NASA:مارستا ھازىر ھاياتلىق بولماسلىقى مۇمكىن

ئورنى Wikipedia

NASA: مارستا ھازىر ھاياتلىق بولماسلىقى مۇمكىن

بىلىمخۇمار 2013-9-13

ناسا مەركىزى JPL دىكى مۇتەخەسسىسلەر دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ژورناللارنىڭ بىرى بولغان «ئىلىم-پەن» ژورنىلىدا 2013-يىلى 19-سىنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە، ھازىر مارستا ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەس بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بۇ ھۆكۈمنى «ھەۋەسكار» (Curiosity) ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى ھازىرغىچە ھېچ قانداق پاتقاق گېزى (methane) تاپالمىغانلىقىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى، پاتقاق گېزى مىكروپلارنىڭ ناماياندىسى بولۇپ، «ھەۋەسكار» ھازىرغىچە ئۇنداق گازنى زادىلا تاپالمىغان. يەر شارىدا پاتقات گېزى چىقارمايدىغان مىكورپلارمۇ خېلە كۆپ بار بولسىمۇ، مارستا پاتقاق گېزىنىڭ تېخىچە تېپىلمىغانلىقى، «مارستا ھازىر ھاياتلىق بار» دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلارنىڭ پەرىزىگە ئىسپات بولالايدىغان بىرەر نەرسە تېخىچە بايقالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ناسا دىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، مارستا پاتقاق گېزىنىڭ تېپىلمىغانلىقى ئۇنىڭدا ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيدۇ. ئەمما، مارستا پاتقاق گېزىدا نەپەس ئالىدىغان مەخلۇقلارنىڭ بار بولىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

ناسا نىڭ «ھەۋەسكار» ناملىق ماشىنىسىنىڭ مارسقا چىقىرىلغانلىقىغا ھازىر بىر يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت بولدى. ئۇنىڭغا پاتقاق گېزىنىڭ بار يوقلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپلار ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئىزچىل تۈردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەر شارىدا، پاتقاق گېزىنى ئىنگلىزچە «methanogens» دەپ ئاتىلىدىغان مىكرو-ئورگانىزملار ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنگلىزچە «hydrothermal vents» دەپ ئاتىلىدىغان جانسىز نەرسىمۇ پاتقاق گېزىنى پەيد قىلالايدۇ. ئەگەر مارستا پاتقاق گېزى تېپىلغان بولسا، ئۇ مەيلى مىكروپلاردىن كەلگەن بولسۇن ياكى باشقا نەرسىلەردىن كەلگەن بولسۇن، ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر چوڭ يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىناتتى.

تۆۋەندىكى رەسىملەرنى «ھەۋەسكار» غا ئورنىتىلغان ئاپاراتلار تارتقان.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى: «Life on Mars? Well, Maybe Not» <http://www.nytimes.com/2013/09/2 ... thane.html?_r=0>‏