NASA:بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئىشلەشتىن توختاپ قالدى

ئورنى Wikipedia

ناسا: بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئىشلەشتىن توختاپ قالدى

بىلىمخۇمار 2013-9-27

ناسا نىڭ «قاتتىق سوقۇلغۇچى» (Deep Impact) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇم يەر شارىغا سىگنال ئىۋەرتىشتىن توختاپ قالغان بولۇپ، ناسا دىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر ئايدەك ھەپىلىشىپ، ئۇنى نورمال ئىشلەيدىغان ھالەتكە ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن، 2013-يىلى 20-سىنتەبىر كۈنى ناسا بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

بۇ ئالەم ئۇچقۇرى 2005-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى ئىنگلىزچە «Tempel 1» دەپ ئاتىلىدىغان كومېتا (قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز) نىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بېرىپ، بىر كىچىك قاتتىق سۇقۇشقۇچى ئۇچقۇرىنى ھېلىقى كومېتىغا قارىتىپ ئېتىپ، ئۇ ئىككىسىنى قاتتىق سوقۇشتۇردى. ئاندىن بۇ ئانا ئالەم ئۇچقۇرى ئۇ كومېتىدىن چېچىراپ چىققان جىسىملارنى تەكشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇ جىسىملارنىڭ نېمىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. مۇشۇ جەريان ئارقىلىق، ئالىملار كومېتانىڭ تۈزۈلىشى بۇرۇن قىياس قىلغاندىن كۆپ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، ھەمدە كومېتانى تەشكىل قىلغۇچى ماتېرىياللارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قۇياش سىستېمىسى شەكىللەنگەن ۋاقىتتا ئېشىپ قالغان ماددىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

بۇ ئالەم ئۇچقۇرى «Temple 1» نى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە «Hartley 2 » بىلەن «Garradd» دەپ ئاتىلىدىغان كومېتالارنىمۇ زىيارەت قىلدى. ھەمدە يەر شارىغا ئوخشاش جانلىقلار ياشىيالايدىغان تاشقىي پىلانېتىلارنىمۇ ئىزدىدى. ئۇ ئۆتكەن ئايدا ئىشلەشتىن توختاپ قېلىشتىن بۇرۇن، ئىنگلىزچە «Ison» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر كومېتانى تەكشۈرىۋاتقان بولۇپ، بۇ كومېتا بۇ يىل نويابىر ئېيىدا يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، خۇددى ئايغا ئوخشاشلا يورۇق كۆرىنىدىكەن.

ئىنژېنېرلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇ ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىدىغان ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى كۈنگە قارىتالماسلىق تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ كومپيۇتېرسىغا ئېلېكتىر بارماي، شۇنىڭ بىلەن «توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى» مۇمكىن ئىكەن.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى: http://www.huffingtonpost.com/2013/09/20/deep-impact-comet-hunting-dead-nasa_n_3963111.html

قوشۇمچە:

ماڭا يېقىندا ئىدارىدىن بىر جىددىي ۋەزىپە چۈشۈپ قېلىپ، ھازىر كۈنىگە 12-15 سائەت ئىشلەۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى بىر ھەپتە مابەينىدە يازما تەييارلاشتىن توختاپ قالدىم. ئەمما ناسا توغۇرلۇق بۇنىڭدىن باشقا چوڭ خەۋەرمۇ چىقمىدى. پەقەتلا تۇرمۇش بويۇم تېخنىكىسىدىكى يېڭىلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ بىر نەرسە يازالمىدىم. قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن. رەھمەت!‏