HTTP

ئورنى Wikipedia

HTTP كىلىشىمى بولساHyperText Transfer Protocol ئادەتتىن تاشقىرى تېكىسىت يەتكۈزۈش كىلىشىمىنىڭ قىسقارتىلىپ يىزىلىشى بۇلۇپ، ۋەۋېينىڭ تورى مۇلازىمىتىرى تىكىستىنى يەرلىك مۇلازىمىتىرغا يەتكۈزۈپ بىرىشتە قوللىنىدىغان كىلىشىمدۇر.  

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

HTTP كىلىشىمى بولساHyperText Transfer Protocol ئادەتتىن تاشقىرى تېكىسىت يەتكۈزۈش كىلىشىمىنىڭ قىسقارتىلىپ يىزىلىشى بۇلۇپ، ۋەۋېينىڭ تورى مۇلازىمىتىرى تىكىستىنى يەرلىك مۇلازىمىتىرغا يەتكۈزۈپ بىرىشتە قوللىنىدىغان كىلىشىمدۇر.

  HTTP بولسا Tcp IP  ئالاقە كىلىشىمى ئاساسىدا سانلىق مەلۇمات يەتكۈزىدۇ.( HTML ھۆججەت، رەسىم ھۆججەت، تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىق.)

HTTP خىزمەت پىرىنسىپى؛

HTTP كىلىشىمى ئابونت تەرەپ – مۇلازىمەت تەرەپ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە خىزمەت قىلىدۇ. تور كۆرگۈچ HTTP  ئابونت تەرەپ بۇلۇش سۈپىتى بىلەن UPL  ئارقىلىق HTTP  مۇلازىمەت تەرەپكە ۋە WEB  مۇلازىمىتىر تەرەپكە بارلىق تەلەپلەرنى يوللايدۇ.

WEB   مۇلازىمىتىر : APACHEمۇلازىمىتىر ،  LLSمۇلازىمىتىر قاتارلىقلار.

WEB مۇلازىمىتىر تاپشۇرۇۋالغان تەلەپكە ئاساسەن ، ئابونت تەرەپكە ماس ھالدىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىدۇ.

HTTP ئېتىراپ قىلىنغان ئېغىز نومۇرى 80.بىراق سىز يەنە ئۆزگەرتىپ 8080 قىلىۋالسىڭىزمۇ ياكى باشقا ئېغىزغا ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

HTTP توغرىسىدىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ ئىش:

HTTP ئۇلانمىغان. ئۇلانمىغاننىڭ مەنىسى ھەر قېتىملىق ئۇلىنىشتا پەقەت بىرلا تەلەپنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. مۇلازىمىتىر ئابونىتنىڭ تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىپ بۇلۇپ ، ئابونتنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن ، دەرھال ئۇلىنىشنى ئۈزىۋىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ، يەتكۈزۈش ۋاختىنى تىجىگىلى بولىدۇ.

HTTP تاراتقۇ مۇستەقىللىقى؛ بۇ شۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇكى ، پەقەت ئابونت تەرەپ ۋە مۇلازىمىتىر تەرەپ سانلىق مەلۇمات مەزمۇنىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلسىلا ، ھەر قانداق تۈردىكى سانلىق مەلۇماتنى HTTP  ئارقىلىق يوللاشقا بولىدۇ.

HTTP ھالەتتە ئەمەس؛ HTTP كىلىشىمى ھالەتسىز كىلىشىم . ھالەتسىز دىگىنىمىز ، كىلىشىم مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يوق دىگەننى كۆرسىتىدۇ، ھالەت يوق دىگەنلىك ، ئەگەر كىيىن بىر تەرەپ قىلماقچى بولسا ، ئالدىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ دىگەنلىكتۇر، يەنى چۇقۇم ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارنى قايتا يەتكۈزۈش كېرەك، بۇنىڭدا ھەر قېتىملىق ئۇلىنىشتا يەتكۈزۈلىدىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مۇلازىمىتىر ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولمىغاندا ئۇنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى تىزراق بولىدۇ.

httpئۇچۇر قۇرۇلمىسى

httpبولسا ئابونت ۋە مۇلازىمەت تەرەپ )c/s(قۇرۇلما ئەندىزىسى ئاساسىدا بولوپ ،بىر ئىشەنچىلىك ئۇلانما ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ھالەتسىز تەلەپ ۋە ئىنكاس كىلىشىمىدۇر.

httpئابونت تەرەپ بولسا بىر قوللىنىشچان  سىستىما.

(webتور كۆرگۆچ ياكى ھەر قانداق ئابونت تەرەپ)مۇلازىمىتىرغا ئۇلىنىش ئارقىلىق مۇلازىمىتىرغا بىر ياكى كۆپ تەلەپلەرنى ئەۋەتىش مەقسىتىگە يىتىدۇ.

httpمۇلازىمىتىرى ئوخشاشلا بىر قوللىنىشچان سىستىما(ئادەتتە بىرwebتور كۆرگۆچ بولوشى مومكىن.  مەسىلەن:تور كۆرگۆچ قاتارلىقلار ....)

ئابونت تەرپنىڭ تەلىپىنى قوبول قىلىش ئارقىلىق ئابونت تەرەپتىكە ماس ھالدىكى httpسانلىق مەلۇماتىنى ئەۋەتىپ بىرىدۇ.

httpبىرلىككە كەلگەن  مەنبە كۆرسىتىش بەلگىسى ئايرىش بەلگىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇلىنىش ھاسىل قىلىدۇ .

ئۇلىنىش ھاسىل بولغان ھامان سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى خۇددى ئېنتېرنېت ئېلخەت قوللانغان فورماتتەك ۋە قوللۇنۇشچان ئېنتېرنېت ئېلخەت كېڭەيتىلمىسى ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ.

ئابۇنىت تەرەپ ئىلتىماس ئۇچۇرى ئابۇنىت تەرەپ مۇلازىمىتىرغا يوللىغان http ئىلتىماس ئۇچۇرى تۈۋەندىكى ئەندىزىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

ئىلتىماس قۇرى ،ئىلتىماس باش بېتى ،قۇرۇق قۇر ۋە ئىلتىماس سانلىق ئۇچۇرى قاتارلىق 4قىسىمدىن تۈزىلىدۇ.

مۇلازىمىتىر ئىنكاس ئۇچۇرى  (ماس ئۇچۇرى)

http ماس ئۇچۇرىمۇ  4 قىسىمدىن تۈزلىدۇ . ھالەت قۇرى ،ئۇچۇر خەۋەر بېشى ،قۇرۇق قۇر، ۋە ماس تېكىست .

http :ئىلتىماس  ئۇسۇلى

httpئۆلچىمىگە ئاساسەن httpئىلتىماسىدا كۆپ خىل ئىتىماس ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ .

http1.0 ئۈچ خىل  ئىلتىماس ئۇسۇلىنى بىكىتتى .

http1.1 يېڭىدىن 5خىل ئىلتىماس ئۇسۇلىنى يېڭىدىن كۆپەيىتتى .

1.بىكىتىلگەن بەت ئۇچۇرىنى ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە ئەمەلى گەۋدە  ئاساسى گەۋدىگە قايتىدۇ .(قايتۇرىدۇ)

2.get ئىلتىماسىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ .بىراق قايتۇرغان ماس ئۇچۇردا ئىنىق مەزمۇن يوق ،تېمىغا (باش تىمىسى .ئىسمىغا )ئېرىشىشكە  ئىشلىتىلىدۇ .

3.بىكىتىلگەن مەنبەگە سانلىق مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ  (مەسىلەن :جەدىۋەل تەپشۇرۇش ياكى ھۆججەت يولللاشقا ئوخشاش )

سانلىق مەلۇمات  ئىلتىماس گەۋدىسى ئىچىدە  بۇلىدۇ .

post ئىلتىماسى  بەلكىم  يېڭى  مەنبەلىك قۇرلۇشنى ياكى بار  بولغان مەنبەنىڭ  ئۆزگەرتىلىشىنى كەلتۈۇرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

4.ئابۇنىت تەرەپ مۇلازىمىترغا  يوللانغان سانلىق مەلۇمات كۆرسىتىلگەن ھۆججەت مەزمۇنىنىڭ ئورنى نى ئالىدۇ  (ئورنىغا ئالمىشىدۇ)

5.مۇلازىمىتىرنىڭ بەتنى يۇيۋىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ .

6.http1.1كىلىشىمىدا ئۇلنىشنى تۇربا شەكلىگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدىن قالدۇرغان ۋاكالەتەن باشقۇرغۇچى مۇلازىمىتىر .

7.ئابۇنىت تەرەپنىڭ مۇلازىمىتىرنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشكە يول قويىدۇ .

8.مۇلازىمىتىرنىڭ تاپشۇرۋالغان ئىلتىماسىنى كۆرسىتىپ  بىرىدۇ .ئاساسلىقى تەكشۈرۈپ سىناش ياكى دىئاگۇنۇزغا ئىشلىتىلىدۇ .