ئەسپرەسسو (تېز قەھۋە)

ئورنى Wikipedia

ئەسپرەسسو (ئېنگلىزچە: espresso) ئىتالىيەدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل قەھۋەدۇر. ئەسپرەسسونىڭ ئىتالىيەچە مەنسى تېز دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، ئەسپرەسسو قەھۋەسى تېز قەھۋە دەپمۇ ئاتىلدۇ.

ئەسپرەسسو (تېز قەھۋە)
ئەسپرەسسو قەھۋەسى
تىپى قىززىق
ئانا يۇرتى ئىتاليە
بارلىققا كەلگەن 1901
رەڭگى قارا

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئەسپىرەسسو قەھۋەسىنىڭ باشقىچە نامى تېز قەھۋە. ئەسپرەسسو ئىتالىيەدە بارلققا كەلگەن بىر خىل قەھۋە ئېچىتىش ئۇسۇلىدۇر. شۇڭا بۇ خىل ئېچتىلغان قەھۋەنى ئەسپرەسسو ياكى ئەسپرەسسو قەھۋەسى دەپ ئاتايدۇ. ئەسپرەسسونى ئادەتتە قايناپ تۇرغان سۇ (90 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى) ۋە ئالى سۈپەتلىك قەھۋە پۇرچىقنى 9-10 بالغىچە يۇقىرى بېسىم (900–1,000 kPa) بىلەن ئېچتىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.

ئەسپرەسسو جەنۇبى ياۋورپادىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدىغان قەھۋە ئېتىش ئۇسلۇبىدۇر، بولۇپمۇ فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە. ئەسپرەسسو قەھۋەسى يەنە گرىتسىيە، كرودىيە، بۇلغارىيە، شىۋىتسىيە، ۋە ئاۋىستراليەدىمۇ ناھايىتى مودا.

ئالبۇم[تەھرىرلەش]