GNU

ئورنى Wikipedia

جنۇ (GNU) بىر كومپيۇتىر مەشغۇلات سىستىمىسى بولوپ،پۈتۈنلەي ھەقسىز يۇمشاق دېتاللاردىن تۈزۈلگەن. سىستىما لايھىلىنىش جەھەتتە يۇنىكس(Unix) قا ئوخشاشسىمۇ،لىكىن ھەقسىز يۇمشاق دېتال ھەم ھىچقانداق يۇنىكس كودى ئىشلەتمەسلىك بىلەن يۇنىكستىن تۈپتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.


جنۇ 1983-يىلى رىچارد ستالمان(Richard Stallman) تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان بولوپ، ھەقسىز يۇمشاق دېتال فوندى(FSF) نىڭ ئەسلى مەركىزى تېمىسى بولغان.

سىستىمىنىڭ ئاساسى قىسمى GNU Compiler Collection (GCC) GNU Binary Utilities (binutils), the bash shell, the GNU C library (glibc), and GNU Core Utilities (coreutils) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1992-يىلى فىنلاندىيەلىك لىنۇس تورۋالدس ئۆزىنىڭ يۇنىكسقا ئوخشايدىغان كېرنىلىنى(kernel=سىستىما مەركىزى قىسمى،مىغىزى) ياساپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن لىنۇكس كېرنىلى بىلەن جنۇ سىستىمىسىدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈن سىستىما بارلىققا كەلدى.ئارقىدىنلا بۇ خىل سىستىمىنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بىز ئادەتتە ئىيتىدىغان لىنۇكس سىستىمىسى مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان بولوپ، لىنۇكس دەپلا ئاتاش توغرا ئەمەس، چۈنكى لىنۇكس پەقەت كېرنىلنىڭ ئىسمىلا خالاس، بىرلىككە كەلگەن قائىدە بويىچە بۇ خىلدىكى سىستىمىلار جنۇ/لىنۇكس(GNU/Linux) دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. 2005-يىلدىن باشلاپ جنۇ ئۆزىنىڭ سىستىما مەركىزىنى(كېرنىلى) پۈتۈپ(ئادەتتە Hurd دەپ ئاتايدۇ) يىڭى نۇسخىلىرىنى ئىلان قىلدى.

جنۇنىڭ نۆۋەتتىكى تارماق سىستىما ناملىرى:

Bee GNU/Hurd
Debian GNU/Hurd

جنۇنىڭ ئۆزىنىڭ Hurdنى ئىشلەتمەيدىغان نۇسخىلىرىدىن: جنۇ/لىنۇكس (GNU/Linux)---ھازىر ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان جنۇ تېپىدىكى سىستىما

Debian GNU/kFreeBSD
Debian GNU/NetBSD
Nexenta OS

نوپوزلۇق تور ئادرىسى: http://www.gnu.org/ http://www.gnu.org/