Wikipedia:ھەپتىلىك نادىر يازما

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ياكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ياكى ئۇيغۇرىستان) (خەنچە: 新疆维吾尔自治区) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توپراقلىرى ئىچىدە يەر ئالغان، يەرلىك خەلق ۋە بەئزى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن جۇڭگو تەرىپىدىن تۈرك ئىسلام تۇپراغى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 31 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمورىي رايونى ئىچىدە يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايوندۇر.قىسقارتىلما ئىسمى بىلەن شەرقتە جۇڭگونىڭ گەنسۇ(كەڭسۇ)، چىڭخەي (كۆكنۇر) ئۆلكىلىرى، شەرقى شىمالدا ۋە شىمالدا موڭغۇلىيە، رۇسيە، غەربىي شىمال ۋە غەربتە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان،ئاڧغانىستان ۋە پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر ۋە ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر، جەنۇبتا بولسا جۇڭگو تىبەت قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە 3 ئۆلكە بىلەن چىگراداشتۇر. قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. دەۋامى...