلىق نېمىشقا باغلىنىپ قالدى؟ ئۆزەم بىلىدىغان مۇسۇلمان مىللەتلەردىن سۈرۈشتۈرۈشۈمچە ئۇلاردا مۇنداق بىر ماقال يوقكەن. دانا بوۋا-مومىلىرىمىز بۇ ماقالدا ئەسلىدە ئىنسان ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندا، خەلقىدىن ئۇزاپ كەتكەندە بەكرەك بىلىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، ۋەتەن نېمە، ئۇيغۇرلۇق نېمە، ئىنسان نېمە دېگەن سوراقلارغا مۇساپىرلىقتا بىر قەدەر مۇكەممەل جاۋاپقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتمەكچى ئىكەن. ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇ ماقال ئارقىلىق بىزگە قالدۇرغان ھېكمىتى ھاياتتىكى سەپەرگە يەنى تەۋەككۈلچىلىككە، مۈشكۈلاتقا يۈزلىنىش، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ كىملىكى، كىم بولۇۋاتقانلىقى، كىم بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەققىدە كەسكىن قارارنىڭ خوجايىنى بولۇشقا ئۈندەش ئىكەن.

بىز قەشقەردە غېنى، غۇلجىدا نۇرى، خوتەندە ئېلى، پەقەت مۇساپىرلىققا قەدەم قويغاندىلا ئۇيغۇر بولىمىز. ئۇيغۇرلۇقىمىز خالايلى خالىمايلى باشقىلار تەرىپىدىن توختىماي ئەسكەرتىلىدۇ، دوق قىلىنىدۇ، سورىلىدۇ. ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ئوقۇغانلار بۇنداق سۇئالغا دۇچ كەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ رىقابەتدېشى يېنىدىكى تۈرگۈن ياكى ئەركىناي، ئۇ يەرلەردە ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى ھەممە ئادەم ”بىلىدۇ“. بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرگىدەك شارائىتمۇ، كىشىمۇ ئۆز غېمىدە. مەسىلەن: ماگىزىندا سېتىلىۋاتقان يىمەكلىكلەرنىڭ قايسى ھالال قايسى ھارام دېگەنگە ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار بەكرەك دىققەت قىلىدۇ. ھەرخىل سورۇنلاردا كىملەرنىڭ ھاكىمىيەت تىلى بولغان ئۇيغۇرچىدا كىملەرنىڭ ئاستىغا يېزىلىشى كېرەك بولغان خەنسۇچىدا سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار چىڭراق ئىگە بولىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە، بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلا ئەمەس شۇ بىلگەنگە ۋە بىلدۈرگەنگە لايىق ياشاشقا، ئىسپاتلىشقىمۇ مەجبۇر.

ئامېرىكىغا كەلگەن ئىنىمىزنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئەركىن سىدىق ۋە نەبىجان تۇرسۇنلارنىڭ ماقالىلىرىنى ياقتۇرىدىكەن. بولۇپمۇ ئەركىن سىدىق ئاكىمىزدىن كۆپ ئىلھام ئاپتۇ. بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرنىڭ تارىختا كىم بولغانلىقىنى يازىدۇ، يەنە بىرى كىم بولالالايدىغانلىقى ۋە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۈلگە تىكلەيدۇ. مەن ”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نى يېزىپ مۇشۇ كۈنگىچە پەقەت ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر سىتۇدېنتلاردىن ئەڭ كۆپ خەت تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇكا ئىنىلەرنىڭ كۆزىگە ئۇيغۇرچە خەت دۆڭ كۆۋرۈكتىكى جاپاكەش ناۋاي، ئۆيدىكى ئاچچىقى يامان دادىسىدەك كۈندە كۆرۈنۈپ ئادەتتىكىچە بىلىنگەن بىلەن ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرلۇقنىڭ بەلگىسى ۋە تەخىرسىز مەسئۇلىيەت بولۇپ تۇيۇلىدۇ.

ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە مۇستەقىللىق روھى كۈچلۈك. ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىلەيدىغانغا تۇرپان كورلىدىكىدەك ئاتا-ئانىسى، قەشقەر، ئۈرۈمچىدىكىدەك تاغىسى يا كى ھاممىسى يوق. ھەممە ئىشنى مۇستەقىل قارار قىلىش، مۇستەقىل داۋام قىلىش ئۇلارغا مۇتلەق يۈكلەنگەن. بۇنداق مۇستەقىللىق ئۇلارغا ئۆزى ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن ئىزدىنىشنىڭ نەقەدەر موھىملىقى، تەخىرسىلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. يات شارائىت ماسلاشقانلارنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئۈنسىز ئەسكەرتىدۇ. ئەڭ ئاددى بىر مىسال ئالسام، بىر ئوقۇغۇچۇم ئۆيىدە بەزى كۆكتاتلارنى يىمەيدىكەندۇق، تاماقنى بەك تاللايدىكەندۇق. ئىچكىرىدە ئوقۇش جەريانىدا تاماقلار ھالاللا بولسا ئىلغىماي يەيدىغان بولۇپتۇ. بىر ئوقۇغۇچۇم ئىچكىردە ئوقۇپ ماسلىشىشچانلىق يېتىلدۈرگەچكە ياغلىق تېڭىپ ياشاش ئۈچۈن ئىچكىرىدە ئىشلەۋېتىپتۇ. ئاتا-ئانىسى تويلۇق سوۋغات ئۈچۈن بەرگەن ئون مىڭ سوم پۇلنى بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىۋېتىشكە سەرپ قىلىپتۇ. ئۇ قىز ھەر تەتىلىدا يۇرتىغا قايتقاندا ياغلىقىنى ئالماسلىق ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرېۋىتىشكە مەجبۇر بولغانىكەن. مانا ھازىر ئىچكىرىدە يولدىشى بىلەن بىر شىركەتنىڭ خوجايىنى. ئۇلار يۇرتتا ئوقۇغان بولسا ئۆزىنىڭ كىملىكىگىمۇ قارار بېرەلمەس، قارار بەرگەن تەقدىردىمۇ قارارىغا لايىق ياشىيالماس بولغىيدى. يۇرتتىن ئايرىلىپ مەنىۋىي جەھەتتە تولۇق مۇستەقىل بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ماددىي جەھەتتىمۇ مۇستەقىل بولۇپ باشقىلارغا يارىدەم بەرگىدەك ھالغا كېلىشى ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇغانلىقى ۋە ياشىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيىسى ئوچۇق، نەزەر دائىرىسى كەڭ. مەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى موھىت ۋە ئىچكىرىدىكى موھىتنى تاق پەنجىرىلىك ئۆي ۋە ئازادە سەيناغا ئوخشىتىمەن. مەن ئۈرۈمچىدە ياشاش جەريانىدا ئىچكىرىدە ئوقۇپ يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن خىزمەتتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگەنلەر بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلارنىڭ 60 پىرسەتنى ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر بولۇپ چىقتى. ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق مىسال ئارمان شىركىتىنىڭ لىدىرى رادىل ئابلا. ئىچكىرىدە ئوقۇپ يۇرتتا ئوبدانراق خىزمەت تاپالماي ھازىر كۆكنۇر خەلقارا ئىمپورت ئېكىسپورت شىركىتىنى قۇرغان بىر ئىنىمىزمۇ ئازادە مەيداننىڭ بەختىگە مۇشەررەپ. بۇيەردە ئىككى ئوقۇغۇچىنى مىسال ئالىمەن. مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ماتېماتىكا پاكۇلتىتىدا بىر ئىنىمىز بولىدىغان سىنىپ بويىچە ئەڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇيتتى. ماگىستىرلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىدى. مەن ئۇنى قايتا ئىمتىھان بېرىشكە دەۋەت قىلىپ بىر شىركەتكە تونۇشتۇرۇپ قويدۇم. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ماڭىمۇ دېمەي يېزىسىغا كېتىپتۇ. ئاڭلىسام مۇئاۋىن يېزاباشلقى بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانمىش. ماتىماتىكا بىلەن يېزا باشلىقنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ يېزامدا تاساددىپى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. قولىدا ”36 تەدبىر“ دېگەن كىتابنىڭ خەنسۇچىسىنى كۆتۈرىۋاپتۇ. ئەييۇھەنناس!“ 30 ياشتىن ئاشقاندا مۇئاۋىن يېزاباش بولۇشقا كىرىشكەن بولساڭ، ئۆزەڭ باش بولغىچە ماكچىيىپ سېسىق 36 بولۇپ كېتىدىغان بولدۇڭ!“ دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە. يەنە بىر ئىنىمىز ئىچكىرىدە ئوقۇغان، مەنچە بەك ياخشىمۇ ئوقۇپ كېتەلمىگەن ئېدى. ئاڭلىسام تەتىللەردە شۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا ئىشلەپ، ئاشخانىنىڭ ئەلمى تەلمىنى بىلىپ قاپتۇ. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يۇرتتا خىزمەت تاپالمىغاندىن كېيىن شۇ خوجايىنغا ياردەملىشىپ باشقۇرۇشقا ئارىلىشىپتۇ. ئازراق پۇل، يول تاپقاندىن كېيىن ھازىر شۇ شەھەردە خېلى نامدار بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. ماڭا بىر تەتىلدە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ماقالە توپلىمىنى چىرايلىق تۈپلىتىپ كىتاپ قىلىپ ئالغاچ كەپتۇ. مانا بۇ تاق پەنجىرىلىك ئۆيدە ياشىغان، ئىددىيىسى زەنجىرلەنگەن، ئىنسانلىق ھىسسىياتى بۇرمىلانغان كىشى بىلەن ئازادە مەيداندا ئازادە پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا، باراۋەر رىقابەت موھىتىدا ياشىغان كىشىنىڭ پەرقى.

مەن تۈركىيەدىكى چېغىمدا تۈركىيەدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئاخىرى شۇنداق بىلىم يۇرتلىرىدا پروپېسسور بولغان ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم. مەن شۇلاردىن ئۈچ كىشىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپنى تۈگەتكەنلىكىنى بىلىمەن. تۈركىيەدە غەلىبىلىك ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئىچكىرىدە ئوقۇغانلارنىڭ سانى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك. مەن مۇشۇ كۈنگىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدىن، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىدىن ۋە ياكى ئۇيغۇر ئاپتونۇمدىكى ھەرقانداق بىر ئالى مەكتەپتىن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق كۇرۇسنى تۈگۈتۈپلا ئامېرىكىغا تولۇق مۇكاپات بىلەن ئوقۇشقا چىققانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. باشقا دۆلەتلەگە چىقىپ ئوقۇغانلارمۇ بەك ئاز. يۇرتتىكىلەردىن چىقالىغانلار بار لېكىن كۆپىنچە بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ياكى ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن چىقالاۋاتىدۇ. بۇنىڭدا سەۋەپ ھەرخىل، پاسپورت مەسىلىسى، شارائىت مەسىلىسى، تۈرلۈك كۆرۈنمەس دوقاللار…بار، ئەمما مەنچە ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئېرىشكەن يۇقارقى ئامىللارنىڭ يۇرتتا ئوقۇغانلاردا يوقلىقىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. باشتا تىلغا ئېلىنغان ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپتىن ئامېرىكىدەك دۇنيانىڭ پاراۋۇزىغا ياماشقان يۇقارقى ئېنى سىڭىللەرنىڭ ئۇتۇقلىرىدىكى سىرلار بۇلائەمەس.

2. غالىپلىقنىڭ ئەنگۈشتىرى ئاكامنىڭ بىر ئاغىنىسى بار بولىدىغان. ئىككى بالىسى مىسىردا ئوقۇيدۇ. ئانچە مۇنچە ئۆيىگە بېرىپ قالسام، مېنى ”چەتئەل كۆرگەن“ دەپ چوڭ بىلىپ مەن ئامراق بالىلىرىغا تېلىفۇن ئېلىپ بېرىدۇ. تېلىفۇننى ماڭا بېرىشنىڭ ئالدىدا ”خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما، ھەق ناھەق دەپ تالىشىپ زىدىدىيەتلەشمە، ئارتۇق پائالىيەتلەرگە چېتىلىپ قالما، ئادەم جىق يەردە گەپ قىلما، ئۆزەڭ بىلەن بولۇپ ھەممە ئادەمدىن ئېھتىيات قىل، تامنىڭمۇ قولىقى بار، شۇڭا ياخشىسى خەققە ئارىلاشما…“ دەپ تەربىيە بېرىدۇ. بۇنداق تەربىيەنى مەن بەك كۆپ ئاڭلىدىم. ئەمەلىيەتتە ۋەتەندە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى پەرزەنتلىرىنى مۇشۇنداق نەسىھەت قىلىپ چوڭ قىلىدۇ. بۇ تەربىيەنى كۈندە ئۆزىنى مىڭ جاپادا باققان ئاتا-ئانىسىدىن ئاڭلاۋەرسە سىڭمەي قالامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرتتا بۇ تەربىيەنى بېرىۋاتقانلار يالغۇز ئاتا ئانىلارلا ئەمەس. ئاتا-ئانا بىچارىلەر پەقەت ھەر چارشەنبە قاتناشقان سىياسى ئۆگىنىشنىڭ تەسىراتىنى بالىلىرىغا تاڭىدۇ، خالاس. بۇ گەپ موھىتقا تېخىمۇ جىپسىلىشىپ مۇھەببەت ۋە ئىدولوگىيەنىڭ تەھدىتىدە ياشاۋاتقان پەرزەنتلەرنى تاماق، ئۇيقۇ، راھەتتىن باشقىغا ئىتىبارسىز قارايدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنداق ۋەز-نەسىھەتلەر ئەلۋەتتە ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارغىمۇ قىلىنىدۇ، ئەمما ئاتا-ئانىلىق مىھرىگە ئورالغان بۇ ئۇيقۇ دورىسى ئىچكىرىدىكى چوڭ موھىتقا پەقەت ماس كەلمىگەنلىكى ئانچە ئۈنۈم كۆرسۈتۈپ كېتەلمىسە كېرەك. چۈنكى، ئارقا ئارقىدىن غەلىبە قىلىۋاتقان ئىچكىرىنىڭ بىر شەھرىدىكى بۇ غالىپلارنىڭ بىرىنجى ئەڭگۈشتىرى يۇقارقى تەربىيىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارنى غەلىبىگە ئۇلاشتۇرغىنى، ئاتا ئانىلارنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان تەشكىللىنىش ۋە ھەمكارلىق.

ئەسلى ئىچكىرىدىكى ئۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بىر ئانسامبىلى بولغانىكەن. كېيىن بالىلار بۇ ئانسامبىلنىڭ نامىنى قويۇپ بىر مۇۋەپپەقىيەت گورۇپپىسى قۇرۇپتۇ. مەزكۇر مەكتەپ شەھەرنىڭ بىرقانچە يېرىگە ئورۇنلاشقان، بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا ئۇيغۇر بالىلار ھەر ھەپتىسى جۈمە چۈشتىن كېيىن يىغىلىدىكەن. ئاۋال بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆگەنگەن بىلىم، ئاڭلىغان ئۇچۇرلار ھەققىدە يېرىم سائەت ئەتراپىدا مۇڭداشقاندىن كېيىن گورۇپپا ئەزالىرى ئۇچۇر ۋە بىلىملەر ئىچىدىن كۆپچىلىككە بىردەك ئالاقىدار بولغانلىرىنى ئورتاقلىشىدىكەن. بىلمىگەنلىرىنى كېلەر قېتىملىق مۇھاكىمىگە قالدۇرىدىكەن. تېمىلار ئىچىدە دائىملىق مەزمۇن ئېنگىلىز تىلى قىلىپ بېكىتىلگەنىكەن.

مۇۋەپپقىيەتنىڭ ئىككىنجى ئەنگۈشتىرى ۋاقىت بەلگۈلەپ توپلۇشۇپ چېنىقىش ۋە مەشرەپ. مۇۋەپپەقىيەت گورۇپپىسىدىكى يىگىتلەر جۈمە كۈنى يىغىلغاندا ئىككىنجى قىلىدىغان ئىش توپ ئويناش ۋە باشقا تەنھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش. ئۇلار خالىغانچە كۇماندىلارغا تەشكىللىنىپ پۇتبول ئويناش جەريانىدا توپ ماھىرلىرىغا ئايلىنىپتۇ. مەكتەپ دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ يۇرتداشلىرىنى ھاياجانلاندۇرۇپتۇ. مۇۋەپپەقىيەت گورۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ھېلىقى ئېنىمىز ھازىرمۇ تۈرك بالىلارنىڭ كوماندىسىدا كونا ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىپ يۈرىدۇ. قۇربان ھېيىت، روزا ھېيىتلاردا ئۆزلىرى قوي سويۇپ، مەشرەپ قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشىپتۇ. ئامېرىكىدىكى ھېلىقى ئۇكىمىز ئۇيغۇرچە ئۇسۇلنى شۇ مەشرەپلەردە ئۆگىنىپتىكەن.

ئۈچىنجى ئەنگۈشتەر ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە ئىزدىنىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئەركىن سىدىق، نەبىجان تۇرسۇن، ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە ”شىنجاڭ مەدەنىيىتى“ گە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى ھەر ھەپتىگە بۆلۈپ موھاكىمە قىلىپ مىللەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى بېيىتىپتۇ. بۇ بىلىم ۋە چۈشەنچىلىرى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان كەشپىياتلىرى، ھازىرقى سەنئىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپتۇ. نەتىجىدە خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ۋە گۈزەللىككە بولغان تەلپۈنۈشلىرى ۋە ئۇيغۇرنى تونۇتۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇپتۇ.

خۇلاسىلىغاندا، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى ئۇ شەھەردە ئوقۇپ ئامېرىكىدىكى مەشھۇر ئۇنۋېرىستىتلاردىن تولۇق مۇكاپاتلىق چاقىرىق تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇيغۇر قىز- يىگىتلەرنىڭ غەلىبىسى ئەمەلىيەتتە ھەمكارلىقنىڭ، تەشكىللىنىشنىڭ غەلبىسى. ئەلۋەتتە بۇ غەلىبىلەرگە يۇقارقى ھەمكارلىق ئىچىگە سىڭگەن قېرىنداشلىق، تاماسىز ياردەم ۋە رىقابەت ئۆزگىچە مەزمۇن قوشقان. ئاڭلىسام بۇ ئىنىلەر مۇشۇ پائالىيىتىنى ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىگە سۇنغان تەرجىمھاللىرىدا يېزىپتۇ. ئامېرىكىدا بىر ئادەمنىڭ تەشكىللەشتىكى رەھبەرلىك ماھارىتى ۋە تەشكىللىنىشتىكى ھەمكارلىق، ئورتاقلىشىش ۋە مۇرەسسە قىلىش روھى ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ تەرجىمھالىدىكى بۇ ئاكتىپ ئامىللار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپتۇ.

3. بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ؟ مەن ياش ئىنى سىڭىللەردىن ۋە دوستلاردىن داۋاملىق ”مېنىڭ قولۇمدىن نېمە كېلىدۇ؟“، “ سەن بىر ئادەم نېمە قىلالايتتىڭ؟“، “ ئۆزەڭنى بىل ئۆزگىنى قوي“ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلايمەن. ”بۇنداق ئوخشاش جۈملىلەرنى ئوخشىمىغان كىشىلەر قانداقسىگە بىراقلا يادىلىۋالغاندۇ؟“ دەپ قالاتتىم بەزىدە. ماڭا دوستلىرىنىڭ خۇش خەۋەرىنى يەتكۈزگەن ئامېرىكىدىكى بۇ ئىنىمىز بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مەزكۇر ئىنىمىز ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بېرىلىپ ئۆگەندى. ۋاقىت چىقىرىپ مۇۋەپپەقىيەت گورۇپپىسىدىكى ئىنى سىڭىللەرگە رىغبەت، مەسلەھەت، ئۇچۇرلارنى بېرىپ تۇردى. بىر يىل تىرىشىپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇيدىغان دەرسلەرنى تاماملاپ ئىككىنچى يىلى دوكتۇرلۇق لاياقەت ئىمتىھانىغا كىرىدى. مانا ھازىر بۇ ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلاپ بولدى. تېخى ئەمدىلا يىگىرمە تۆت ياشقا كىرگەن بۇ يىگىتنىڭ نەتىجىلىرى ئۇنىڭ ھايات يولىنىلا ئەمەس، ۋەتەندىكى دوستلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە تەشنا قەبلىرىنى يورۇتتى. بۇ يىل بىر ئوقۇتۇقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچى ئېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزى ئىشەنچ قىلغان بىر دوستىنى تونۇشتۇردى. ئىككى يىلدىن بېرى ئۇكىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولغان ئۇ پروپېسسور تونۇشتۇرۇلغان ئۇ ئۇيغۇر بالىنىمۇ ئۇزاققا قالماي تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلدى. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىكتىرون مۇتەخەسىسىسى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن يۇقۇرى مۇئاشلىق شىركەتلەرنى رەت قىلىپ يۇتا ئۇنۋېرىستىتىدا پروپېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان رەيھان بەكتۇر خانىم مۇنداق دەيدۇ “ ئۇكام، بەكمۇ ھاياجانلىق خەۋەركەن. سىز نەتىجىلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىتىنى، ئىرادىسىنى ۋە ئىجاتچانلىقىنى پاكۇلتىتىڭىزدىكىلەرگە ئىتىراپ قىلغۇزدىڭىز. سىز قالتىس ئىش قىدىڭىز، مەن سىزدىن ۋە سىزدەك ئۇيغۇر ياشلاردىن پەخىرلىنىمەن.“

مەن ئىنىمزدىن ئوقۇتۇقچىسىنى قايىل قىلشىتا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىسىدىن باشقا يەنە قايىسى ئامىلنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى سورۇدۇم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: پروپېسسورى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىكىدىن ئۇيغۇرچە ئوقۇپ، مەكتەپتە خەنسۇچە ئۆگىنىپ، ئىنگىلىزتىلىدا ئۆزلىگىدىن تىرىشىپ ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىنىڭ ماگىستىرلىق تەلىپىگە يەتكىدەك سەۋىيەگە ئېرىشكەن جاسارىتىگە قايىل ئىكەن. ئەسلى بۇ يىل مەزكۇر پروپېسسورغا ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ فىزىكا كەسپىنى تۈگەتكەن بىر قىزمۇ ئىلتىماس سۇنغانىكەن. ھېلىقى ئۇيغۇر ئىنىمىزدىكى قاتمۇ – قات قىيىچىلىقلار ئىچىدىن بۆسۈپ چىققان جاسارەت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەيئىتىدىكىلەرنى بىردەك قايىل قىلىپتۇ. فىزىكا ساھەسىدە خەلقارادا ئانچە نامى بولمىغان بىر مەكتەپنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر ئىنىمىز رىقابەتتە مۇشۇ ساھەدە ئەڭ ئالدىنقى مەكتەپنى تۈگەتكەن ئامېرىكىلىق قىزنى يېڭىپ چۈشۈپتۇ. يۇقارقى كەچمىشلەر كۆز ئادىمىزدىكى قىيىنچىلىقنىڭ بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىزگە مۇتلەق سەۋەپ بولالمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. پىشكەللىك ئىچىدىكى ھالىتىمىز ئەمەلىيەتتە بىزنى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىنسان قىلىپ تاۋلاۋېتىپتۇ.

بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ؟ 2009-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەن ئىنىمىز بىزگە شۇنداق دەيدۇ. ”بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئىرادىسىنى ئەتراپىغا جاكارلاش كېلىدۇ. ئۆز مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ غەلىبە يولىنى يورۇتۇش كېلىدۇ. ئوز قابىلىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ قابىللىقىغا باشقىلارنى قايىل قىلىش كېلىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ پەزىلىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قانداق ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈشكە قادىرلىقىنى جاھانغا بىلدۈرۈش كېلىدۇ. تەجرىبىلىرى ئارقىلىق قېرىنداشلىرىنى غەلىبىگە تەشكىللەش، ئىھام بېرىش، يىقىلغاننى يۆلەش كېلىدۇ“.


ئالدىنقى: 29. ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز

كـىيىنكى: 27. «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا