SWOT ئانالىزى

ئورنى Wikipedia

SWOT ئانالىزىدىكى SWOT خېتى ئېنگلىزچىدىكى Strengths (كۈچلۈكلۈك)، weaknesses (ئاجىزلىق)،opportunities (پۇرسەت)، threats (تەھدىت) قاتارلىق تۆت سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى، قۇرۇلمىلىق پىلانلاش مېتودى بولۇپ، بۇ ئانالىز مېتودى مەلۇم تۈر ياكى سودىنى مۇشۇ تۆت ئېلېمېنت بويىچە مۆلچەرلاش ياكى باھالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :SWOT ئانالىزى

چەتئەلچە نامى :Strengths Weaknesses Opportunities Threats

SWOT ئانالىزى[تەھرىرلەش]

SWOT ئانالىزى مەلۇم شىركەت، مەھسۇلات، سانائەت ياكى شەخس ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. يەنى بۇ ئانالىز مەلۇم تۈرنى ياكى مەبلەغ سېلىش ۋە ياكى سودىنىڭ نىشانىغا يېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنى، يەنى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئامىللارنى ئېنىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • SWOT ئانالىزى
  • ئامىللار
  • ئىچكى ئامىللار
  • تاشقى ئامىللار
  • ئالاقىدار مەزمۇن
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئامىللار[تەھرىرلەش]

ئىچكى ئامىللار[تەھرىرلەش]

Strengths (كۈچلۈكلۈك)-تۈرنىڭ ياكى سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىن ئاكتىپ تەسىرى بولىدىغان ئامىللار.

weaknesses (ئاجىزلىق) -تۈرنىڭ ياكى سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىن پاسسىپ ياكى مەنپىىي تەسىرى بولىدىغان ئامىللار.

تاشقى ئامىللار[تەھرىرلەش]

opportunities (پۇرسەت)-ساھەدىكى تۈرنىڭ ياكى سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغان ئامىللار.

threats (تەھدىت)-ساھەدىكى تۈرنىڭ ياكى سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق ياكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللار.

SWOT ئانالىزى بىزنى يۇقىرىدىكى تۆت ئامىلنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بىزنىڭ قىلماقچى بولغان تۈرىمىزنىڭ ياكى سودىمىزنىڭ ۋە ياكى تىجارىتىمىزنىڭ يەتكىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

ئالاقىدار مەزمۇن[تەھرىرلەش]

SWOT ئانالىزىنى ئىشلەتكۈچى چوقۇم مۇشۇ تۆت كاتېگورىيە ئۈچۈن مۇۋاپىق سوئاللارنى سورىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋە ئىشقا يارايدىغان جاۋابقا ئېرىشىشى كېرەك. شۇندىلا قىلغان ئانالىزنىڭ نەتىجىسى كارغا يارىغۇدەك بولىدۇ ھەم شۇ تۈرنىڭ ياكى مەھسۇلاتنىڭ ۋە ياكى سودىنىڭ (رىقابەت ئۈستۈنلىكى) نى بايقاپ چىققىلى بولىدۇ.