9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە

ئورنى Wikipedia

ئاخشامى تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىمدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى، خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپ ئولتۇرسام ئىشىك بوش چېكىلدى. چىقىپ قارىسام، ئىككى ئۇيغۇر ئايال ۋە بىر ئون ئىككى ياشلار چامىسىدىكى قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. دەقىقە ئىچىدە مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە دەرھال ئېسىمگە كېلىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار مېنى سىرىتتا پاراڭلىشىقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى مۇشۇ مەكتەبتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەن يەنە بىرى لاۋرېنستىن ئۈچ سائەت يىراقتىكى بىر شەھەردە ياشايدىكەن، قىزچاق ھېلىقى ئۈچ سائەتلىك شەھەردىن كەلگەن خانىمنىڭ قىزىكەن، ئانىسى ئۇ قىزنى ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە دەۋەت قىلىۋېدى، شۇنداق خوش بولدۇم. قىزچاقمۇ ئۇيغۇرچە « تىنچ تۇردىڭىزمۇ» دېگەن سۆزنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلدى. قىزىنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئانچە راۋان ئەمەسلىكىنى ، تۇرىۋاتقان شەھرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغاچ قىزىنىڭ ئانا تىلدا پۇختا ئەمەسلىكىنى خىجىلچىلىق ئىچىدە بايان قىلىۋېدى، شەھىدە ئىسىملىك بۇ ئۆلچەملىك ئۇيغۇر چوكاندىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. شەھىدە مېنى كۆرۈپ مەندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلانغان بولسا كېرەك، ماشنىسىنى ھەيدەشتە ئۆزى ئەڭ تونۇش يولدىمۇ راۋان ماڭالماي تولا ئازدى، سۆزلەپ ھارمايتتى، قەشقەرنى، غۇلجىنى ،خوتەننى، كۇچانى، سورايتتى، ئۈرۈمچىدە يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويغان ئاخرلىقى لەغمەن، ئاچچىقىدا ئۇرۇشۇپ سالغان ئۇيغۇرخىزمەتدېشى، قوپاللىقى ئۈچۈن دەككسىنى يىگەن ئۇيغۇر ساقچى، قاتارلىقلار ھەققدىدە سېغىنىش ئىلكىدە قىزىشىپ سۆزلەيتتى. كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەرنى بىر-بىرلەپ سانايتتى، ئۇلاردىن ماڭىدىغان چاغدا ئانا تىلىدا كەچۈرۈم سورىۋالمىغىنىغا نادامەت چېكەتتى.بىز ئاۋال ئولاش -چولاش كىنو كۆرگەن بولدۇق، لېكىن كىنو بىزنى كۆردىمۇ ياكى بىز كىنونى كۆردۇقمۇ بىلەلمەيلا زالدىن قايتىپ چىقتۇق. نېمە يەيدىغانلىقىمنى، نېمەدېسەم ئېتىپ بېرىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

مېنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەممىنى يىگۈم بارتى، تاللاشقا مەجبۇر بولغىنىم ئۈچۈن چۆچۈرىنى تاللىدىم. ئۇلار بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر ھالال قوي گۆشى ساتىدىغان قاسساپتىن ئالغان گۆش بىلەن چۆچۈرە قىلىشقا تۇتۇندى.( بۇ يەردە قوي، كالا، توخۇ قاتارلىق گۆشلەرنى تاپماق تولىمو قولاي بولسىمۇ، لېكىن ھالاللىرىنى تاپماق ئاسان ئەمەسكەن، چۈنكى بۇ شەھەردە ئامېرىكىنىڭ يېڭى كۆچمەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلاشقان چىكاگۇ، لوس ئانجىلىس، نىيويورك قاتارلىق شەھەرلىرىدىكىدەك مۇسۇلمانلار كۆپ ئەمەسكەن. گەپ ھالال تاماق مەسىلىسىگە كەلگەندە شۇنى قوشۇمچە قىلاي: ئايرۇپىلاندا كالا، توخۇ گۆشىدىن قىلىنغان تاماقلارنى باشقىلارغا سۇنغان ئامېرىكىلىق ھاۋاقىز ماڭا قاراپ « سىزنىڭ ھالال تامىقىڭىز ھازىلا كېلىدۇ » دەپ ئەسكەرتكەندە شۇنداق سۆيۈندۈم، دېمەك ئۇ ھالال تاماقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىكەن. كېيىن بىلىشىمچە ئامېرىكىدا ھالال يىمەكلىكلەر قانۇنى بار ئىكەن، بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئۇلار ھېلىقى گۆشتىن باشقىنى ھالال دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالمايدىكەن. بىزنىڭ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىدە تاماقلار ئۈستىگە ھالال دەپ يېزىپ قويىلىدۇ، نەدىن يولغا چىقسىڭىز «مۇسۇلمانچە» دەپ يېزىلغان تاماق ئالدىڭىزدا ھازىر، لېكىن ھاۋاقىزلاردىن سورىسىڭىز « ئەلۋەتتە ھالال، ئىشلەتكىنىمىز توخۇ ۋە كالا گۆشى » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. 20 مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ياشايدىغان دۆلەتتە ھالال يىمەكلىكلەر قانۇنى كۈنتەرتىپكە قويولمىغان.

ئىچكىرىنىڭ ھەممە يېرىدە مۇسۇلمان ئاشخانىسى بار، سورىسىڭىز ئوخشاش «بىز چوڭ گۆش ئىشلەتمەيمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ. ھەتتا بېيجىڭدىكى خېلى كۆپ زىيالىمۇ ھالال تاماق ھەققىدە بايىقى قاراشتا). گەپ يەنە ئۇيغۇرلارغا كۆچتى، ئۇيغۇرۇم يەنە تۈگىمەس ئەيپلەردە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى، بىر ئاز سەبرە قىلدىم، چۈنكى مەن مۇنۇ قېرىداشلىرىم بىلەن تېخى بايىلا تونۇشقانىدىم. كۆڭلۈمدە « تونۇمىغان، ئۆمرىڭىزدە ئۇچراتمىغان بىر ئۇيغۇرنى قورقماي ئۆيىڭىزگە باشلايسىز، ئۈچ سائەت يول يۈرۈپ ئىزدەپ كېلىپ تاماق ئېتىپ بېرىسىز، بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېسىللىكى ئەمەسمىكەن؟ ياكى سىلەر ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟». ئاخىرى ئويلىغانلىرىمنى ئېيتتىم. ئۇلار تۇرۇپلا قېلىشتى، لېكىن يەنە « سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن قاراڭ، ئۇيغۇر دېگەن تولىمۇ گۇمانخور كېلىمىز، بىر بىرىمىزدىن كەچكىچە ئەنسىرەپ، خۇدۈكسىرەپلا ياشايمىز، ئەگەر بۇنىڭغا ياق، دېسىڭىز، سىز نېمىشكە بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئىزدىمىدىڭىز؟ نېمىشكە بىز ئىزدەپ كىرمىگىچە كەسپدېشىڭىز ماھىنۇرنى ئىزدىمىدىڭىز؟» باشقا گەپ قىلمىدىم، لېكىن مېنىڭ ئۇ دوكتۇر كەسپدېشىمنى ئىزدىمىگەنلىكىم گۇمانخورلۇقۇمدىن ئەمەس، تونىمىغان بىر ئادەمگە قانداق گەپ ئېچىشنى بىلمىگەنلىكىمدىن ئېدى. « سىز خەنزۇۋان (مىنكاۋخەن)مۇ-يە، ھەپتىگىچىمۇ بىر ئۇيغۇرنى ئىزدىمىگىنىڭىزگە قاراپ بىز سىزنى چوقۇم شۇنداق دەپ ئويلىغان». توغرا، مېنىڭ بىر ئۇيغۇرنى ئىزدىمەي باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنىمۇ خالىماي، ئۆزەممۇ باشقىلارغا ئاۋارە بولۇشنى ئىستىمەي بۇنداق مۆڭ يۈرۈشۈمنى ئۇلار شۇنداق چۈشەندۈرسە ۋە چۈشەنسە ھەق. بەلكىم مەن ئىچكىرىدە ئۇزاق ئوقۇپ ۋە ئىشلەپ كەتكەچكە خەنزۇۋانلارغا ئوخشاپ قالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن. گۇمانخورلۇق، خۈدۈكسىرەش، ئەنسىرەش قاتارلىقلار مەنچە مەندە شىنجاڭدا ئۇزاق ياشىغان دوستلىرىمدىكىدەك ئېغىر ئەمەس.

مەن ئۇلارغا تۈركىيەگە بارغىنىمدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەندىن گۇمان قىلغنىنى سۆزلەپ بەردىم. توۋا كۈلكىلىك يېرى مەندىن گۇمان قىلغانلار جىياڭسۇ، جې جىياڭلىقلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ كۈن ئالىدىغان بالىلار ئېدى. توۋا دەيمەن، شۇلاردىن سوراپ باقسام دەيمەن، ”مېنى ئىشپىيۇن دەيسەن، سەن كەينىڭگە مەن چۈشكىدەك نېمە ئىش قىلغانتىڭ، قايسى ئىشپىيۇن سەنلەردەك بېدىك، ۋاستىچىلارنىڭ كەينىدىن يۈرەر؟“ بېشىمدىن ئۆتكەن يۇقارقىدەك ۋەقەلەر ئارقىلىق، مەن ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق، سەۋەبسىز خۇدۇكسىرەش، زىيادە دېلىغولدۇۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن بىزگە چاپلاشقانلىقى توغرىسىدىكى قاراشىقا قوشۇلدۇم. ئۇلار مۇشۇ ئىللەتلەتنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناقلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللىقىنى تەكىتلەشتى، مەن بۇنىڭ ئىتىپاقلىققىلا ئەمەس، تەرەققىياتىمىزغا ۋە مەۋجۇدلۇقىمىزغا خەۋپ كەلتۈرىۋاتقان تەھدىدلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم. راستىمنى دېسەم مەنمۇ تا ھازىرغىچە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقانلىقىمغا گۇماندا ئېدىم، ئايرۇپىلانغا چىقىۋېتىپمۇ خۇددى ھېلى بىر كۆرۈنمەس قول مېنى تارتىپ چۈشۈرېۋېتىدىغاندەك، تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈۋېتىپ ھېلى بىر ساقچى مېنى ئايرىم سوراق قىلىدىغاندەك، سومكامدىن ھېلى بىر نەرسە چىقىپ مېنى بالاغا قويىدىغاندەك ۋەسۋەسىلەر بىلەن بەك قىينالغان ئېدىم. بەلكىم بۇ خىل كەيپىيات باشلىقلىرىم توختماي بىر يېرىم يىل ئاچقان يېغىننىڭ، ۋە ھەر يىغىندا تەكىتلىنىدىغان قورقۇنۇشلۇق ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پىسخكامدىكى يارىسىدۇر. ئەگەر مەنمۇ دوستلىرىمدەك مۇنداق يىغىننى ئون نەچچە يىل ئاڭلىغان بولسامچۇ؟ ئىچكىرىدە ئىشلىگەنلىكىمگە تەسبىھلەر ئېيتتىم.

ۋەتەندىن ئېلىپ كەلگەن نان بىلەن ئۇلارنى مىھمان قىلدىم، ناننى ئېلىپ كۆزلىرىگە سۈرۈپ كېتىشتى. شەھىدە ناننى كۆرۈپ ئۇخلاپ قالغان قىزىنى ئويغاتتى. لېكىن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان قىز ناننى كۆرۈپ ئانىسىدەك ھاياجانلانمىدى. ئەتىسى ئۇلار سەپەرگە چىقىدىكەن، مېنىڭمۇ رەسمىيەت ئۆتەيدىغان ئىشلىرىم بار ئېدى، شۇڭا ئامالسىز خوشلاشتۇق، ئەمما ئورنۇمدىن تۇرۇپ خوشلىشىش ئۈچۈنمۇ يېرىم سائەت كەتتى، ياتاققا كىرىپ سائەتكە قارىسام سىتىرلكا ئەتىگەن سائەت تۆتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ياتاقدېشىم ئادىتى بويىچە تېخىچە ئۇخلىماپتۇ، ئۇلارغا بۈگۈنكى خۇشاللىقىمنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ ئاغزىنى ئاچقانچە ھەيرانلىقتا گېپىمنى ئاڭلىدى، « بۇنداق ئىشلار، مەنچە ئەگەر دېگەنلىرىڭ راست بولسا پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا قالدىمىكىن، ماڭا جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، مېنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلغۇممۇ كېلىپ كەلمەيدۇ، ئۇلارمۇ ماڭا پەرۋا قىلىشمايدۇ. ئەگەر سەن بۇ گەپلەرنى ماڭا دېمىگەن بولساڭ مەن دۇنيادىكى ھەممە مىللەت مۇشۇنداق بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالار كەنمەن » دېدى قويۇق جەنۇبى جۇڭگۇ تەلەپپۇزىدا.يانچۇغۇمنى سىلاپ قويدۇم، ماھىنۇر ئىشلىتىشكە بەرگەن ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى، خۇداغا شۈكۈر، ئەتىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىشلەتكەن قازانغا پىلتە قىلىپ قويۇلغان لەغمەننى سېلىپ، تۈگۈپ قويۇلغان چۆچۈرىلەرنى پۇشۇرۇپ، بىر قانچە كۈن ئۇيغۇرچە جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدىغان بولدۇم.


ئالدىنقى: 10. ئامېرىكىدا ئەمەلگە ئاشقان ئاپتۇنومىيەم

كـىيىنكى: 8. سالام، ھۆر شىتات