Jump to content

29- نەۋرۇز

ئورنى Wikipedia
ھۇد نەۋرۇز ئۈمىد
1 2 3 4 5 6 7
8 9 10 11 12 13 14
15 16 17 18 19 20 21
22 23 24 25 26 27 28
29 30 31 

29- نەۋرۇز ياكى 29- مارت ۋە ياكى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، مىلادى تەقۋىم بويىچە يىلنىڭ 88. (كەبىسە يىللاردا 89.) كۈنىدۇر. يىل سوڭىغا يەنە 277 كۈن باردۇر.

چوڭ ئىشلار

[تەھرىر]
  • 1933-يىلى 26-مارت ئابدۇجىلىل داموللام گۇما خەلقىنى قوزغاپ، شۇ كۈنىلا گۇمىنى قولغا ئېلىپ، قاغىلىق بىلەن خوتەننىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن.
  • 1830-يىلى ئىسپانىيە پادىشاھى 7-فېردىناند قانۇن چىقىرىپ، ئاياللارنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
  • 1945-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى شەرققە يۈرۈش قىلىش يولىدا فرانكفۇرت شەھىرىنى ئىشغال قىلغان.
  • 1964-يىلى سەئۇدى دىنىي ئۆلىمالىرى پەتىۋا چىقىرىپ، ۋەلىئەھدى فايسالنى دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرۇشىنى ھاۋالە قىلغان.«لېكىن ئاكىسى سەئۇدنىڭ كېسىلى بارغانسىرى يامانلاشقاچقا، ئۇ شۇ يىلى 2-نويابىر رەسمىي تەختكە چىققانىدى».
  • 1973-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى 50 مىڭدىن كۆپرەك قوشۇنىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئاخىرى ۋىيېتنامدىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن.
  • 1980-يىلى ئىئوردانىيە ۋەلىئەھدىسى ھەمزە تۇغۇلغان.«كېيىنچە ئۇنىڭ ئانا بۆلەك ئاكىسى، يەنى ھازىرقى ئابدۇللا ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، ئىنىسىنى نەزەربەنت قىلغان.».
  • 1989-يىلى خەلقئارا ئىسلام ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا مۇھەممەد بېريۇسسېلدا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
  • 2010-يىلى موسكۋا مېتروسىدا ۋەقە يۈزبىرىپ 38 كىشىنىڭ بېشىغا چىققان. كېيىنچە ۋەقەگە كاۋكازلىق دوكۇ ئۆمەروف مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

«ئەسلىدە 1999-يىلى سېنتەبىردە باشلانغان 2-قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشى 2009-يىلى ئاخىرلاشتى. بىراق شىمالى كاۋكاز جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن بولۇپ كەلدى.

توغۇلغانلار

[تەھرىر]
  • 1896-يىلى داڭلىق ئۆلىما ئابدۇجېلىل داموللام گۇما مۇپتىسى ئابدۇللا مۇپتى ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.«مۇپتى ھاجىم بۇ ئوغلىنى 1909-يىلى ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەن قۇتبىدىنشاھ ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەزرەتكە شاگىرتلىققا بەرگەن. تەجەللىىي ھەزرەت 1912-يىلى ئۇنى قەشقەردە يېڭى مەكتەپ ئاچقان داڭلىق دىنىي ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللامغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇ ئۇستازىنى ھەيران قالدۇرۇپ، 1915-يىلى ئالىي ئۇنۋان بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، گۇمىغا قايتىپ كەلگەن. 1928-يىلى يۇرت كېزىشكە چىققان م. بۇغرا گۇمىدا توختاپ «قاراقاش مۇپتى ئاخۇن» ناملىق بىر ئالىمنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ، چۆچەكتىكى مۇراد ئەپەندى يېنىغا كەتكەن.
  • 1898-يىلى داڭلىق ئىسلام دىنى ئالىمى، مۇتەپەككۇر ۋە فىقھىشۇناس مۇھەممەد ئەبۇ زۆھرە تۇغۇلغان.
  • 1899-يىلى سوۋېت KGB رەئىسى لاۋرېنتىي بېرىيا تۇغۇلغان.«دېيىلىشىچە سىتالىننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن كىشى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدىكەن».
  • 1929-يىلى سەئۇدى دىنىي ئالىمى مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن تۇغۇلغان.

ئۆلگەنلەر

[تەھرىر]
  • 1790-يىلى ئامېرىكا پىرىزدېنتى تايلېر ئۆلگەن.
  • 1891-يىلى گېرمانىيە شائىرى ئىۋان جۇل ۋاپات بولغان.

مەنبە

[تەھرىر]