Windows نىڭ تەرەققىيات تارىخى

ئورنى Wikipedia

1985-يىلى، تۇنجى Windows ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 27 يىللىق تارىخىنى بېسىپ بولدى.

1985-يىلى، Window 1.0 دۇنياغا كەلگەن، بۇ MS-DOS نى يادرو قىلغان ھەم گىئومېتىرىيە شەكىللىك مەشغۇلات يۈزى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا MS-DOS كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالغان.

1987-يىلى، Windows 2.0 دۇنياغا كەلگەن. Word ۋە Excel ئەڭ دەسلەپكى مۇشۇ نەشردىن باشلاپ ۋۇجۇدقا كەلگەن. چۈنكى بۇ نەشردە مىكروسوفت ۋە ئالما شىركىتى تۇنجى مەيدان دەۋالاشقان. ئالما شىركىتى مىكروسوفتنى Macintosh ۋە Lisa دىكى قىسمەن ئامىللارنى ئوغرىلىغان دەپ ئەرز قىلغان، ئەمما ئالما شىركىتى بۇ مەيدان دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

1990-يىلى، Windows 3.0 دۇنياغا كەلگەن، بۇ نەشردىن باشلاپ سىنبەلگە شەكلىدە MS-DOS يۇشۇرۇلغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تۇنجى مودا بولۇپ قالغان Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر.

1991-يىلى، Windows 3.1 دۇنياغا كەلگەن، بۇ نەشرى 90-يىللاردىكى IBM كومپيۇتېر دەۋردىكى ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالغان. بۇ نەشرىمۇ ئەڭ ئاخىرىقى ھەقىقىي مەنىدىكى MS-DOS غا ئوخشايدىغان كومپيۇتېر بولۇپ قالغان.

1995-يىلى، Windows 95 كۈچلۈك زىلزىلە بىلەن دۇنياغا كەلدى. بۇ نەشردە بۇرۇن بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولۇپ باقمايدىغان ئۆزگىرىشلەر بولغان. بۇ نەشردىن باشلاپ ئۈستەل يۈزى، سىنبەلگە، IE، سېۋەت (“垃圾箱”或者“回收站” ئاتالغۇسى Windows 8 نىڭ تەرجىمىسىدە سېۋەت دەپ ئېلىنغان بولغاچقا، بۇ يەردىمۇ مۇشۇ ئاتالغۇ ئىشلىتىلدى.) قاتارلىق ئۇقۇملار مەيدانغا كەلدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ ئۇقۇملاردا ئاساسىي جەھەتتىن چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.

1998-يىلى، Windows 98 دۇنياغا كەلگەن. بۇ نەشرى 95 نەشرىگە قارىغاندا، پەقەت بەزىبىر يېڭى ئىقتىدارلىرى قېتىلغاندىن سىرت چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.

2000-يىلى، Windows ME دۇنياغا كەلگەن. ME بولسا Millennium (مىڭ يىل) Edition نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۈمىدنى XP گە باغلىغان بولغانلىقتىن بۇ نەشرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان.

2001-يىلى، Windows XP دۇنياغا كەلگەن. بۇ قېتىملىق لايىھە ئۆتمۈشتىكى 6 يىللىق Windows نىڭ پۈتكۈل ئارايۈز ئۇسلۇبىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. بۇ كىشىگە ناھايىتى راھەت تۇيغۇ بەرگەن (ھېلىھەم شۇنداققۇ دەيمەن، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر تا ھازىرغىچە بۇ نەشردىن ۋاز كېچىشكە قىيالماي كەلمەكتە)

2006-يىلى، Windows Vista دۇنياغا كەلگەن، ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان (يەنى، مىكروسوفتنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى بولسا كېرەك) ئەمما يېرىم سۈزۈك بولغان ئارايۈز يەنىلا قالتىس بولغان.

2009-يىلى، Windows 7 دۇنياغا كەلگەن، بۇ نەشرى Vista نىڭ ئاساسىدا ئەلالاشتۇرۇلغان. ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن سىستېما زور دەرىجىدە تۇراقلاشقان.

2012-يىلى، Windows 8 دۇنياغا كەلگەن.

بۇ نەشرى قوللىنىشچانلىق (قوللىنىشچان سىستېمىلىرى) جەھەتتە يەنە بىر قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىشتا زىلزىلە قوزغىغان نەشرىدۇر.

2013-يىلى Windows 8نىڭ تولۇقلانغان نەشىرى Windows 8.1 دۇنياغا كەلگەن.