Wikipediaمۇنازىرىسى:Sandbox

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنلىرىغا كۇچۇشى


يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنلىرىغا كۇچۇشنى سىياسەت ، ئىقدىساد ، جەمئىيەت قاتارلىق ئامىللارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تۇۋەندىكىدەك بەش مەزگىلگە بۇلۇشكە بۇلىدۇ .

1 . پەرغانىگە كۇچكەن قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار ( 18 - ئاسىرنىڭ ئاخىرقى يىرىمىدىن 19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىرىمىغىچە )

بۇ قىتىمقى كۇچۇشنى ئاق تاغلىق ، قارا تاغلىق غۇجىلارنىڭ ئىچكى نىزالىرى ۋە << يەتتە غۇجا تۇپىلىڭى ( 1847 - يىلى ) >> كەلتۇرۇپ چىقارغان . تۇلۇق بۇلمىغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا بۇ قىتىمقى كۇچۇشتە تەخمىنەن 50 - 60 مىڭ قەشقەرلىك ئۇيغۇر پەرغانىگە كۇچكەن .

2. بەي يەنخۇنىڭ قالدۇق تۇپىلاڭچى قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنىغا مەجبۇرى كۇچۇرۇلگەن ئۇيغۇر . ( 1877 - 1878 )

بەي يەنخۇ 1873 - يىلى كۇتۇرۇلگەن خۇيزۇلار قۇزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى بۇلۇپ ، چىڭ قۇشۇنلىرىنىڭ قۇغلاپ زەربە بىرىشى بىلەن 1873 - يىلى 10 - ئايدا قالدۇق قۇشۇنلارنى باشلاپ دىيارىمىزغا قىچىپ كەلگەن . ئۇنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنىغا سەرگاندان بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۇنكىرىت سانىنى ئىنىقلاشقا ئامال بۇلمىسىمۇ . شۇ چاغدىكى تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ سانىنى 2 مىڭدىن ئارتۇق دەپ پەرەز قىلىشقا بۇلىدۇ .

3 . چاررۇسيە ھۇكۇمىتى تەرىپىدىن ئۇتتۇرا ئاسياغا مەجبۇرى كۇچۇرۇلگەن ئىلى ئۇيغۇرلىرى . ( 1881 - 1884 ) بۇ قىتىمقى مەجبۇرى كۇچۇشتە جەمئىي 45373 تارانچى مەجبۇرى ھالدا كۇچۇرۇلگەن .

4. مىنگۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇتتۇرا ئاسيا رايۇنلىرىغا ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلغان ياكى بارغان ئۇيغۇرلار . ئىشلەمچىلىككە بارغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن چاررۇسيە ھۇكۇمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەپيۇن تىرىشقا سىلىنغان . شۇ چاغلاردا ئۇتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە ئەپيۇن تىرىش كۇلەملەشكەن بۇلۇپ ، بۇ ئەپيۇنلار ئاساسلىقى جۇڭگۇ بازىرىغا سىلىنغان . ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىنىق سانى مەلۇم ئەمەس .

5 . 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى سۇۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا كۇچكەن ئۇيغۇرلار . 60 يىللارنىڭ باشلىرى جۇڭگۇ سۇۋېت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىلىدا تۇرۇشلۇق سۇۋېت كۇڭسۇلخانىسى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى قايمۇقتۇرۇپ << گراژدانلىق كىنىشكىسى >> << مۇھاجىرلىق كىنىشكىسى >> << ۋىزا >> قاتارلىقلارنى كەڭ كۇلەمدە تارقىرتىپ ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى سۇۋېت گىراژدانى بۇلۇشقا رىغبەتلەندۇ . بۇنىڭ بىلەن 50 - 60 مىڭغا يىقىن ئىلى ، چۇچەك ئۇيغۇرلىرى سۇۋېت ئىتىپاقىغا چىقىپ كىتىدۇ .

كىينكى 500 يىللىق تارىخىدا تەغدىرىگە قارار چىقىرىشقا ئامالسىز قالغان بۇ بىچچارە خەلقىمىز كىندىك قىنى تۇكۇلگەن بۇ ئانا زىمىندىمۇ تۇرۇش ھۇقۇقىدىن يۇقىرقىدەك سەۋەپلەر تۇپەيلى مەھرۇم قالغان .

مەنبە : ( << ئۇتتۇرا ئاسيا ئۇيغۇرلىرى >> شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 2003 - يىلى خەنزۇچە نەشرى 35 - 79 - بەتلەر ) دىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى