FreeBSD

ئورنى Wikipedia

بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى BSD ئائىلىسىنىڭ ‎386BSD دىن كىلىپ چىققان بولۇپ بىركلى ئۈنىۋېرسىتىدىن بىل جولتىز ئىنتىل مەركىزى بىر تەرەپ قىلىش سىستىمىسى ئائىلىسىنىڭ x386 تىپىى ئۈچۈن لاھىلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ئىنتىل تىپىدىكى ماشىنىلاردا ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلالايدۇ ( ئالفا ۋە باشقا مەركىزى بىر تەرەپ قىلىش سىستىمىلىرىنىمۇ قوللايدۇ ) .

بۇ سىستىما تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ 6. نەشىرى مەيدانغا كەلدى، ھازىر ئىنتىل تىپىدىكى ماشىنىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇنەۋۋەر، خاتاسىز مەشغۇلات ئېپبارالايدىغان ھەم كۈچلۈك تور مۇلازىمىتىرى بولالايدىغان ھەقسىز مەشغۇلات سىستىمىسى ھېساپلىنىدۇ.

تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ۋە ياردەم جەھەتتىنمۇ FreeBSD ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدو، FreeBSD ئۈچۈن تۈزۈلگەن ياردەم ۋە ئالاقە گوروپپىلىرى، FreeBSD نى تەرەققى قىلدۇرىۋاتقان پروگراممىرلار سانى ۋە سۈپىتى جەھەتتىن بولسۇن ھەم شۇنداق.

قاچىلاش جەھەتتىن ئەڭ قولاي بولغان ‎‎FreeBSD نى سى دى ياكى يۇمشاق دىسك ئارقىلىق قاچىلىغاندىن باشقا يەنە توردىن بېۋاستە قاچىلىغىلى بولىدۇ.

ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى يەنە ئۇنىڭ لىنۇكس ۋە سولارىس مەشغۇلات سىستىمىلىرىنىڭ (KDE,Gnome, X windows ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئىشلەيدىغان بارلىق پروگراممىلارنى) قوللايدىغانلىقىدۇر.

ئۇندىن باشقا يەنە FreeBSD گە خاس بولغان 5000 دىن ئارتۇق پروگراممىنى تور بېكىتىدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ . بۇلار Port دەپ ئاتىلىدۇ.

FreeBSD تور بېكىتىدە يەنە ھەقسىز FreeBSD نى ئۈگىتىش قوللانمىسى ۋە كىتاپلىرى بار. شۇڭا بۇ سىستىما ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەقسىز مەشغۇلات سىستىمىسى ھېساپلىنىدۇ .

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ FreeBSD ئىنتىرنېت دۇنياسىدىكى تونۇلغان بىكەتلەرنىڭ تاللانغان، ئەڭ ئېغىر تىپتىكى مەشغۇلاتلىرى ئۈچۈن مۇلازېمىتىر مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ كەلمەكتە، بۇلاردىن ياھۇ، مايكروسوفت ھوتمېل ۋە باشقىلار بار.

نۆۋەتتە بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان، مەخسۇس ئادەتتىكى ( كومپيوتېر سەۋىيەسى نورمال ) شەخسلەرنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن گرافىك سۇپا (X windows , KDE ) بىللە قۇشۇپ لاھىيلەنگەن DesktopBSD ۋە ‎‎PC BSD سىستمىلىرى بارلىققا كەلدى، بۇلار FreeBSD نى قوللىنىشچان ۋە كۆركەم شەكىلدە قوللانغۇچىلارغا سۇنماقتا .

تور بىكەتلەر

http://www.freebsd.org

http://www.freebsgmall.com

http://www.desktopbsd.net

http://www.pcbsd.org