Jump to content

قاراقاش دەرياسى

ئورنى Wikipedia

<

قاراقاش دەرياسى

قاراقاش دەرياسى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئىچكى دەريالارنىڭ بىرى، قاراقاش ناھىيىسى مۇشۇ دەريانى غەربى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قاراقاش دەرياسى ئۇلارنىڭ جان تومۇرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئاساسى ئەھۋالى

[تەھرىرلەش]

قاراقاش دەرياسى بولسا دەريا ۋادىسىدىكى نەچچە يۈزمىڭلىگەن خەلقنىڭ جان تومۇرى، ئۇنىڭسىز قاراقاش خەلقىنىڭ خۇشال-خۇرام، باياشات تۇرمۇشى، گۈزەل، ياپيېشىل قاراقاش بوستانلىقلىرى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. قاراقاش دەرياسى كوئىنلۇن تاغلىرىدىن باشلىنىپ، تۇپرىقى مۇنبەت، ياپيېشىل قاراقاش بوستانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمى ئوزۇنلىقى 800كىلومىتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى قوشۇلۇشتا ئاق قاشتېشى دەرياسى دەپ نام ئالغان يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ قاراقاش دەرياسىنىڭ يىللىق سۇ ئېقىم مىقدارى 2.2مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، پۇتكۈل قاراقاش ۋادىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن خوتەن ناھىيىسىنىڭ قىسمەن رايۇنلىرىنىمۇ سۇ بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. قاراقاش دەرياسىنىڭ سۈيى يازدا نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، 7-ئايلاردا كەلكۈن سۈيى بەزى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، دەريادىن كېچىپ ئۆتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بىراق كەلكۈن يوق ۋاقىتلىرىدا قاراقاش دەرياسى نۇرغۇنلىغان سۇ ئۈزگۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ؛ قىش كۈنلىرى، بەزى قاتتىق سوغۇق بولغان كۈنلەردە دەريا يۈزى مۇز تۇتىدىغان بولۇپ، دەريا يۈزى دەريا بويىدىكى كەڭ كەتكەن شاللىقلار بىلەن بىرلىشىپ، شۇنداق كەڭ، شۇنداق گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

جۇغراپىيىلىك ئورنى

[تەھرىرلەش]

قاراقاش دەرياسى - قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلىنىپ 808 كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن، يورۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. باش ئېقىنى تاغلار، ئوتتۇرا ئېقىنى تاغ، دۆڭلۈكلەر، تۆۋەن ئېقىنى تۈزلەڭلىكلەر ئارىسىدىن ئاقىدۇ. تاغ ئارىسىدىكى ئېقىننىڭ ئۇزۇنلىقى 569 كىلومېتىر بولۇپ، باش مەنبەدىن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان ئارىلىق باش ئېقىن ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەيدۇللانىڭ يۇقىرىدىكى 359 كلومېتىر ئارىلىقتىكى دەريا قىرغىقىنىڭ يانتۇلىقى 20 گىرادۇستىن 60 گىرادۇسقىچە كېلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا تىك چوققىلار ئاز، تاغلارنىڭ ئۈستى ئاساسەن تەكشى، يىلبويى قار- مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. شەيدۇللارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كەڭلىكى بىر كىلومېتىردىن 28 كىلومېتىرغىچە، ئۇزۇنلىقى 130 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇزلۇق بار. شەيدۇللادىن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان 230 كىلومېتىر ئارىلىقتا تىك چوققىلىق ھەيۋەتلىك تاغلار جىق ئۇچرايدۇ. بۇ ئارىلىقتا 20 دىن كۆپرەك تارماق ئېقىن بار. چوڭ قىيا تاشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دەريا جىلغىسىنىڭ تار يېرى 20 مېتىر، كەڭرەك يېرى 100 مېتىر كېلىدۇ. ئۇلۇغئاتىدىن قاراقاش دەرياسى كۆۋرۈكىگىچە بولغان 91 كىلومېتىرلىق ئارىلىق ئوتتۇرا ئېقىن بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ ۋە دۆڭلۈكلەردىن باشقا، قارا قاش ۋە خوتەن ناھىيىلىرىنىڭ تۇتاش كەتكەن باغۇ - بوستانلىقلىرىدۇر. باش ئېقىننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن 6500 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7013 مېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1100 مېتىردىن 1200 مېتىرغىچە كېلىدۇ. قاراقاش دەرياسىنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقتارى 69.8 كۇب مېتىر بولۇپ، دەرياغا كەلگەن سۇنىڭ پەسىللەردىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئەتىيازدا كەلگەن سۇ يىللىق ئومۇمىي مىقتارىنىڭ % 9.8 نى، يازدا كەلگەن سۇ % 73.1 نى، كۆزدە كەلگەن سۇ %13.6 نى، قىشتا كەلگەن سۇ %3.5 نى تەشكىل قىلىدۇ.

قاشتېشى

[تەھرىرلەش]

ئۇزاق ئەسرلەردىن بۇيان قاراقاش دەرياسىدىن قارا قاشتېشى، سەيۋىرەڭ قاشتېشى، زۇمرەت قاشتېشى، قىزىل قاشتېشى، سېرىق قاش تېشى تېپىلىپ كەلمەكتە. قاراقاش دەرياسى ساھىلىدىكى تۇزاقچى، ئۇچات، كۇسۇي، بوستانتوغراق، ئۇلۇغئاتا قاتارلىق جايلاردىن كېپەك ئالتۇن جىق تېپىلىدۇ. قاراقاش دەرياسىدىن 1945- يىلى بىر ئالماس تېپىلغان. بۇ ئالماس ھازىرغىچە موسكۋا موزېيىدا ساقلانماقتا. 1984- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە توزاچىدا كېپەك ئالتۇن ئىزدىگەن كىشىلەرگە يەتتە ئالماس ئۇچرىغان. بىراق ئالماس قېزىلىدىغان كان ئورنى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان

تەسىرى

[تەھرىرلەش]

قاراقاش دەرياسىنىڭ يىللىق سۇ ئېقىم مىقدارى 2.2مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، پۇتكۈل قاراقاش ۋادىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن خوتەن ناھىيىسىنىڭ قىسمەن رايۇنلىرىنىمۇ سۇ بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ ئېنىرگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، دەريانىڭ باش ۋە ئوتتۇرا ئېقىنىدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى - كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ ساقلاش، توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان پەيزىۋات سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ - كىچىك بەش سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار.ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاراقاش دەرياسى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ تەكلىماكاننى مۇھىم بولغان سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن چىققان قارا قاشتېشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭلىق بولۇپ، قاراقاشنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆرىنەرلىك كۆتۈردى.

قارالسۇن

[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش

[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى