WordPress

ئورنى Wikipedia


ۋوردپرەس (ئىنگلىزچە نامى WordPress) بولسا گۈزەللىك، تور ئۆلچىمى ۋە ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن ھالدا تۈزۈلگەن شەخسىي ئۇچۇر نەشرىيات سۇپىسى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ۋوردپرەس

ئىنگلىزچە نامى :WordPress

يۇمشاق دېتال نەشىرى :WordPress 4.1

يېڭىلانغان ۋاقتى :2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

يۇمشاق دېتال چوڭ-كىچىكلىكى :6.8 MB

ئىجرا قىلىش مۇھىتى :Windows/Linux

يۇمشاق ماتېرىيال تىلى :كۆپ تىللىق، خەنزۇچە ئاددىي خەت شەكلىنى قوللايدۇ

دائىرە نامىنى تاللاش :.com、.cx、.cn、.cc

تور بېكىتى :http://wordpress.com/

چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

18پارچەWordPressۋوردپرەس (ئىنگلىزچە نامى WordPress) بولسا گۈزەللىك، تور ئۆلچىمى ۋە ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن ھالدا تۈزۈلگەن شەخسىي ئۇچۇر نەشرىيات سۇپىسى. ئۇ ئۆزى ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

ۋوردپرەس ئارقىلىق مۇكەممەل تور بەت قۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى شەخسىي بلوگ ياساشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.ئۇ خەلقئارا تور ساھەسى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ مۇكەممەل، ئىشلىتىشكە ئەڭ قۇلايلىق، قوللىغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ بلوگ (شەخسى تور بەت) سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • چۈشەنچە
  • Wordpress سۇپىسى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

Wordpress سۇپىسى[تەھرىرلەش]

Wordpress سۇپىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىنجاڭنىڭ تور ئەھۋالى نورماللاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن بلوگ سۇپىسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى كۆپ قىسىم ۋەكىللىك ئۇيغۇر بلوگلىرى مۇشۇ سىستېمىدا بلوگ يېزىپ كەلمەكتە.

WordPress بولسا PHP تىلى ۋەMySQL ساندان تېخنىكىسىدا ئېچىلغان ھەقسىز بلوگ سۇپىسى بولۇپ، بلوگگىرلار PHP ۋە MySQL مۇھىتى ھازىرلانغان بوشلۇقتا ئۆزىنىڭ بلوگىنى قۇرالايدۇ. WordPress نىڭ قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشكە ئەپلىك. نۆۋەتتە WordPress دۇنيادىكى ئاساسلىق ئېقىمدىكى بلوگ سىستېمىسىغا ئايلاندى.

WordPress ئەسلى ئىنگلىز تىلىدا ئېچىلغان بولۇپ،UTF-8  فورماتىنى قوللايدۇ. مەزكۇر سۇپىنىڭ ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئارىسىدا شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىشى يالغۇز قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ناھايىتى مول بايلىق مەنبەسىنىڭ بارلىقى ۋە ياكى ئىقتىدار ھەمدە ئۈنۈم جەھەتتە باشقا ھەرقانداق بلوگ سۇپىلىرىغا قارىغاندا ئەۋزەل بولغانلىقىدىلا بولماستىن، بەلكى كۆرۈنۈشلۈك ئارقا سۇپىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىدە. مەزكۇر سۇپا پىدائىيلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇدۇللۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ تۇرغاچقا، باشقا تىل بىلمىگەن بلوگگىرلارمۇ مەزكۇر سۇپىدا قىينالمايلا ئۆزلىرىنىڭ بلوگىنى قۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇپ كېتەلەيدۇ.

WordPress خەلقئارالىق سىستېما بولغاچ، قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب مەنبەسى ناھايىتى مول. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تور دۇنياسىدىكى ھەقسىز قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي بلوگىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، WordPress  شەخسلەرنىڭ قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارنى ياساپ  چىقىشىنى قوللايدىغان بولۇپ، بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە تورداشلارWordPress  نىڭ ئالاقىدار قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن مەلۇم ئىقتىدار ياكى ئۈنۈمگە ئىگە قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارنى ياساپ، تارقاتسا بولىدۇ.

خالىسىڭىز WordPress  تا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي بلوگىنىلا ئەمەس، ھەتتاCMS  لىق بېكەت، مۇنبەر، ئۇنىۋېرسال بېكەتنىمۇ قۇرۇپ چىقالايسىز.

ئېنىق تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، WordPress Theme خاسلىقىدىكى ئۇسلۇبلار نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئاساسلىق تور سىستېمىلىرى ئىچىدە ئۇسلۇب مەنبەسى ئەڭ كەڭرى ھەمدە سان جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا ئىكەن.WordPress  ئۇسلۇبلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، پاسونى ھەرخىل، كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ئىقتىدارى ئۆزگىچە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، نۇرغۇن بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ناھايىتى قۇلايلىق بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىلىپ بېرىلگەن .

WordPress نىڭ قىستۇرمىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، ئىقتىدارلىرىمۇ ھەرخىل. شۇنى دېيەلەيمەنكى،WordPress  نىڭ ئەڭ ئېسىل، شۇنداقلا كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان يېرى دەل مۇشۇ «قىستۇرما»سىدىن ئىبارەت. ئۆزىڭىزگە لازىملىق قىستۇرمىلارنى بلوگ ئارقا سۇپىسىدىن بىۋاسىتە قاچىلاپ ياكى چۈشۈرۈۋېلىپ بوشلۇققا يوللاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، لازىمى بولمىسا بلوگدىن چىقىرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.



ئىزدە قامۇسى - ئىزدە تورى