Wi-Fi

ئورنى Wikipedia


Wi-Fi ھەققىدە گەپ بولۇنسىلا، كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا «سىمسىز تور» دەيدىغان ئاتالغۇ u was lچاقماقتەك چىقىپ ئۆتۈشى مومكىن. بۈگۈنQ is ئاساسلىق توختىلىدىغىنىمىز Wi-Fi تېخ ki ki q QAنىكىسى ئاساسىدىكى سىمسىز تور. Wi-Fi ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال سىمسىز تور ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەي.

سىمسىز تور دەيدىغان بىر تېخنىكا بىلەن، بىز ئەڭ دەسلەپتە تونۇشقان ۋە ھازىر تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىغا ئايلانغان كۆچمە تېلفۇندىن باشلاپ ئۇچىرىشىپ كىلىۋاتىمىز. بۇ سىمسىز سىگىنال ئۇزىتىدىغان بارلىق تېخنىكىلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، كۆچمە تېلفۇن، رادار، سۈنئى ھەمرا سىگىنالى، كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تورغا چىقىش، كۆك چىش، zigbee، 3G، GPRS قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سىمسىز تور تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەمدى بۇ تېخنىكىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاددىي ھەم پايدىلىنىش ئاسان بولغان تېخنىكا W-Fi تېخنىكىسى بولۇپ، بۇ تېخنىكىنى ئىلىكتىرون ساھەسىدىكى ئۇلۇغ تېخنىكىلارنىڭ بىرى دىيىشكە بولىدۇ.

Wi-Fi تېخنىكىسى 100mw دىنمۇ تۆۋەن بولغان سىمسىز تارقىتىش سىگىنالى بولغاچقا (تىزگىنەكنىڭ قۇۋىتى 15mw ئەتراپىدا)، ئىنتايىن ساغلام سىمسىز سىگنال دەپ قارىلىپ، تىزلا ئالقىشقا ئىرىشكەن.

Wi-Fi سىگىنالى، سىمسىز يىتەكلىگۈچ (سىمسىز روتېر، 无线路由器) ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. ئەلۋەتتە سىمسىز تور مەركىزى (无线基点)، سىمسىز سىۋىچ (无线交换器) قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تارقىتىشقىمۇ بولىدۇ. ھەتتا Wi-Fi ئۆزىكى بولغان ھەر قانداق ئۈسكۈنە (يانفون، تاختا كومپىيۇتېر، لەپتوپ) ئارقىلىق يۇمشاق دىتالنىڭ ياردىمىدە تارقىتىشقا بولىۋىرىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئىيىتقاندا، Wi-Fi نى كۆرۈنمەس بىر تور سىمى دەپ پەرەز قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.

Wi-Fiنىڭ شۇنچە قولايلىقلىقىغا ئۇنىڭ يەنە ئاجايىپ ھىكايىلىرى بار….

Wi-Fi تېخنىكىسى بارلىق سىمسىز تور تېخنىكىلىرىنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ياش تېخنىكا، Wi-Fi تېخنىكىسى 1990-يىللاردا ئاۋىستىرالىيە ئىلىم-پەن ۋە سانائەت تەتقىقات تەشكىلاتى (CSIRO) تەتقىق قىلىپ چىققان، 1996-يىلى ئامىرىكىدا سىمسىز تور تېخنىكىسى پاتنىتىغا ئىرىشكەن.

1999-يىلى خەلىقئارالىق ئىلىكتورون تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ئىنژىنىرلار جەمئىيىتى بولغان ئامىرىكا ئىلىكتورو ۋە ئىلىكتورون ئىنژىنىرلار جەمئىيىتى (IEEE) سىمسىز قىسمى تور ئۆلچىمى بولغان 802.11 ئۆلچىمىنى بىكىتكەندە، CSIRO تەتقىق قىلىپ چىققان بۇ سىمسىز تور تېخنىكىسىنى ئەڭ ياخشى سىمسىز تور تېخنىكىسى دەپ ئىتراپ قىلغان، شۇنىڭدىن كىيىن بۇ تېخنىكا Wi-Fi تېخنىكىسىنىڭ نىگىزى بولۇپ قالغان.

Wi-Fi تېخنىكىسى تۇغۇلۇپلا ئالقىشقا ئىرىشكەن بولسىمۇ، قولىمىزغا كىلىشتە ئاز بولمىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچىرىغان.

دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ تېخنىكا CSIRO نىڭ پاتنىت ھوقوقىغا ئىرىشكەن تېخنىكىسى بولغاچقا، پاتنىت مەسىلىسى تۈپەيلى، ئانچە بەك كىڭىيىپ كىتەلمىگەن. كىيىنكى مەزگىللەردە ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى ئامىرىكىدا كىڭىشىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلىكتىرون شىركەتلىرىگە بۇ تېخنىكىدىن ھەقلىق پايدىلىنىش ھوقوقىنى بەرگەن، Apple, Intel, Lenovo, DELL, Microsoft قاتارلىق شىركەتلەر ئارقا ئارقىدىن ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئىرىشكەن. مانا ھازىر بىز ھەر بىر دانە Wi-Fi تېخنىكىسى بار ئۈسكۈنىنى سىتۋالغاندا، خەجلىگەن پۇلىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتىگە پاتنىتلىق مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ھەققى سۈپىتىدە بىرىلىدۇ. ھەتتا ماركىسىز تاغتۇرا مەھسۇلاتلىرىمۇ شۇنداق، چۈنكى بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ Wi-Fi ئۆزىكىمۇ يەنىلا ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئىرىشكەن شىركەتلەردىن كىلىدۇ.

Wi-Fi تېخنىكىسى ھەقىقەتەن قولايلىق تېخنىكا، لىكىن بۇ قولايلىقلار نۇرغۇن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بەدىلىگە كەلگەن. ھازىرغىچە تېخى بىرەر بىخەتەرلىك يوچۇقى ئوچۇق ئاشكارە ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەسلى تېخنىكىسى ۋە دەلىللەش جەريانىنىڭ ئاددىيلىقى، دۆلىتىمىز ئىزچىل ھالدا بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قاراپ كەلدى. مۇشۇ كۆز قاراش تۈپەيلى، Wi-Fi تېخنىكىسىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشى تېخىمۇ تەسكە توختىغان، دەسلەپتە ھەتتا دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىش چەكلەنگەن. …

2001-يىلى 6-ئايدا IEEE 802.11 ئۆلچىمىدە ئىغىر دەرىجىدە بىخەتەرلىك يوچۇقى ساقلانغان دەپ قارالغاچقا، دۆلىتىمىز سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، سىمسىز تورغا قوللىنىلىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەن. شۇ يىلى 8-ئايدا ئۆزىدە بۇرۇن بار سىمسىز تور تېخنىكىسى ئاساسىدا ئايرىم بولغان سىمسىز تور تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىققان.

2003-يىلى 5-ئايدا دۆلىتىمىز مەجبۇرى ئىجرا قىلىنىدىغان GB 15629.11/1102-2003 ئۆلچىمىنى ۋە ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان، بىخەتەرلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان WAPI سىمسىز تور تېخنىكىسىنى ئىلان قىلغان.

WAPI سەۋەبىدىن Wi-Fi دۆلىتىمىزدە ئىزچىل ھالدا چەتكە قىقىلىشقا ئۇچىراپ كەلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، Wi-Fi ئىقتىدارى بولغان يانفونلارنىڭ دۆلىتىمىزدە تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسىغا ئىرىشىشنى چەكلىگەن، چەتئەل ماركىسىدىكى يانفونلارنىڭ دۆلىتىمىز بازىرىغا كىرىشتە Wi-Fi ئۆزىكىنى چىقىرۋىتىشنى ياكى بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ خىل يانفونلار دۆلىتىمىزدە «پىچىۋىتىلگەن يانفون» دەپ نام ئالغان.


WAPI1

تورداشلار بەلكىم، «شۇنچە قولايلىق Wi-Fiنى چەكلەتكۈزگىدەك WAPI دىگەن زادى قانداق تېخنىكىدۇ؟» دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مومكىن. شۇڭا بۇ ھەقتىمۇ ئىككى ئىغىز سۆزلەپ ئۆتۈپ كىتەي.

2003-يىلى ئىلان قىلىنغان WAPI تېخنىكسى (ئۇيغۇرچە تولۇق ئاتىلىشى: سىمسىز قىسمى تور پەرىقلەندۈرۈش ۋە مەخپىيەتلىك ئاساسى قۇرۇلمىسى تېخنىكىسى) بولسا، Wi-Fi غا ئوخشاپ كىتىدىغان سىمسىز تور تېخنىكىسى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقوقىغا ئىگە بولغان سىمسىز قىسمى تور بىخەتەرلىك ئۆلچىمى. بۇ Wi-Fi غا ئانچى ئوخشاپ كەتمەيدىغان تور ۋە مەخپىيەتلىك كىلىشىمىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ پەرقى يەنىلا بىخەتەرلىك مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئوخشىمايدۇ. خەلىقئارا ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى تۈپەيلى، دۆلىتىمىز ئىزچىل ھالدا WAPIنىڭ بىردىنبىر خەلىقئارالىق ئۆلچەم بولۇشىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن Wi-Fi تېخنىكىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمىگەن.

دۆلىتىمىز ئەسلى 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ WAPI ئۆلچىمىنى مەجبۇرى ئىجرا قىلماقچى بولغان (بۇنداق بولغاندا «پىچىۋىتىش» تولۇق ئىجرا قىلىنىدۇ دىگەن گەپ.) بىراق Intel قاتارلىق ئامىرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەتتا ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچىرىغان. تاكى 2009-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە WAPI تېخنىكسى شۇ يىللىق ISO/IECJTC1/SC6 ئۆلچەم يىغىنىدا ئامىرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن خەلىقئارا ئۆلچەمگە يىقىنلاشقان.

2010-يىلى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى بەلگىمىسىدە، WAPI ئىقتىدارىنى قوشۇلغان يانفونلارنىڭ بازارغا كىرىشىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان. بۇنىڭدا تەلەپ قىلىنغان پىرىنسىپ بولسا، بۇ ئۈسكۈنىلەر WAPI تورى بار ئورۇنلاردا WAPI ئارقىلىق تورغا كىرسە بولىدۇ، ناۋادا WAPI سىگىنالى بايقالمىغاندا ئاندىن Wi-Fi نى ئىشلىتىپ تورغا ئۇلانسا بولىدۇ. لىكىن ساپ Wi-Fi بولغان يانفونلار يەنىلا بازارغا سىلىنسا بولمايدۇ…

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى