Wikipedia:Username policy

ئورنى Wikipedia
ھۆججەت:شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددە

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ بىن مۇھەممەد بىن بەشىر ئەبۇ غۇددە _ ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغاي!_ ھىجرىيە 1336-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 17- كۈنى ھەلەب شەھىرىدە تۇغۇلغان. گەرچە شەيخ ھەققىدە يېزىلىۋاتقان تەرجىمىھاللاردا ئۇنىڭ 1917-يىلى تۇغۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ مەزگىل مىلادىيە 1918-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلىسى پەردىشەپلىك ۋە دىيانەتلىك ئائىلە ئىدى، ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد تونۇش-بىلىشلىرى ئارىسىدا سالىھلىقى، تەقۋادارلىقى، شۇنداقلا زىكىر-تەسبىھ ۋە قۇرئاننى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان كىشى بولۇپ، دادىسىدىن مىراس قالغان رەخت سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى. شەيخنىڭ نەسەبى ئۇلۇغ ساھابە خالىد ئىبنى ۋەلىد-رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ- غا تۇتىشىدۇ. شەيخنىڭ ئائىلىسىدە ئۇشبۇ نەسەبنى ئىسپاتلايدىغان بىر نەسەبنامە بار ئىدى.

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ ئوقۇش باسقۇچلىرى

شەيخ ھەلەبتىكى ئەرەب-ئىسلام مەكتىپىدە، ئاندىن ئوسمانلى ۋالىيسى خىسراۋ باشا قۇرغان، ھازىر «شەرئى تولۇق ئوتتۇرا»دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئوسمانىيە خىسراۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1942-يىلى ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئەزھەر شەرىپتە ئوقۇشقا بارغان ۋە شەرىئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. فاكۇلتېتىنى 1944-يىلى بىلەن 1948-يىللىرى ئارىلىقىدا پۈتتۈرگەن، ئاندىن يەنە ئەزھەردە ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بويىچە ئوقۇغان ۋە ئۇنى 1950-يىلى پۈتتۈرگەن. ئۇ ھەممە ئوقۇش باسقۇچلىرىدا كۆزگە چاقنىغان ئەلاچىلاردىن ئىدى.

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ ئۇستازلىرى

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ -رەھىمەھۇللاھ- يۈزلەرچە ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەلەبتىكى ئۇستازلىرىدىن: شەيخ ئىيسا بەيانۇنى، شەيخ ئىبراھىم سەلقىينى، شەيخ مۇھەممەد ئىبن ئىبراھىم سەلقىينى، شەيخ مۇھەممەد راغىب تەبباخ، شەيخ ئەھمەد زەرقا، شەيخ مۇستافا ئىبن ئەھمەد زەرقا، شەيخ مۇھەممەد رەشىد، شەيخ مۇھەممەد سەئىد ئىدلىبى، شەيخ نەجىب سىراجىدىن، شەيخ ئەھمەد كۇردى، شەيخ مۇھەممەد ناشىد قاتارلىق بار ئىدى. ئۇنىڭ مىسىردىكى ئۇستازلىرىدىن: شەيخ ئابدۇلمەجىد دەراز، شەيخ ئابدۇلھەلىم مەھمۇد، شەيخ مۇھەددىس ئەھمەد ئىبن مۇھەممەد شاكىر، شەيخ ھەسەنەيىن مۇھەممەد مەخلۇف، شەيخ مۇھەددىس ۋە ئۇسۇلىي ئالىم ئابدۇللاھ ئىمارىي، شەيخ ئىيسا مەننۇن، شەيخ ئەھمەد خۇزەرى ھۇسەين، شەيخ يۇسۇف دەجەۋى قاتارلىق بار ئىدى. ئۇ شۇنداقلا يەنە مىسىردا ئوسمانلى خىلاپىتىنىڭ سابىق شەيخى مۇستافا سەبرى، شەيخ مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرى ۋە ئىمام شېھىت ھەسەن بەننا قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان. ئاللاھ ھەممىسىگە رەھمەت قىلغاي !. ئۇنىڭ يەنە ھىجاز، ھىندىستان، پاكىستان ۋە باشقا جايلاردىمۇ نۇرغۇن ئۇستازلىرى بار. شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى سانايدىغان بولساق، يۈزلەرچە بەلكى مىڭلارچە شاگىرتلىرىنى ساناپ كېتىمىز. بىز پەقەت ئۇنىڭ يېقىن شاگىرتلىرىدىن «شەيخ ئەللامە مۇھەددىس مۇھەممەد ئەۋۋامە»، «شەيخ يېتىشكەن ئەدىب مەجد مەككى»، «شەيخ دەۋەتچى ئالىم ھەسەن قاتىرجى لۇبنانى»، «شەيخ مۇھەممەد رەشىد نەجدى» قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. بۇ ئاخىرقى شەيخ ناھايىتى ئىشەنچىلىك كىشى بولۇپ، «امداد الفتاح باسانيد ومرويات الشيخ عبد الفتاح» ناملىق بىر كىتابنى يازغان، كىتابىدا شەيخ ئابدۇلفەتتاھنىڭ ئىلمى ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەلىم ئالغان يۈزلەرچە ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا شاگىرت بولغان يەنە يۈزلەرچە تالىبلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئالغان.

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددە ئوقۇشنى تاپىلىغان كىتابلار

شەيخ ئىلىمخۇمار ۋە كىتاب ئاشنىسى ئىدى. كەڭ تارالغان كىتابلار، نادىر كىتابلار ۋە قوليازمىلار بىلەن لىق تولغان يوغان بىر كىتابخانىسى بار ئىدى. شاگىرتلىرىنى كىتاب ئوقۇش ۋە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. بىزگە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان كىتابلار قاتارىدا: ئىمام شاتىبىينىڭ «ئىئتىسام» دېگەن كىتابى، ئىمام ئىبن قەييىم جەۋزىنىڭ «اعلام الموقعين» دېگەن كىتابى، ئىمام ئىبنى تەيمىيەنىڭ « إقتضاء الصراط المستقيم مخالفة أصحاب الجحيم » دېگەن كىتابى بار.

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ ئىلمى سەپەرلىرى

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ نۇرغۇنلىغان ئىلمى ۋە دەۋەت سەپەرلىرىنى قىلغان. ئۇ دەرس ئۆتەتتى ۋە لېكسىيە سۆزلەيتتى، ھەر خىل ئىجازەتنامىلەرنى بېرەتتى ياكى ئالاتتى. مۇشۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن ھىندىستان، پاكىستان، سۇدان، ماراكەش ۋە ئىراقلارغا سەپەر قىلغان. ئۆزىنىڭ سەپەرلىرى ئارقىلىق ھىندى قۇرۇقلىقىدىكى نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئۆزىگە توپلىغان. شۇنداقلا ھىندى قۇرۇقلىقى ئۆلىمالىرىنىڭ نۇرغۇن ئىلمى رىسالىلىرى ۋە يازغان كىتابلىرىنى تەھقىقلەپ، ئەھلى ئىلىملەر ئارىسىدا ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان. ئابدۇلھەي لەكنەۋى، مۇھەممەد ئەنۋەر شاھ كەشمىرى، زەفەر ئەھمەد تىھانەۋى قاتارلىق ئالىملارنىڭ كىتابلىرى ئۇنىڭ ئىلمى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئەرەب ئوقۇرمەنلەرگە يېتىپ كەلگەن. شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ ئىلمى تىرىشچانلىقلىرى شەيخ مىسىردىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن، سۈرىيەگە قايتىپ كېلىپ، سۈرىيەدىكى خىسراۋ ئاممىۋى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ۋە شەرئى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە، شۇنداقلا شەئبانىيە شەرئى مەكتىپىدە، ئاندىن دەمەشىق ئۈنۋىرىستىتى شەرىئەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئاندىن «ئىبنى ھەزمنىڭ فىقھۇلمۇھەللا قامۇسى» ئىنسىكلوپېدىيىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئاندىن رىيازدىكى مۇھەممەد ئىبن سەئۇد ئۈنۋىرىستىتىدا ۋە قانۇن ئالىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھەمدە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازلىقىغا تەيىنلەنگەن. سۇداندىكى ئۇممۇ دۇرمان ئىسلام ئۈنۋىرىستېتى، ھىندىستان ئۈنۋىرىستېتلىرى ۋە ئىنىستېتوتلىرىنىڭ زىيارەتچى ئۇستازلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ يەنە مەسچىت دەرسلىرىدىن سىرت، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئېچىلغان نۇرغۇن ئىسلامى يىغىن ۋە كېڭەشلەرگە قاتناشقان. شەيخ شەرئى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇ - فىقھى بىلىملىرى ۋە فىقھى ئۇسۇللىرى، ھەدىس ۋە ھەدىس بىلىملىرىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، بىباھا ۋە پايدىلىق كىتابلارنى تەھقىقلەش ۋە تۈزۈش ئىشلىرىغا بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ ئەرەب تىلى بىلىملىرى ساھەسىدە كەڭ مەلۇماتقا ئىگىدۇر. ئۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتى «مۇھەممەد ئال رەشىد»، ئۇنىڭ تەھقىقلىگەن ۋە تۈزگەن كىتابلىرى بولۇپ، 73 پارچە كىتابنى ھېسابلاپ چىققان. تەھقىقلىگۈچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى كۆپىنچە ھاللاردا قوليازما نۇسخىلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرنى بايان قىلىش ۋە بەزى يەككە سۆزلەرنى شەرھلەشتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. لېكىن شەيخىمىزنىڭ تەھقىقلىرى ھەقىقەتەن تەھقىقلىگەن كىتابنى ئىككىنچى بىر كىتابقا ئايلاندۇرۇۋېتەتتى. ئۇ- ئەسلى كىتابتىكى غۇۋالىقلارنى روشەنلەشتۈرۈش، لەبزىلەرگە، بولۇپمۇ كىشى ۋە جاي ئىسىملىرىگە ھەرىكە قويۇش، نادىر پايدىلىق مەزمۇنلارنى قىستۇرۇشتىن سىرت، كۆپىنچە ئۇنىڭ تەھقىقلىرى پايدا جەھەتتە ئەسلى كىتابتىن قېلىشمىغۇدەك بولۇپ چىقاتتى. شۇ جەھەتتىن، ئوقۇغۇچىلار شەيخ تەھقىقلىگەن كىتابلارغا ئېرىشىشكە تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى. لوندوندىكى ئوكسفورد ئىسلام تەتقىقات مەركىزى شەيخنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ ئىسلامنى تونۇشتۇرۇش ۋە ھەدىس شەرىپ خىزمىتىگە قوشقان تۆھپە-تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن، بېرونى سۇلتانى تەقدىم قىلغان ئىلىم-پەن مۇكاپاتىغا تاللىغان. ئۇ ئىلىم پەرۋانىسى ۋە ئىلىم سۆيەرلىكىدىن، ئىلىم ۋە ئالىملار ھەققىدە مەخسۇس بىر قانچە كىتاب يازغان. مەسىلەن: «ئالىملارنىڭ سەۋرچانلىقلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر»، «ئالىملارنىڭ نەزىرىدىكى ۋاقىتنىڭ قىممىتى»، «مۇئەللىم پەيغەمبەر».

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ سالاھىيىتى

شەيخ -ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ئالغاي- مۇجاھىد مۇسۇلمان ئالىمدا بولۇشقا تېگىشلىك كۈچلۈك سالاھىيەتنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ئىلىمى مول، مەلۇماتى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ ۋە دەۋرىنىڭ مۈشكۈلاتلىرىغا باش قاتۇراتتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىلىپ تۇراتتى، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ غەملىرى ئۈچۈن غەمسىنەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمى سالاھىيىتىدە ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك تەمكىنلىك، ھەيۋەتلىك، سالماقلىق، شىرىن سۆزلۈك، تىلى گۈزەل بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىشى بىلەن بىرگە، سۆھبەتداشلىرىنىڭ قەلبىگە يېقىن ئىدى، ھەمدە تىز ئىنكاسى ۋە ئورۇنلۇق جاۋاب بېرىشلىرى بىلەن بىرگە، ئۇلارنى قىممەتلىك لېكسىيەلىرى، يېقىملىق ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالاتتى. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقان ئادەم ئۇنىڭ ئىلىمىدىن تەسىرلەنگەندەك، ئۇنىڭ ئەدەب-ئەخلاقىدىنمۇ تامامەن تەسىرلىنەتتى. ئۇ سۆھبەتلىشىش ۋە مۇئامىلە ئەدەپلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كىتابلىرى ۋە ئىزاھ-شەرھىلىرىدە ئەدەپ-ئەخلاقنى تەكىتلەش، ئەدەپلىك كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ھېكايە قىلىش كەڭ ئومۇملاشقان. (مەسىلەن: شەيخ تۈزگەن «ئىسلام ئەدەپلىرىدىن» ناملىق كىچىك كىتابچىغا قاراڭ، شۇنداقلا «توغرا يول ئىزدىگۈچىلەرگە رىسالە» ۋە ئەبۇلفەتھ بۇستىنىڭ «ھېكمەتلەر»ناملىق قەسىدىسىگە يازغان ئىزاھلىرىغا قاراڭ) ئۇنىڭ ئۆز ئۇستازلىرىغا كۆرسەتكەن ئەدەپلىرىگە كەلسەك، ئۇ ئەخلاق ۋە كەمتەرلىكنىڭ ئۈلگىسى ئىدى. شەيخ مۇستافا زەرقانىڭ قولىغا نەچچە قېتىم سۆيگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسىغا ۋە ئۇنىڭغا شاگىرت بولۇپ ئوقۇغانىدى. ئۇ شەرھىلەپ، ئىزاھلىغان «توغرا يول ئىزدىگۈچىلەرگە رىسالە» دېگەن كىتابنىڭ تۇنجى باسمىسى نەشىردىن چىققان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن بىر نۇسخىنى «شەيخ مۇھەممەد نەجىب خەيياتە»گە ھەدىيە قىلىپ، ئۇنىڭ قولىغا سۆيگەنىدى. چۈنكى شەيخ نەجىب ئۇنىڭدىن ياشتا چوڭ بولۇپ، ھەم ئۇنىڭغا ئازراق شاگىرت بولغان ئىدى. شۇنداقلا باغداتتىكى مۇدەررىس شەيخ ئابدۇلكەرىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ قولىغا سۆيۈپ قوياتتى ۋە ئۇنىڭغا سوۋغا تەقدىم قىلاتتى. تەبىئىيلا قەلبلەر ئۇنىڭغا رام بولۇپ، كۆڭۈللەر ئۇنىڭغا مەپتۇن بولاتتى، شۇنداقلا ئارىلىشىپ ئۆتكەن قېرىنداشلىرى ۋە يارەنلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشى، قەدىرلىشى ۋە ئىشەنچىسىگە سازاۋەر بولاتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاشقۇنلۇق ۋە تىز ھاياجانلىنىشتىن يىراق بولۇپ، ئىشلارنى شەرىئەتنىڭ ئىنچىكە مىزانى بىلەن دەڭسەپ كۆرەتتى. ئەنە شۇ مىزاننى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ۋە شاگىرتلىرىمۇ چىڭ تۇتاتتى. بەزى كىشىلەرنىڭ (ئۆز كىتابىدا) شەيخ ئەبۇ غۇددەنىڭ «ئۇلۇغ ئالىم ئىمام ئىبنى تەيمىيە» ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنى دەلىل قىلىپ ئەكەلگەنلىكى بۇنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. شەيخ ھەقىقەتەن «ئىمام ئىبنى تەيمىيە»گە قاتتىق يان باسىدىغان بىر مۇھىتتا مۇدەررىسلىك قىلىپ، تەلىم بېرەتتى. بىز بۇنىڭغا شەيخنىڭ «ئۇستاز مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرى»گە شاگىرت بولغانلىقىنى قوشىمىز. «كەۋسەرى» بولسا يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، ئىمام ئىبنى تەيمىيەدىن قاتتىق ئۆزىنى قاچۇرىدىغان كىشى ئىدى. مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى شەيخ ئابدۇلفەتتاھنى شەيخۇلئىسلام (ئىبنى تەيمىيە)گە ئادىل مۇئامىلە قىلىشتىن؛ 50-ۋە 60-يىللاردا ھەلەب شەھىرىدىكى ئىلىم سورۇنلىرىدا «ئىبنى تەيمىيە»نى لايىق رەۋىشتە تىلغا ئېلىشتىن؛ ياش ئەۋلاد دەۋەتچىلەر ۋە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ قەلبلىرىگە، مۇجاھىد ئالىم سۈپىتىدە ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىنى تىكىشتىن توسۇپ قالالمىدى. ئىبنى تەيمىيەنىڭ شاگىرتى «ئىمام ئىبنى قەييىم»گىمۇ ئەينەن شۇنداق مۇئامىلىدە بولغانىدى. شەيخ بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان ئىلمى مۇھىتنىڭ قارشى چىقىشى ياكى سۆيۈپ، ئەزىزلەيدىغان بىرەر ئۇستازىنىڭ قارشى چىقىشىغا پەرۋا قىلمىغانىدى، ئۇستازى كۆرەلمىگەن «ئىمام ئىبنى تەيمىيە»نىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇ كۆرگەنىدى.

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ ئاممىۋى دەۋەت پائالىيەتلىرى

شەيخنىڭ 40-يىللاردا مىسىردا ئىمام شېھىت ھەسەن بەننا - ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ئالغاي- بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى دەپ ئۆتكەنىدۇق. ئۇ مۇشۇ ئۇچرىشىشى بىلەن، بۈگۈنكىدەك دەۋىردە ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش، ئىسلام دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان. شەيخ ئۆز يۇرتى سۈرىيەگە قايتقاندىن كىيىن، ئىسلام دەۋىتى يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان. ئۇنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى ئارقىلىق، مەسچىت، مەكتەپلەردە ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېلىپ بارىدىغان ئومۇمى دەۋەت پائالىيەتلىرى ۋە خۇسۇسىي دەۋەت پائالىيەتلىرى بار ئىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى ئۆز رولىنى شەيخكە باغلاپ، ئۇنىڭ پەرھىزكارلىقى، تەقۋادارلىقى، ئىلىمى، ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە دانالىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىدى. ئۇ ئۇلار ئۈچۈن يېتەكچى، يۆلەنچۈك ۋە پاسىبان بولغانىدى. شەيخنىڭ سۈرىيەدە ھەرىكەتچان، تىرىك بىر دەۋەت مەكتىپى قۇرۇشى جەريانىدا، ئۈچ ئەۋلاد ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەمەلىيەتچان دەۋەتچىلەر ئۇنىڭغا شاگىرت بولغانىدى، ھەممىسى ئۇنىڭ ئىلىم دېڭىزىدىن ئابى-شەربەتلەرنى ئىچىش شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. 60-يىللار ئوتتۇرىلىرىدا سۈرىيەگە زوراۋانلىق باستۇرۇشلىرى كۈچىيىپ كەتكەندە، شەيخ «ئىسلام فرونتى»غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى تەشكىللەشكە تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەلەب شەھىرى ئالىملىرىدا ئىجابىي بىر ھەرىكەت باشلاندى، نەتىجىدە كەڭ كۆلەملىك يىغىلىشلاردا ھەلەب ئالىملىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغانىدى، بۇ يىغىلىشلارنىڭ ئارقىسىغا شەھەردىكى كۆپچىلىك مۇسۇلمان خەلق قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلغانىدى. لېكىن ئىسلام ئېڭى تەبىئىتىگە ئالاقىدار سەۋەبلەردىن، ھال سوراش ياردەملىرى تۈپەيلىدىن، بۇ تىرىشچانلىقلار كۈتۈلگەندەك ئۈنۈم بەرمىدى. شەيخ بۇ ھال سوراش ياردەملىرىگە قارشى چىقىشقا ئۇرۇنغانىدى. خىسراۋ مەسچىتىدە شەيخ نەچچە مىڭ نامازخانلار بىلەن ھەپتىلىك يىغىلىپ، مۇنبەر ئۈستىدە، ھازىرقى دەۋردىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىكتاتورىلىققا، مۇستەبىتلىككە، ئىلمانىزم ۋە غەربلەشتۈرۈش خاھىشلىرىغا قارشى تۇراتتى. شەيختىن مۇستەبىتلەرنىڭ ئىچى سىقىلاتتى، ھېلى ئۇ يەردىن، ھېلى بۇيەردىن شەيخكە ئۇلارنىڭ تەھدىتلىرى يېتىپ كېلەتتى. ئۇ بىر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇجاھىد مۇسۇلمان ئالىمغا خاس جۈرئەت بىلەن مۇنداق دېگەنىدى: پەرۋا قىلماسمەن مۇسۇلمان ھالدا ئۆلسەم، قايسى تەرەپتىن بولسۇن ئاللاھ ئۈچۈن يىقىلىشىم. شەيخ -ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىگە ئالغاي!- تەدمۇر چۆللۈك تۈرمىسىگە 11 ئاي قامالغان. 1967- يىلىدىكى ھەزىران ئۇرۇشى تەسىرىدە قاماقتىن بوشىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەئۇدى ئۈنۋىرىستىتلىرىدە ئۇستاز بولۇش ئۈچۈن، سەئۇدىغا كەتكەن.

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددەنىڭ ۋاپاتى

ھىجرىيە 1417-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا، رىياز شەھىرىدە تۇرۇۋاتقىنىدا شەيخ بىر ياللۇغلۇق كېسەلگە گېرىپتار بولۇپ قېلىپ، تاكى ئەجەل كەلگۈچە كېسەلدىن ساقىيالماي، مىلادىيە 1997-يىلى 16-فېۋرال، ھىجرىيە 1417-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 9-كۈنى يەكشەنبە سەھەردە، پۈتۈن ئۆمرىنى ئاللاھنىڭ تائىتى، ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىسلام مائارىپى بىلەن ئۆتكۈزۈپ، 80 يېشىدا جانابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا سەپەر قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا چەكسىز رەھمەتلىرىنى بېغىشلىغاي! ئاللاھ ئۇنىڭ سۇنغان ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىپ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرگەي! مۇسۇلمانلارنى مەنپەئەتلەندۈرگەن ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن، كاتتا مۇكاپاتلىغاي! جىمى مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

مەنبە: http://islamstory.com/ar/ --Nujaymm (سۆزلىشىش) 09:56, 15 ماي 2016