Cۋە ++C نىڭ تارىخى

ئورنى Wikipedia

++C بولسا C دىن تەرەققى قىلقپ كەلگەن، C مۇ ئوخشاشلا تىخىمۇ ئاۋالقى ئىككى پروگىرامما تىلدىن تەرەققى قىلىپ كەلگەن. بۇ ئىككى تىل بولسا BCPL ۋە B تىلى. BCPL بولسا Martin Richards(ئادەم ئىسمى) 1967- يىلى ئاچقان بىرخىل پروگرامما تىلى بولۇپ، مەشخۇلات سىشتىمىسى دىتالى ۋە مەشخۇلات سىشتىمىسى تەھرىر- تەرجىملىگۈچىسى تۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. كىيىن بېل تەجىربىخانىسدىكى Ken Thompson (ئادەم ئىسمى) BCPL نى ئاساس قىلىپ ، ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنى تەقلىد قىلىپ B تىلىنى ئىچىپ چىققان.1970 – يىلى بېل تەجىربىخانىسىدا، Ken Thompson ئ B تىلى ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپكى UNIX مەشخۇلات سېستىمىسىنى تۈزۈپ چىققان. C تىلى بولسا بېل تەجىربىخانىسىدىكى Dennis Ritchie ئ B تىلى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ چىققان. C تىلى BCPL ۋە B دىكى نۇرغۇن موھىم ئۇقۇملارنى داۋاملىق قوللانغان. C تىلى دەسلەپتە UNIX نىڭ ئاچما تىلى بولۇشى بىلەن تونۇلغان. ھازىرقى كۆپ قىسمدىكى مەشخۇلات سىستىمىلىرى يەنىلا C ۋە(ياكى) ++C بىلەن تۈزلگەن. C تىلىنى نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى ھېسابلاش ماشىنىلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ قاتتىق دېتال بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەبسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئوخشىمىغان ھىسابلاش ماشىنسى (قاتتىق دىتال دىتال سۇپىسى) دا C نىڭ كەڭ ئىشلىتىلىشى نۇرغۇن تۈر (ۋارىيانت) لەرنى ھاسىل قىلدى . ئوخشىمىغان سۇپىلاردا ئىجرا بولىدىغان كۆچمە پروگرامما يىزىش خىيالى بار پروگرامما ئاچقۇچىلار ئۈچۈن بۇ بىر چوڭ توسالغۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا C تىلى بىر ئورتاق ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن نۇسخىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئامىركا دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈش جەمىيتى (ANSI) بىلەن خەلىقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش جەمىيتى (IOS) ئ C تىلى يەرشارىدا ئۆلچەملىشىش خىزمىتىگە كۈچ چىقىرىپ، 1990- يىلى بىرلەشمە ئۆلچەم ئارخىپىنى ئىلان قىلغان، يەنى ANSI/IOS 9899:1990.

++C بولسا C غا بولغان بىر كىڭەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، بېل تەجىربىخانىسىدىكى Bjarne Stroustrup (ئادەم ئىسمى) 20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مۇۋاپىقيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقىلغان. ++C نۇرغۇن ئۆزەئىچە ئالاھىدىلىكلەرنى تەمىنلىگەن بولۇپ C تىلىنى تىخىمۇ ”رەتلىك“ كۈرسەتتى. ئەممە ئەڭ موھىمى، ++C ئوبكىتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما تۈزۈش (Object oriented programming – oop) ئىقدىدارى بىلەن تەمىنلىگەن.

C++ How to Program, Fifth Edition by H.M Deitel and P.J Deitel دىن تەرجىمە قىلىندى.