Wikipedia:Contributing to Wikipedia

ئورنى Wikipedia

== دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى سۆز بېشى ==

ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىززەت-ھۆرمىتىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باراۋەر ۋە تەۋرەنمەس ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دۇنياۋى ئەركىنلىك، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى،

كىشىلىك ھوقۇققا ئېتبارسىز قاراش ۋە ھاقارەت كەلتۈرۈش ئەۋج ئېلىپ كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى  بۇلغايدىغان ياۋۇز زوراۋانغا ئايلانغانلىقى، ھەممە ئادەم سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەمدە ۋەھىمە ۋە نامراتلىقتىن خالىي بولىدىغان دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىشى ئاددىي خەلقنىڭ ئالىي ئارزۇسى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى،

ئىنسانلارنىڭ ئىلاجسىزلىقتىن زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم ئۈستىدە ئىسيان كۆتۈرىمىز دەپ تەۋەككۈلگە ھەرىكەت قىلىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولى بىلەن قوغداش زۆرۈر بولغالىقى، دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش زۆرۈرلۈكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر پارتىيىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى, ئىنسانىي ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە قەدىر - قىممىتى, شۇنىڭدەك ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئەقىدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ھەمدە بىر قەدەر چوڭ ئەركىنلىك ئاساسىدا جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تۇرمۇش دەرىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقى, ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ, كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەتلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكى, ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشنىڭ شۇ قەتئىي ئىرادىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاچقا يىغىن ھازىر بارلىق خەلق ۋە بارلىق دۆلەت تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئورتاق ئۆلچەم سۈپىتىدە مۇشۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىدۇ, ھەر بىر ئادەم ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتنىڭ مۇشۇ خىتابنامىنى ھەر دائىم چىڭ ساقلاپ, تەلىم ۋە تەربىيە ئارقىلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ھۆرمەتلىنىشىنى تىرىشىپ ئالغا سۈرۈشى ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىكى خەلق ئارىسىدا, شۇنىڭدەك شۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى زېمىنىدا ياشايدىغان خەلق ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 1– ماددا ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن, ئىززەت - ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلگە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر - بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. 2– ماددا ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە, ئۇلار ئىرقى, رەڭگى, جىنسى, تىلى, دىنى, سىياسىي قارىشى ياكى باشقا قارىشى, دۆلەت تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى, مۈلكى, تۇغۇلۇشى ياكى باشقا سالاھىيىتى جەھەتتىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم ئۆزى تەۋە دۆلەت ياكى زېمىننىڭ سىياسىي, مەمۇرىي ياكى خەلقئارا ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ, بۇ زېمىننىڭ مۇستەقىل زېمىن, ۋاكالىتەن باشقۇرۇلۇۋاتقان زېمىن, ئاپتونومىيىسىز زېمىن ياكى باشقا ھەر قانداق ئىگىلىك ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان ھالەتتىكى زېمىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. 3 – ماددا ھەممە ئادەم ھاياتلىقتىن , ئەركىنلىكتىن ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 4– ماددا ھەر قانداق ئادەمنى قۇل قىلىشقا ياكى قۇل قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ , ھەر قانداق شەكىلدىكى قۇللۇق تۈزۈمنىمۇ , قۇللارنى ئېلىپ - سېتىشنىمۇ مەنئى قىلىش كېرەك . 5– ماددا ھەر قانداق ئادەمنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىيناشقا ياكى ۋەھشىي , ئىنسانىيەتسىز ياكى ھاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ياكى جازاغا دۇچار قىلىشقا بولمايدۇ . 6– ماددا ھەممە ئادەم ھەر قانداق جايدا قانۇن ئالدىدىكى كىشىلىك ئىززىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق . 7– ماددا ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر ھەمدە قىلچە كەمسىتىلمەي , قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىگە خىلاپ ھەر قانداق كەمسىتىشتىن ۋە مۇشۇنداق كەمسىتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق قىلمىشنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن , باراۋەر قوغداشتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 8– ماددا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلار بەخىش ئەتكەن ئاساسىي ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا , لاياقەتلىك دۆلەت سوتى ئارقىلىق بۇنداق زىيانكەشلىك ھەرىكىتىدىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق . 9– ماددا ھەر قانداق ئادەمنى ھەر قانداق شەكىلدە قولغا ئېلىشقا , نەزەربەند قىلىشقا ياكى سۈرگۈن قىلىشقا بولمايدۇ . 10– ماددا ھەممە ئادەم مۇستەقىل ھەم خالىس سوتنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق سوراق قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ھەمدە ئۆزىگە قويۇلغان ھەر قانداق جىنايى ئەيىبنى ئېنىقلىۋېلىشقا پۈتۈنلەي تەڭ ھوقۇقلۇق . 11- ماددا 1) جىنايى ئىشلار بىلەن ئەرز قىلىنغانلىكى ئادەم ئاقلاش جەھەتتە لازىملىق بارلىق كاپالەتكە ئېرىشكەن ئاشكارا سوتتا جىنايىتى بارلىقى قانۇن بويىچە دەلىللەنگىچە گۇناھسىز دەپ قارىلىشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەر قانداق قىلمىشى ياكى قىلمىشسىزلىقى سادىر بولغان ۋاقتىدا دۆلەت قانۇنى ياكى خەلقئارا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسا , جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ . جىنايى جازا جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تەتبىق قىلىنىدىغان قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىكىدىن ئېغىرلىتىۋېتىلسە بولمايدۇ . 12- ماددا ھەر قانداق ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا , ئائىلىسىگە , تۇرالغۇ جايىغا ۋە خەت - ئالاقىسىگە خالىغانچە ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ , ئۇنىڭ شەنى ۋە شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ . بۇنداق ئارىلىشىشتىن ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن , ھەممە ئادەم قانۇننىڭ قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 13- ماددا 1) ھەممە ئادەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا ئەركىن كۆچۈشكە ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەممە ئادەم ھەر قانداق دۆلەتتىن كېتىشكە , جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشكە ھوقۇقلۇق . 14- ماددا 1) ھەممە ئادەم زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن , باشقا دۆلەتلەردە پاناھ تىلەشكە ۋە پاناھلىنىشقاھوقۇقلۇق . 2) ھەقىقەتەن غەيرىي سىياسىي جىنايەت ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پرىنسىپىغا خىلاپ قىلمىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا , بۇنداق ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ . 15- ماددا 1) ھەممە ئادەم دۆلەت تەۋەلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەر قانداق ئادەمنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ , ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ . 16- ماددا 1) ياش قورامىغا يەتكەن ئەر - ئاياللار ئىرق , دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دىن جەھەتتىن ھەر قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي , تويلىشىشقا ۋە ئۆي تۇتۇشقا ھوقۇقلۇق . ئۇلار نىكاھ جەھەتتە , توي قىلغان مەزگىلدە ۋە نىكاھ توختامى بىكار قىلىنغاندا , باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك . 2) ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپنىڭ ئىختىيار قىلىشى ۋە تامامەن ماقۇل بولۇشى ئارقىسىدىلا توي قىلىشقا بولىدۇ . 3) ئائىلە-تەبىئىي ۋە ئاساسىي ئىجتىمائىي بىرلىك , ئۇ جەمئىيەت ۋە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىشقا تېگىشلىك . 17- ماددا 1) ھەممە ئادەمنىڭ مۈلۈككە ئوڭچە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى , شۇنىڭدەك باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك . 2) ھەر قانداق ئادەمنى مال - مۈلكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ . 18- ماددا ھەممە ئادەم ئىدىيىۋى , ۋىجدانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە . بۇ ھوقۇق شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى ياكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىنى , شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ دىنى ياكى ئېتىقادىنى دىنىي ئەقىدە , ئەمەلىيەت , ناماز - ئىبادەت ۋە ئەمرىمەرۇپ ئارقىلىق يالغۇز ياكى ئۆم , ئاشكارا ياكى مەخپىي ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 19- ماددا ھەممە ئادەم ئۆز تەشەببۇسنى بىلدۈرۈش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . بۇ ھوقۇق مۇداخىلىگە ئۇچرىماي ئۆز تەشەببۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكىنى ۋە ئۇچۇر ھەم پىكىرلەرنى ھەر قانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ۋە دۆلەت ئايرىمىسىغا قارىماي ئىزدەش , قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 20- ماددا 1) ھەممە ئادەم تىنچ يول بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەر قانداق ئادەمنى مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە زورلاشقا بولمايدۇ . 21- ماددا 1) ھەممە ئادەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىش ياكى ئۆزى ئەركىن تاللىغان ۋەكىلى ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە . 2) ھەممە ئادەم ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا باراۋەر پۇرسەت بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە . 3) خەلقنىڭ ئىرادىسى _ ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئاساسى , بۇ ئىرادە قەرەللىك ۋە ھەقىقىي سايلام بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك , سايلام ئومۇميۈزلۈك ۋە باراۋەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئاساسلىنىشى ھەمدە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ياكى ئوبدانلا ئەركىن ئاۋاز بېرىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك . 22- ماددا ھەر بىر ئادەم جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن , ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە كىشىلىك غۇرۇرىنىڭ ئەركىن راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي , ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەر خىل ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھوقۇقلۇق , بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى ۋە بايلىق ئەھۋالى بويىچە بولىدۇ . 23- ماددا 1) ھەممە ئادەم ئىشلەشكە , ئەركىن كەسىپ تاللاشقا , ئادىل ۋە مۇۋاپىق خىزمەت شارائىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىشسىز قېلىشتىن ساقلىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەممە ئادەم ھەر قانداق شەكىلدە كەمسىتىلمەي , ئوخشاش ئىش ئۈچۈن ئوخشاش ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە . 3) ئىشلىگەن ئادەمنىڭ ھەر بىرى ئادىل ۋە مۇۋاپىق ھەقتىن بەھرىمەن بولۇشقا , ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت - ھۆرمەتكە لايىق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا , زۆرۈر تېپىلغاندا , ئۇنىڭغا باشقا ئىجتىمائىي كاپالەتنى قوشۇمچە قىلىشقا ھوقۇقلۇق . 4) ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن , ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە . 24- ماددا ھەممە ئادەم دەم ئېلىش ۋە بىكار يۈرۈش ھوقۇقىدىن , ئىش ۋاقتىنىڭ چېكىنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ھەمدە قەرەللىك , مائاشلىق دەم ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . 25- ماددا 1) ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋاباتىنىڭ سالامەتلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن , جۈملىدىن يېمەكلىك , كىيىم - كېچەك , تۇرالغۇ ئۆي , داۋالىنىشتىن ۋە زۆرۈر ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە . ئىشسىز بولۇپ قالغاندا , كېسەل بولۇپ قالغاندا , مەجرۇھ بولۇپ قالغاندا , تۇل قالغاندا , قېرىغاندا ياكى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان باشقا ئەھۋال بىلەن تىرىكچىلىك ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا , كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ئانىلار ۋە بالىلار ئالاھىدە ئېتىباردىن ۋە ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . بارلىق بالىلار نىكاھلىق ياكى نىكاھسىز تۇغۇلغىنىغا قارىماي , ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇھاپىزەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك . 26- ماددا 1) ھەممە ئادەم بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە , بىلىم ئېلىش ھەقسىز بولۇشى كېرەك , ھېچ بولمىغاندا , باشلانغۇچتا ۋە ئاساسىي باسقۇچتا شۇنداق بولۇشى كېرەك . باشلانغۇچ مائارىپ مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدە بولۇشى كېرەك , تېخنىكا مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىش كېرەك , ئالىي مائارىپنىڭ ئىشىكىنى نەتىجىگە قاراپ بارلىق كىشىلەرگە تەڭ ئېچىۋېتىش كېرەك . 2) مائارىپنىڭ مەقسىتى _ ئادەمنىڭ خاسلىقىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمىتىنى كۈچەيتىش . مائارىپ ھەر قايسى دۆلەتلەر , ئىرقلار ياكى ھەر قايسى دىنىي گۇرۇھلار ئارا چۈشىنىشنى , يول قويۇشنى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك . 3) ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك بىلىم تۈرلىرىنى ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە . 27- ماددا 1) ھەممە ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئەركىن قاتنىشىپ , سەنئەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پاراۋانلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەممە ئادەم ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىلمىي , بەدىئىي ئەسەرلەردىن ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھاسىل بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي مەنپەەت مۇناسىۋىتى بىلەن , قوغدىلىش ھوقۇقىغا ئىگە . 28- ماددا ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تولۇق رېئاللىشىشىغا ئىمكان بېرىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارا تەرتىپنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق . 29- ماددا 1) ھەممە ئادەم جەمئىيەت ئالدىدا مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ , چۈنكى , ئۇلارنىڭ خاسلىقى جەمئىيەت ئىچىدىلا ئەركىن ۋە تولۇق راۋاج تاپالايدۇ . 2) ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزگەندە , قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگىلا ئۇچرايدۇ , بۇنداق چەكلىمىنى بەلگىلەشتىكى بىردىنبىر مەقسەت _ باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ تېگىشلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە دېموكراتىك جەمئىيەتتە ئەخلاق , جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقنىڭ ئورۇنلۇق ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش . 3) ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى يۈرگۈزگەندە , ھەر قانداق ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ 30- ماددا بۇ خىتابنامىنىڭ ھەر قانداق بىر ماددىسىنى ھەر قانداق دۆلەت , گۇرۇھ ياكى شەخس مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھەر قانداق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى بۇزۇش مەقسىتىدىكى پائالىيەت ياكى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق دەپ سۈكۈت قىلىدىغان مەنىدە چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ .