Siggraph ھەققىدە

ئورنى Wikipedia

Siggraph - خەلقئارالىق گرافىك جەمئىيىتى (ACM SIGGRAPH) تەرپىدىن ھەر يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور، كۆلىمى ئەڭ كەڭ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلم-پەن، سەنئەت ۋە سودىنى بىرگەۋدە قىلغان نوپۇزلۇق كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى كۆرگەزمىسى، ئىلىم مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىدۇر. نۆۋەتتىكى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان پىكسېل، رەسىم قەۋىتى، چوققا قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى Siggraph يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەر قېتىملىق Siggraph دا Adobe, Avid Nvidia, Discreet, Microsoft قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتلەر ئۆزىنىڭ يېڭى يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللىرى ھەققىدىكى مۇھىم يېڭىلىقلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. Siggraph (Special Intrest Group for Computer Graphics) 1967-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىزچىل كومپيۇتېر گرافىكى ۋە جانلاندۇرۇم ئىشلەش يۇمشاق، قاتتىق دېتاللىرى، تېخنىكىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. 1974-يىلدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم يىغىن چاقىرىشقا باشلىغان، 1981-يىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر گرافىكى (CG, Computer Graphics) كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قوشۇلغان. مۇتلەق كۆپ قىسىم كومپيۇتېر گرافىك تېخنىكىسى ۋە يۇمشاق، قاتتىق دېتال شىركەتلىرى ئۆزىنىڭ ھەر يىللىق ئەڭ ئالى نەتىجىلىرىنى Siggraph قا ئېلىپ كېلىپ ئېلان قىلىدۇ، كۆپ قىسىم ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنىڭ جانلاندۇرىم ئاپتورلىرىمۇ ئۆزىنىڭ يىللىق ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىنى Siggraph دا كۆرگەزمىگە قويىدۇ. 2011-يىللىق Siggraph 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە كانادانىڭ ۋانكۇۋېردا ئېچىلىدۇ، بۇ Siggraph نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئامېرىكىدىن باشقا بىر دۆلەتتە ئېچىلىشقا ئورۇنلاشتۇرلىشى. Siggraph مەسئۇل تەرەپ توربېتى ئادرېسى: http://www.siggraph.org

Siggraph Asia

2008-يىلى Siggraph ئاسىياغا كەلدى، 12-ئاينىڭ 9 كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە تۇنجى قېتىملىق Siggraph Asia (ئاسىيا كومپيۇتېر گرافىكى ۋە تېخنىكىسى كۆرگەزمە يىغىنى) سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر گرافىك يىغىنى Siggraph نىڭ ئامېرىكىدىن سىرت جايدا ئۆتكۈزگەن تۇنجى يىغىنىدۇر، Siggraph Asia نىڭ ئېچىلىشى ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ نىڭ كومپيۇتېر گرافىك ئىشلىرىنى دۇنياغا تۇتاشتۇرىدىغانغا يول ۋە سەھنە ھازىرلاپ بەردى. 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە تۇنجى نۆۋەتلىك Siggraph Asia سىنگاپوردا ئېچىلدى. 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئىككىنچى نۆۋەتلىك Siggraph Asia ياپونىيەنىڭ يوكوخاما دا ئېچىلدى، 41 دۆلەتتىن كەلگەن 6400 نەپەر سەنئەت، ئىلمى تەتقىقات، ئېچىش، ئېلىكتىرونلۇق ئويۇن، فىلىم ... ساھەسىدىكى تېخنىك خادىملار بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشتى. 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك Siggraph Asia كورىيەنىڭ سېئول دا ئېچىلدى، بۇ قېتىملىق يىغىنغا سەنئەتكارلا، ئىلمى تەتقىقاتچىلار، ئاچقۇچىلار دىن تارتىپ ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەت، مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلىرىمۇ قاتناشتى. 2011-يىللىق Siggraph Asia مۇشۇ يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە جۇڭگو شياڭگاڭدىكى شياڭگاڭ يىغىن ۋە كۆرگەزمە زالىدا ئېچىلىدۇ.