ئابدۇللاھ گۈل

ئورنى Wikipedia


تۈركىيە دۆلتىنىڭ 11- جۇمھۇررەئىسى 2007-يىلى سايلانغان. 1950-يىلى كايسەرى ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.

ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان.


ئابدۇللاھ گۈل 1950 – يىلى 10 –ئاينىڭ 29 – كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەيسەرىي ئۆلكىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىتىدا ئىقتىساد پەنلىرى بۇيىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئالغان،كېين ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇن شەھىرىگە بېرىپ ئىقتىساد پەنلىرى بۇيىچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ساكارىيا ئۇنۋېرسىتېتىدا سانائەت قۇرلۇشى پاكۇلتىتىنى قۇرۇپ چىققان.

1983-يىلى 1991-يىلى ئاراسىدا ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىدا مۇتەخەسىس بولغان.

1991 – يىلى قەيسەرىي ئۆلكىسى تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان.

1991 – 1995 – يىلغىچە پارلامىنىتنىڭ پىلان ۋە خامچوت كومىتىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

1995 – يىلى پارلامىنىتنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

1996 – يىلى 6 – ئايدىن1997 – يىلى 6 –ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇريىتى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان.

2002 – يىلى 11 – ئايدىن2003 – يىلى 3 –ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان.

2003 – يىلى 3 – ئايداتۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان.

2007 – يىلى 8 – ئايداتۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك پىرىزدىېنتى بولغان.

ئابدۇللاھ گۈل 1950 – يىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر كۈنى ئوتتۇرا ئاناتولىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا مەركىزى ھېسابلىنىدىغان قەيسەرى شەھىرىدە قەيسەرى ئايروپىلان زاۋۇتىنىڭ پىنسىيۇنېرى ئەھمەد ھامدى گۈل ئىسىملىك بىر دىندار كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. قەيسەرى غازى پاشا باشلانغۇچ مەكتىپى، نازمى توكەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە قەيسەرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. 1974- يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئابدۇللاھ گۈل، 1983- يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن تىل ئۆگىنىش ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە بېرىپ، لوندون ۋە ئېكستېردە ئىككى يىل تۇرۇپ قالدى. ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدا خىزمەت ئىشلىدى ۋە شۇ فاكۇلتېتتا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دەرس ئۆتتى. 1989- يىلى خەلقئارا ئىقتىسادى ساھەسى بويىچە دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1983 – يىلىدىن 1991- يىلىغىچە مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە جايلاشقان ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىدا ئىقتىسادشۇناس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. 1991- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئۇدا بەش قېتىم قەيسەرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. 1991- يىلىدىن 1995 – يىللىرىغىچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى پىلان – خامچوت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. 1991- يىلىدىن 2001- يىللىرى ئارىسىدا ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مەجلىسنىڭ كۈلتۈر، مۇزىكا، سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتېتلىرىدا خىزمەت قىلدى. يەنە 1995- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. 1996- يىلى قۇرۇلغان 54- نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە دۆلەت مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى، ئۇ بۇ مەزگىلدە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

ئۇ تۈركىيە ئېغىر سىياسىي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈۋاتقان بىر پەيتتە يېقىن سىياسىي دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەسى ئىچىدە يېڭى بىر ئېقىمنىڭ شەكىللىنىشىگە باشلامچىلىق قىلدى. «يېڭىلىقچى ھەرىكەت» دەپ ئاتالغان بۇ ئېقىمنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە 2000- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پەزىلەت پارتىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ باشلىقلىقى ئۈچۈن نامزات بولدى. سايلامدا ناھايىتى ئازلا ئاۋاز بىلەن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بارلىق سىياسىي قاتلاملار ئۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىگە ئالاھىدە يۇقىرى ئۇتۇق، دەپ باھا بەردى. ئۆز قىممەت – قاراشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلغان ئاساستا دۇنيا بىلەن بىر گەۋدىلىشىشنى نىشان قىلغان، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ كۈچىگە تايىنىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بىر ئېقىم، دېگەن تونۇشنى پەيدا قىلغان «يېڭىلىقچى ھەرىكەت» تۈركىيە سىياسىتىگە ھاياجان بېغىشلىدى. بۇ سىياسىي لىنىيە 2001- يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەندى. ئۇ يېڭى قۇرۇلغان پارتىيەدە سىياسىي ۋە قانۇنىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پارتىيە باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. 2001 - 2002- يىللىرى ئارىسىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

ئابدۇللاھ گۈل 2002- يىلى 3- نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردىن كېيىن، شۇ يىلى 18- نويابىردا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 58- ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى. قىسقىلا داۋاملاشقان باش مىنىستىرلىق مەزگىلىدە ئىراق، قىبرىس (سىپرۇس) مەسىلىسىگە ئوخشاش قىيىن مەسىلىلەر بىلەن يۈزلەشتى، ئىقتىساد ‹جىددىي ھەرىكەت پىلانى› نى تۈزۈپ چىقىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ئىراق كىرىزىسى ئەسناسىدا مۇھىم رول ئوينىغان ‹ئىراققا قوشنا ئەللەر مۇساپىسى› نىڭ شەكىللىنىشىگە باشلامچىلىق قىلدى.

2003- يىلى 14- مارتتا قۇرۇلغان 59- جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئالىي ئورگىنى، ئىسلاھاتنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولدى. گۈل دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ سۈرئىتى ئاشتى ۋە 2005- يىلى 3- ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قېتىلىش مۇزاكىرىلىرى رەسمىي باشلىدى. ھەم غەرب ئەللىرى ھەم تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەر راۋاجلاندۇرۇلدى، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان دوستلۇق رىشتىسى كۈچەيتىلدى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلاردا ئاكتىپ روللارنى ئېلىش باشلاندى. ئابدۇللاھ گۈل 2003- يىلى مايدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۈپىتىدە بىلەن تېھراندا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (بۇرۇنقى ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى) نىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قىلغان ‹ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى› ھەم شەرق ھەم غەربتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

2007- يىلى 24- ئاپرېلدا جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات بولغان ئابدۇللاھ گۈل، سايلام مۇساپىسىنىڭ يېرىم قېلىشى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشى بىلەن 2007- يىلى 22- ئىيۇلدا بەشىنچى قېتىم قەيسەرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. يېڭى پارلامېنتنىڭ ئالدىدىكى تۇنجى كۈنتەرتىپ ماددىسى بولغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن قايتا نامزات بولدى.

خۇلاسىلىگەندە، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ سىياسىي سەھنىگە كىرىشى پىلانلىق بىر قەدەمنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىدى. ئۇ 1991- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن يازلىق تەتىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەيسەرىگە كەلگىنىدە، تونۇش – بىلىش، يېقىن – يورۇقلىرى ئۇنى سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋە دۆلىتىگە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. نەتىجىدە قاتناشقان بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تاكى 2007 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇدا بەش قېتىم قەيسەرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى، تۈركىيەنىڭ ئىچى – سىرتىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇللاھ گۈل، نۆۋەتتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11- جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

دوكتور ئابدۇللاھ گۈلگە بۇلغارىيەنىڭ بۇرگاز ھۈر ئۇنىۋېرسىتېتى (2003)، ئەنگلىيەنىڭ Exeter ئۇنىۋېرسىتېتى (2005)، ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى (2007)، رومىنىيە دىمىترى كانتېمىر خىرىستىيان ئۇنىۋېرسىتېتى (2008)، قازان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى (2009)، ھىندىستان ئامىتي ئۇنىۋېرسىتېتى (2010)، پاكىستان قائىدى ئەزەم ئۇنىۋېرسىتېتى، جەنۇبىي كورېيە خانكۇك ئۇنىۋېرسىتېتى (2010) ۋە ھىندونېزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (2011) تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى؛ جۇڭگو غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (2009)، قىرغىزىستان يۇسۇف بالاساغۇنى مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى (2009)، قازاقىستان ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى (2010) ۋە تۈركمەنىستان ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش دۆلەت ئىنستىتۇتى (2013) قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنىستىتۇتلار تەرىپىدىن پەخرى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئەنگلىيەدىن «Knight Grand Cross of the Order of the Bath»، پورتۇگالىيەدىن «Grande Colar»، گوللاندىيەدىن «Order of the Dutch Lion»، قازاقىستاندىن «ئالتۇن بۈركۈت ئوردېنى»، شىۋېتسىيەدىن «Royal Order of the Seraphim»، تۈركمەنىستاندىن «تۈركمەن دۆلەت ئوردېنى»، نورۋېگىيەدىن « AzizOlaf Nişanı»، ئەزەربەيجاندىن «ھەيدەر ئەلىيېۋ دۆلەت ئوردېنى» قاتارلىق ئوردېنلاردىن باشقا ئىتالىيە، قاتار، كۇۋەيت، كەمېرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ۋېنگىرىيە ۋە پاكىستاندىن ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت ئوردىنلىرىغا لايىق كۆرۈلدى. 2010 – يىلى Chatham House مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


ئابدۇللاھ گۈل ۋە خەيرۇننىسا گۈل ئائىلىسىنىڭ ئەھمەد مۇنىر، كۇبرا ۋە مەھمەت ئەمرە ئىسىملىك ئۈچ پەرزەنتى بار.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى