PM2.5 قىممىتى

ئورنى Wikipedia

قىممىتى ھاۋادىكى «ھاۋا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» ئېكۋىۋالېنت دىئامېتىرى 2.5 مىكرو مېتىرغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولغان دانچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

دىففۇزىيە تۇمانلىقى

قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنى

ئالەم بوشلۇقى تۇمانلىرى

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى نامى :PM2.5 قىممىتى

ئېنگنلىزچە ئاتىلىشى :fine particulate matter

نامى بېكىتىلگەن ۋاقىت: :2013-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى

شەكىللىنىش مەنبەسى :تەبىئەت ۋە ئادەم

باشقا نامى :ئۇششاق دانچە ماددا

چوڭ ئىشلار 2013-يىلى 2-ئايدا 2013-يىلى 2-ئايدا، دۆلەت پەن-تېخنىكا ئىسىم تەكشۈرۈپ بېكىتىش كوممىتېتى PM2.5 غا ئۇششاق دانچە ماددا دەپ نام بەردى. 2 2013-يىلى 2-ئايدا، دۆلەت پەن-تېخنىكا ئىسىم تەكشۈرۈپ بېكىتىش كوممىتېتى PM2.5 غا ئۇششاق دانچە ماددا دەپ نام بەردى. ئۇششاق دانچە ماددىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئورگانىك كاربون (OC)، ئېلېمېنتلىق كاربون (EC)، ئازوت كىسلاتاسى، سۇلفاتلار، ئاممونىي تۇزى، ناتىرىي تۇزى (Na+) قاتارلىقلار.

مۇندەرىجە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ئاساسىي ئۇچۇرلىرى چوڭ ئىشلار ئاساسلىق تەركىبى شەكىللىنىش مەنبەسى تەبىئەتتىكى مەنبەسى ئىنسانلاردىكى مەنبە

كۆرسەتكۈچ ئۆلچىمى

زىيانلىق تەسىرى ئەزالارغا زىيىنى كىلىماتقا تەسىرى تۇمان ۋەقەسى ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى 1.سۈزۈش ئۇسۇلى 2. سۈمۈرۈش ئۇسۇلى 3.ئۆسۈملۈك سۈمۈرۈش سۈرەتلەر قامۇس باشبېتى شەكىللىنىش مەنبەسى دانچە ماددىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى كېلىش مەنبەسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئاساسلىقى تەبىئەت ۋە ئادەمدىن ئىبارەت ئىككى خىل كېلىش مەنبەسى بار بولۇپ، كېيىنكىسىنىڭ زىيىنى چوڭراق. ئىلم-پەن ساھەسىدىكى ئايرىلىشى بىرلەمچى ئايروزول (Primary aerosol) ۋە ئىككىلەمچى ئايروزول (Secondary aerosol) دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.

تەبىئەتتىكى مەنبەسى

PM2.5 توراق چاڭ-تۇزانلىرى، دېڭىز تۇزى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى، سپورا، باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئوت ئاپەتلىرى، مەسىلەن يانار تاغ پارتىلاش سەۋەبىدىن ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن كۆپ مىقداردىكى ۋولقان كۈلى، ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر مەنبەلىرى ئوت ئاپىتى ۋە چاڭ-توزانلىق بوران قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپ مىقدارىدكى دانچە ماددىلارنى ھاۋا بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدۇ.

ئىنسانلاردىكى مەنبە ئىنسانلار مەنبەسى مۇقىم مەنبە ۋە يۆتكىلىشچان مەنبەدىن ئىبارەت. مۇقىم مەنبە ھەرخىل ھەر خىل يېقىلغۇلارنىڭ يېقىلىش مەنبەسى، مەسىلەن توك چىقىرىش، مېتاللۇرگىيە، نېفىت، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق قاتارلىق ھەرخىل سانائەت جەريانلىرى، ئىستىش ۋە قورما قورۇش جەريانىدىكى كۆمۈر، گاز ۋە ماينىڭ كۆيىشىدىن چىققان ئىس-تۈتەك قاتارلىقلار. يۆتكىلىشچان مەنبە ئاساسلىقى ھەرخىل قاتناش قوراللىرى ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا يېقىلغۇ ئىشلەتكەندە ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن قالدۇق گازلاردىن ئىبارەت.

PM2.5 گۈڭگۈرت ۋە ئازوتنىڭ ئوكسىدلىنىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. بۇ گاز تۈرىدىكى بۇلغانمىلارنى دائىم كىشىلەرنىڭ خىمىيىلىك يېقىلغۇ (كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق) ۋە ئەخلەتلەرنى كۆيدۈرۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆي ئىچىدە، ئىسلىنىش دانچە ماددىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. دانچە ماددىنىڭ كېلىش مەنبەسى تولۇق بولمىغان كۆيۈش بولۇپ، تاماكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆيىشى زىيىنى ئېغىر بولغان دانچە ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، سۈپىتى يۇقىرى بولغان تاماكىنى چېكىش پەقەت تاماكا چەككۈچىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بەرگەن تەسەللىيسى بولۇپ، ھەتتا سېسىق پۇرىقى ئازراق بولغانلىقتىن تېخىمۇ زور زىيان كەلتۈرىشى مۇمكىن.

دانچە ماددىنىڭ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆلچىمى 1997-يىلى ئاساسلىقى سانائەتلىشىشكە ئەگىشىپ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان، كونا ئۆلچەمدە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان دانچە ماددىلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەكشۈرەش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان.

تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش زىيانلىق تەسىرى گەرچە دانچە ماددا يەر شارى ئاتموسفېراسىدىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بىر تەركىب بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھاۋانىڭ سۈپىتى كۆرۈش دەرىجىسىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم. دانچە ماددىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، دىئامېتىرى كىچىك بولغانلىقتىن نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا كىرىش ئورنىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ.μm 10 دىئامېتىردىكى دانچە ماددا دائىم نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا چۆكىۋالىدۇ. μm 2 دىن تۆۋەنلىرى ئىنچىكە كانەيچە ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە كىرىۋالىدۇ. دانچە ماددا ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە كىرىۋالغاندىن كېيىن، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەزالاردا ئاسانلا ئوكسىگېن كەمچىللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پۈتۈن يەر شارىدا ھەر يىلى 2 مىليون يۈز مىڭ ئادەم PM2.5 قاتارلىق دانچە ماددىلارنىڭ قويۇقلىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2012-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلانىدا ئېلان قىلىنغان «يەر شارى مۇھىتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر5» دە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى 700 مىل ئادەم ئوزون كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئىككى مىليونغا يېقىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش مىسالى دانچە ماددا بۇلغۇنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.

دۇنيا بانكىسى تارقاتقان دوكىلاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۆي سىرتىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 1000 ئادەمدىن توغرا كېلىدىكەن، ھەر يىلى 350 مىڭدىن 400 مىڭغىچە ئادەم ئۆلۈمگە يۈزلىنىدىكەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆمرىنى 18 يىل قىسقارتىۋېتىدىكەن.

ئەزالارغا زىيىنى

PM2.5 دانچە ماددىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى شۇنداقلا ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋادىكى PM2.5 نىڭ قويۇقلىقى10مىكروگرام\ مېتىر كۇبتىن يۇقىرى بولسا، ئۆلۈم خەۋىپى يۇقىرىلايدۇ. قويۇقلىقى ھەر 10مىكروگرام\ مېتىر كۇب ئاشسا، ئۆلۈم خەۋىپى %4 ئاشىىدۇ. يۈرەك-ئۆپكە كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش خەۋىپى %6 ئاشىدۇ، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %8 ئاشىدۇ.

كىلىماتقا تەسىرى ئادەتتە كىشىلەر PM2.5 نى پەقەت ھاۋانىڭ بۇلغىلىنىشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە PM2.5 نىڭ پۈتكۈل ھاۋا كىلىماتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تېخىمۇ چوڭ. PM2.5 بۇلۇتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يامغۇرنىڭ يېغىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۇمان ۋەقەسى 1952-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى زەھەرلىك تۇمان ۋەقەسى لوندون تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋاقىتلارنىڭ بىرى، شۇ بىر قېتىملىق زەھەرلىك تۇمان ۋەقەسى 4000 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، سانسىزلىغان لوندۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ نەپەسلىنىشى تەسلەستى، قاتناش نەچچە كۈنگىچە پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ، مىليونلىغان ئادەمگە تەسىر كۆرسەتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم PM2.5 نىڭ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بېكىتتى

2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارمىقىدىكى خەلقئارالىق راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان دوكىلاتتا، تۇنجى قېتىم ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى 1.سۈزۈش ئۇسۇلى

PM2.5

ھاۋا تەڭشىگۈچ، نەملىكنى ئاشۇرغۇچ، ھاۋانى ساپلاشتۇرغۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەۋزەللىكى PM2.5 نىڭ قويۇقلىقىنى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىتەلەيدۇ، كەمچىلىكى سۈزگۈچ پەردىسىنى يۇيۇشقا ياكى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

2. سۈمۈرۈش ئۇسۇلى ئۇلترا ئاۋازلىق تۇمانلاشتۇرغۇچ، ئۆي ئىچى سۇ پەردىسى، سۇ كۆلچىكى، بېلىقدان قاتارلىقلار، ھاۋادىكى سۇپەرەس PM2.5 نى سۈمۈرەلەيدۇ، كەمچىلىكى نەملىكنى ئاشۇرۇۋېتىپ، سۇ خالىمايدىغان PM2.5 نى ئۈنۈملۈك يوقىتالمايدۇ.

3.ئۆسۈملۈك سۈمۈرۈش ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىنىڭ يۈزى چوڭ، زىيانلىق گازلار ۋە PM2.5 نى ئۈنۈملۈك سۈمۈرەلەيدۇ، كەمچىلكى سۈمۈرۈش نىسبىتى تۆۋەن؛ بەزى ئۆسۈملۈكلەر زىيانلىق گازلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

تۇرمۇشتىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

1. تۇمانلىق ھاۋادا دېرىزىنى ئاز ئېچىش، ئەڭ ياخشىسى سىرتقا ۋە ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىقماسلىق.

2. سىرتقا چىققاندا كەسپىي چاڭ-تۇزاندىن مۇداپىئەلىنىش ماسكىنى تاقىۋېلىش.

3. چىسار قوڭغۇراقگۈل چېيى، چىسار قوڭغۇراقگۈل دانچىسى، قوڭغۇراقگۈل شورپىسى قاتارلىق «ئۆپكىنى تازىلايدىغان چايلار» نى كۆپ ئىچىش.

4. ئاز مىقداردا ۋىتامىن D تولۇقلاش.

5. سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلانى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ھەسەل سۈيىنى كۆپ ئىچىش.

6. تېگى-تەكتىدىن پاكىزىلاش.

7. تاماكىنى ئاز چېكىش، ئامال بار چەكمەسلىك.

1.سۈزۈش ئۇسۇلى