Qash

ئورنى Wikipedia

ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمى قازۋىن شەھرى ۋە بۇگۇنكى قاش .

ھازىرقى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى قاش بولسا ، مىلادىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئالىب ئەرتۇڭا (ئافراسىياپ )نىڭ يازلىق ئۆردىلىرىنىڭ بىرى بولغان بولۇپ، ھازىرقى قاش قاراباغ يېزىسى - ئەپراسىياپ ۋە ئۇنىڭ قىزى قاز مەلىكىنىڭ ئىستىراھەت بىغى بولغان ، ھازىرقى قاش يېزىسى قاز مەلىكە سالدۇرغان تارىختىكى مەشھۇر < قازۋىن > شەھرىدۇر . قاش نامى ۋە ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا < تۇركىي تىللار دىۋانى >دا مۇنداق بايانلار بار : < قاز سۈيى ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان چوڭ بىر دەريانىڭ ئېتى، مۇنداق ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى ،ئافراسىياپنىڭ قىزى ئۇنڭ بويىغا بىر شەھەر بىنا قىلدۇرغان ،بۇ (شەھەرنىڭ- يىلان ) ئىسىم ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان > . يەنە بۇ شەھەر ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ <قاز -ئاپراسىياپنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى بولۇپ ، قازۋىن شەھرىنى ئۇ بىنا قىلغان > . شۇڭا قاش نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى < قاز > بولۇپ ،كىيىن < ز > تاۋۇشى < س > غا ئۆزگەرگەن ،بۇنداق ھەرىپ ئالمىشىش ھەققىدە مەخمۇت قەشقىرى دىۋاندا < بۇ يەردە ز ھەرىپىگە ئورۇن قالمىغان ، ز نىڭ س غا ، ش غا ئالمىشىشى ئەرەپچىدىمۇ بار > دەپ كۆرسەتكەن . مەلۇمكى ، < قاش > نامى ئەسلىدە ئادەم ئىسمى بولۇپ ، كىيىنچە جۇغراپىيىلىك نامغا يەنى ، دەريا ۋە يەر نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن .بۇنىڭدىن ، قاز مەلىكە بىنا قىلغان <قازۋىن > شەھرى ھازىرقى قاش يېزىسى نامىدا ساقلىنىپ قالغان .مەھمۇت قەشقىرى < قازۋىن > شەھرىنىڭ مەنىسىنى ئېزاھلاپ مۇنداق يازىدۇ : < بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى قازدۇر ، چۈنكى قاز مەلىكە شۇ يەردە تۇراتتى ۋە ئويناييتتى ...> . قاز سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى غاز بولۇپ ،قەدىمقى ئىلى ئۇيغۇرلىرى غاز غا ئىتىقات قىلغان بولۇپ ، بۇ خىل ئىتىقاتچىلىقنىڭ ئىپادىسى سۇپىتىدە ھازىرقى قاش يېزىسىدا <غاز ئويۇنى > ھازىرغىچە مەشرەپ سورۇنلىرىدا ئوينىلىپ كىلىۋاتىدۇ .


مەنبە : ئابدۇرىشىت ئوسمان ،< قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ غاز ئويۇنى >دىن

ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ .