تۈۋەت يېزىسى
تۈۋەت يېزىسى
吐外特乡.Tüwet Town | |
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | قاراقاش ناھىيىسى |
مىللەتلەر
|
ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 21 دانە |
نوپۇس | 34 مىڭ |
تور بېكەت | قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى |
تۈۋەت يېزىسىقاراقاش ناھىيىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىزئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى. جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىسى ۋە 47-تۈەنگە تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى بولسا يېڭىيەر يېزىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. شەرىق تەرىپىقاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى نىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 7.3كىلومىتىر كېلىدۇ.
مەمۇرىي كەنتلەر
[تەھرىرلەش]يېزا تەۋەلىكىدە 21مەمۇرىي كەنت بار. ئۇلار :
- تۈۋەت كەنتى، ئويئېرىق كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، سوپىلا كەنتى، توقماق كەنتى؛
- سېرىق توغراق كەنتى، مۇغال كەنتى، چاۋاغ كەنتى، سايات كەنتى، كۆتىرەم كەنتى؛
- ئوي كەنتى، قۇمبۇي كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، خانلىق ئېرىق كەنتى، سۆگەتلىك كەنتى؛
- ھەلدوس كەنتى، ئاياغ ئەسكى كەنتى، يالغۇزتوغراق كەنتى، ناغرا كەنتى، ئوجۇنئېرىق كەنتى قاتارلىقلار.
ئىقلىمى
[تەھرىرلەش]تۈۋەت يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل 177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.
يېزا ئىگىلىكى
[تەھرىرلەش]تۈۋەت يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىق قىلىشقا ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەرلەر ئىنتايىن كۆپ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەزياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار.