Hatikvah

ئورنى Wikipedia

ئۈمىد[تەھرىرلەش]

ئىسرائىلىيە دۆلىتى مىللىي مارشى

مارشنىڭ سۆزلىرى شائىر نافتالى خېرتس ئېمبىر تەرىپىدىن 1878-يىلى يېزىلغان. مۇزىكىسى بولسا ئىتالىيە خەلق ناخشىلىرىدىن «مانتوۋانا» ئاساسىدا سامۇئېل كوھېن تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، 1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى تەرىپىدىن مىللىي مارش قىلىپ بېكىتىلگەن.

مارشنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

ئۈمىد

بولسىلا يۈرەكتە چاڭقىغان بىر روھ،

ئىنتىلەر يەنىلا ھەردەم يەھۇدىي،

تەلپۈنۈپ شەرققە باقىدۇ ھەر ئان،

زىيونغا زارىقىپ تىكىلگەن كۆزى.


ئۆلمىدى ھېچقاچان بۇ ئىزگۈ ئۈمىد،

ئىككى مىڭ يىلغىچە ياشىدى ھامان.

ئارزۇدۇر ئۆزيۇرتتا مەڭگۈلۈك ياشاش،

ھېرۇسالىم، زىيوندا بولۇپ ھۆر ئىنسان.