ROM

ئورنى Wikipedia

ROM ئاتالغۇسى ئىنگلىزچىدىكى Read only Memory دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «ئوقۇشقىلا بولىدىغان ساقلىغۇچ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاساسى ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئوقۇشقىلا بولىدىغان ساقلىغۇچ


چەتئەلچە نامى :Read Only Memory image

قىسقارتىلما نامى :ROM

تونۇشتۇرۇلۇشى

ROM ئاتالغۇسى ئىنگلىزچىدىكى Read only Memory دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «ئوقۇشقىلا بولىدىغان ساقلىغۇچ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگە قارىغاندا، بۇ پەقەت «ئوقۇپ بېرىش» رولىنىلا ئوينايدىغان ساقلىغۇچ بولۇپ، RAM غا ئوخشاش ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەم ئوقۇش ھەم يېزىش رولىنى ئوينىمايدۇ. شۇڭا، ROM ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن پەقەت بىر قېتىملا يېزىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەمدە سانلىق مەلۇماتلار يېزىپ كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە مۇمكىن بولمايدۇ.

خۇسۇسىيىتى

ROM نىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى ـــ ئۇ توكتىن ئايرىلىپ قالسىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ، ھەتتا نەچچە يۈز يىلدىن نەچچە مىڭ يىلغىچە ساقلىنىپ تۇرىدۇ.

يان تېلېفوندىكى ROM بولسا يان تېلېفوننىڭ قۇيما ماتېرىيال كودى (ۋاكالەت نومۇرى) نى ساقلايدىغان ساقلىغۇچنى كۆرسىتىدۇ، يان تېلېفوندىكى ROM ۋە RAM بىلەن كومپيۇتېردىكى ROM ۋە RAM ئوخشاش بىر خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ، ھەممىسى ساقلىغۇچنىڭ نامىدۇر.

ئاممىباب ئېيتقاندا، ROM نى ئۇنىڭ ئىچىگە بىر نەرسە قاچىلاپ (ساقلاپ) ئىشلىتىشكە بولىدىغان يان تېلېفوننىڭ قاتتىق دىسكىسى (硬盘) دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما، يان تېلېفوندىكى ROM بىلەن ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان قاتتىق دىسكا (硬盘) يەنە مەنە جەھەتتىن بەزى ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە. چۈنكى، گەرچە يان تېلېفوندىكى ROM غا بىر نەرسە قاچىلاپ ساقلىغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا پەقەت ئوقۇشقىلا بولىدۇكى يېزىپ كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ «ئوقۇشقىلا بولىدىغان ساقلىغۇچ» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپمۇ شۇ. پەقەت ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كەسپىي شەرت ئاستىدىلا ROM نىڭ ئىچىگە بىر نەرسە يېزىپ ساقلاشقا بولىدۇ. ROM نىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، نۇرغۇنلىغان يان تېلېفونلارنىڭ سىستېما ھۆججىتى دەل شۇ يان تېلېفوندىكى ROM نىڭ ئىچىدە ساقلانغان بولغاچقا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يان تېلېفوننىڭ سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتىش مۈمكىنچىلىكى بولمايدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە بەزىبىر ئالاھىدە ۋاستىلەر ئارقىلىق ROM نىڭ ئىچىگە بىر نەرسە يېزىپ كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشتى، بۇ خىل ئەھۋال دەل ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «يان تېلېفوننى يېڭىلاش (刷机)» دىن ئىبارەت.

بىر مۇكەممەل ROM نىڭ غول مۇندەرىجىسى   data، META-IN، system، boot.img  قاتارلىق سىستېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تۇرۇشلۇق تۆت مۇندەرىجە بولۇپ، ئادەتتە زاكاز قىلىنغان (بەلگىلەنگەن) بىر دانە ROM نىڭ سىستېما نەشر نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە ساقلانغان بولىدۇ.system  بولسا سىستېما تۇرۇشلۇق مۇندەرىجە بولۇپ، كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى Windows ھۆججەت قىسقۇچىغا ئوخشايدۇ، boot.img بولسا تەسۋىر (مەۋھۇم) ھۆججىتى، يەنى ئىچكى يادرو ئۆزەكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتە ROM نى كۆچۈرگەن چاغدا ئىشلىتىلىدۇ.

دېمەك، يان تېلېفوندىكى ROM بولسا يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى ساقلايدىغان ئورۇن بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆچۈرۈۋېتىشكە ياكى قايتا يېزىشقا يول قويۇلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەشغۇلات سىستېمىسى ROM ئىچىدە ساقلىنىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئوقۇشقىلا بولىدۇكى ئۆزگەرتىپ ئۆچۈرۈپ قايتا يېزىشقا بولمايدۇ. لېكىن، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كومپيۇتېردىكى پىروگراممىلار ئارقىلىق ROM نى ئۆزگەرتىپ يېزىشقا بولىدۇ، ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «يان تېلېفوننى يېڭىلاش (刷机)» دەل ROM نى ئۆچۈرۈپ يېزىشنى كۆرسىتىدۇ.