Ajax

ئورنى Wikipedia

AJAX (Asynchronous Javascript and XML) بولسا نۆۋەتتىكى تور كۆرگۈچلەردە javascript قوليازما تىلى ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان بارلىق تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ . گەرچە Ajax يېڭى بىرخىل تېخنىكىنى ئوتتۇرغا چىقىرالمىسىمۇ، قىستۇرما (嵌套)ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بۇ تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ . ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، Ajax تۆۋەندىكى تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

1 . XHTML ۋە CSS

2. ئارخىپ ئوبىكىت مودلى : Document Object Model

3. XML ۋە XSTL

4. XMLHttpRequest

5. javascript

ئەنئەنىۋى تور پروگراممىرلىقى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ھازىرقى تور پروگراممىرلىقى تىنىچ بەتتىن پايدىلىنىپ Ajax نى ئىشقا ئاشۇرمايدۇ . Ajax نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئېيىتقاندا، تور بېكەت بىر قانچىلىغان بېكەتلەردىن تەكىب تاپىدۇ، ھەر بىر بەت بولسا ئەمەلىيەتتە بىر كىچىك بولغان Ajax نىڭ قوللىنىلىشى . بەزى كىچىك بولغان Ajax قولىنىلىشى پەقەت بىرلا بەتتىن تەكىب تېپىشىمۇ مۇمكىن، مەسلەن كىچىك بولغان RSS ئوقۇغۇچ . ھەر بىر بەت javascript ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان Ajax قوشۇمچە ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . بۇ قوشۇمچە ھۆججەتلەر XMLHttpRequest ئوبىكىتىنى ئىشلىتىپ، قەدەممۇ - قەدەم يەتكۈزۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مۇلازىمىتىر بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، مۇلازىمىتىردىن ئىھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرنى ئالغاندىن كىيىن، DOM API ئارقىلىق بەت يۈزىدىكى بىر قىسىم مەزمۇننى يېڭىلايدۇ . ئىشلەتكۈچى يېڭى ئۇچۇر مەزمۇنىنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، ئەنئەنىۋى تور قۇرۇلمىسى مۇلازىمىتىرنىڭ بارلىق ئۇچۇرلارنى قايتۇرۇشىنى ساقلاپ، ئاندىن پەتنى يېڭىلايتتى ؛ لىكىن Ajax بولسا پەقەت ئۆزى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئۇچۇرلارنىلا تەلەپ قىلىدۇ ۋە شۇ ئىھتىياجلىق بولغان رايۇننىلا ئۆزگەرتىدۇ، ھەرگىزمۇ پۈتۈن بەتنى تولۇق يىڭىلاپ ئولتۇرمايدۇ . بۇ خىل ئىقتىدار ئىشلەتكۈچى تەلەپ قىلغان ئۇچۇرلارنىلا يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇچۇر يەتكۈزۈش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ تور قۇرۇلمىسىغا بولغان بېسىمنى كىمەيتىدۇ .

Ajax نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئەمەلىيەتتە، Ajax ئىشلەتكۈچى بىلەن مۇلازىمىتىر ئارىسىدا بىر ئوتتۇرا قاتلامنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى بىلەن مۇلازىمىتىر ئارىسىدا قەدەملىك مەشخۇلات(باسقۇچلار بويىچە) شارائىتى ھازىرلايدۇ . ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئەنەنىۋى تور قۇرۇلمىسى، ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ يوللىغاندىن كىيىن، بۇ ئۇچۇرلار مۇلازىمىتىرغا بارىدۇ، مۇلازىمىتىر بۇلارنى ماس بولغان ئۇچۇر بىر تەرەپ بىر تەرەپ قىلىش مۇھتىغا يوللايدۇ (مەسلەن، مەلۇم خىل قوليازما تىلى پروگراممىسى)، بۇ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن پۈتۈنلەي يېڭى بولغان بەت يۈزى ئۇچۇرلىرىنى قايتۇرىدۇ . لىكىن Ajax نى ئىشلەتكەندە، javascript تېخنىكىسى بىلەن XMLHttpRequest ئوبىكىتى توې بېكەت پېوگراممىسى بىلەن مۇلازىمىتىر ئارلىقىغا قويۇلىدۇ . ئىشلەتكۈچى ئۇچۇر يوللىغاندا بۇ ئۇچۇرلار ئالدى بىلەن javascript كودىغا يوللىنىپ بېرىلىدۇ، ھەرگىزمۇ بىۋاستە مۇلازىمىتىرغا يوللانمايدۇ، ئەكىسچە بۇ ئۇچۇچلارنى javascript كودى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇلازىمىتىرغا تەلەپ ئۇچۇرى يوللايدۇ . شۇنداقلا ئىشلەتكۈچى تەرەپ تولدۇرغان ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنىمۇ ئۆچۈپ كەتمەي تۇرىدۇ . مۇشۇندا قىلىپ javascript كودى يوشۇرۇپ ھالەتتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ جەريانلارنى سەزمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇچۇرلار قەدەممۇ - قەدەم يوللىنىدىغان بولۇپ، تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئىشلەتكۈچى يەنە داۋاملىق تولۇقلاپ تاپشۇرالايدۇ . (ئەسلىدىكىلىرى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ، ئەگەر Ajax ئىشلىتىلمىسە بەت بىر يېڭىلانغاندىن كىيىن تولدۇرۇلغان ئۇچۇرلار يوقىلىدۇ - دە يەنە باشتىن تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ) ئاندىن كىيىن مۇلازىمىتىر ئۇچۇرلارنى يەنە javascript كود بۆلىكىگە يوللاپ بېرپ، ئاندىن كىيىن بۇي ئۇچۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ . مۇشۇنداق قىلىپ بۇ جەرياندىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەريانى تىز سۈرەتتە ئېلىپ بېرىلىپ پروگرامما سۈرىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشىغىمۇ قولايلىق بولىدۇ.