Unicode

ئورنى Wikipedia

يۇنىكود دېگىنىمىز، مەيلى قايسى خىلدىكى مەشغۇلات مۇھىتى بولسۇن، [1]

مەيلى قايسى خىلدىكى پروگرامما بولسۇن،

مەيلى قانداق تىل بولسۇن،

ھەر قانداق ھەرپ-بەلگىگە پەقەت ۋە پەقەت بىردىنلا كود(نومۇر) بېرىشتىن ئىبارەت.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، كومپيۇتېرلار پەقەت رەقەملەرنىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار ھەر بىر ھەرپ ۋە بەلگىگە بىردىن نومۇر بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا نىسبەتەن ساقلاش ئېلىپ بارىدۇ. يۇنىكود ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇنلىغان پەرىقلىق كودلاش (نومۇر بېرىش) سىستېمىلىرى مەۋجۈت ئىدى. لېكىن ھېچقانداق كودلاش ئۇسۇلىدا بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى تولۇق ئىپادىلەش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، يالغۇز ياۋرۇپا بىرلەشمىسىلا ئۆزىگە تەۋە بولغان بارلىق تىللارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىرنەچچە كودلاش سىستېمىسىغا ئىھتىياجلىق بولاتتى. ھەتتا ئىنگىلىزچىغا ئوخشاش بىرلا تىل ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭدىكى بارلىق ھەرپلەر، تىنىش بەلگىلىرى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق بەلگىلەرنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرلا كودلاش سىستېمىسى يوق ئىدى.

كودلاش سىستېمىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بار ئىدى. يەنى، ئىككى خىل كودلاش سىستېمىسى ئوخشىمىغان ئىككى ھەرپ-بەلگىگە ئوخشاش بىر نومۇر بېرەتتى ياكى ئوخشاش بىر ھەرپ-بەلگىگە ئوخشىمىغان نومۇرلارنى بېرەتتى. ھەرقانداق بىر كومپيۇتېر(بولۇپمۇ مۇلازىمەتچى كومپيۇتېرلار) نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان كودلاش سىستېمىلىرىنى قوللاشقا ئىھتىياجلىق بولاتتى. ھالبۇكى، ئوخشىمىغان كودلاش سىستېمىلىرى ياكى ئوخشىمىغان مەشغۇلات مۇھىتلىرى ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلسا، بۇ ئۇچۇرلار بۇزۇلۇش خەۋىپىگە دۇچ كىلەتتى.

يۇنىكود بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتمەكتە!

يۇنىكود مەيلى قايسى خىلدىكى مەشغۇلات مۇھىتى، مەيلى قايسى خىلدىكى پروگرامما ۋە ياكى مەيلى قانداق تىل بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر بىر ھەرپ-بەلگىگە بىردىن-بىر نومۇر بېرىدۇ. يۇنىكود ئۆلچىمى ئاللىقاچان Sybase، Sun، SAP، Oracle، Microsoft، JustSystem، IBM، HP، Apple ۋە Unisys قا ئوخشاش سانائەت باشلامچىلىرى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان كارخانىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئۇ شۇنداقلا CORBA3.0، LDAP، ECMAScript(JavaScript)، Java، XML ۋە WLM قاتارلىق زامانىۋىي ئۆلچەملەر تەرىپىدىن تەلەپ قىلىندى. يۇنىكود ISO/IEC10640 نىڭ رەسمىي ئەمەلىيلىشىشىدۇر. ئۇ يەنە نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىلىرى، بارلىق تور كۈزەتكۈچىلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن مەھسۇلاتلار تەرىپىدىن قوللىنىلدى. يۇنىكود ئۆلچىمىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۇنى قوللايدىغان قوراللارنىڭ مەۋجۇتلىقى نۆۋەتتىكى خەلقارا يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر يۈزلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇنىكودنى خېرىدار-مۇلازىمەتچى مودېلىدىكى پروگراممىلار ياكى كۆپ قاتلاملىق ئەمەلىي قوللىنىلدىغان پروگراممىلار ۋە تور بەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئەنئەنىۋىي كودلاش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ئىختىسادى جەھەتتىن كۆپ تېجەشلىك بولىدۇ. يۇنىكود بىر يۇمشاق ماتېرىيال مەھسۇلاتىنى ياكى بىر تور بېتىنى بىر قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئارقىلىقلا كۆپ خىل مەشغۇلات مۇھىتلىرىدا، ئوخشىمىغان تىللار ۋە مەمىلىكەتلەردە ئىشلەتكىلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان كۆپ خىل سىستېمىلار ئارىسىدا خاتاسىز ئۇزىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

يۇنىكود ئىلىمى جەمئىيىتى توغرىسىدا

يۇنىكود ئىلىمى جەمئىيىتى ئىختىسادى جەھەتتىن پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇ زامانىۋى يۇمشاق ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۆلچەملىرىدىكى تېكست ئۇچۇرلىرىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم - يۇنىكود ئۆلچىمىنى بېكىتىش، كېڭەيتىش ۋە ئومۇمىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئورگاندۇر. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سانائىتىدىكى كەڭ دائىرىدىكى كارخانىلار ۋە ئورگانلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەزكۈر جەمىيەتنىڭ ئىختىسادى كىرىمى پەقەت ئەزالىق بەدىلىدىنلا كېلىدۇ. يۇنىكود ئۆلچىمىنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەم كېڭەيتىلىشىگە ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس يۇنىكود ئىلىمى جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېگە بولاي دېسىڭىز سۆزلۈك جەدىۋىلى، يۇنىكودنى قوللايدىغان ئۆرنەك مەھسۇلاتلار، تېخنىكىلىق تونۇشتۇرۇش ۋە پايدىلىق ماتېرىياللار سەھىپىلىرىگە قاراڭ.


Uyghur translation by Gheni Abla (غېنى ئابلا), reviewed by Waris Abdukerim Janbaz.

مەنبەلەر