ئەلشىر ناۋائى

ئورنى Wikipedia
ئۇلۇغ شائىر ناۋائى

ئەلشىر ناۋائى[تەھرىر]

ئەلشىر ناۋائى(پارىسچە،چاغاتايچە: نظام الدین على شير هروی; Nizām al-Din ʿAlī Shīr Herawī) - ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، زامانىدىكى دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابىدۇر. ناۋائىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئەسەرلىرى چاغاتاي ئۇيغۇرچىسى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.

نەۋايى بىلەن بىزنىڭ دەۋرىمىزنى 500 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مۇساپىسى ئايرىپ تۇرسىمۇ، شائىرنىڭ دىللارغا ھوزۇر بېغىشلىغۇچى ئوتلۇق غەزەللىرى، قەلبلەرنى نۇرغا تولدۇرغۇچى ھېكمەت دۇردانىلىرى ھەر ۋاقىت قۇلىقىمىز تۈۋىدە ياڭراپ، بىزنى ھاياتنى سۈيۈشكە، ئۆزىمىزنى قەدىرلەشكە، «ئىنسان» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئادەم بولۇشقا دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئەلىشىر نەۋايى زادى قانچىلىك ئەسەر يازغان ؟ كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى كىتابلىرىدا باشقا كىلاسسىك شائىرلارنىڭ نەۋايىنىڭ 63پارچە كىتابىنى ئوقۇغانلىقى،مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندۇ. بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن ئەسەرلىرى قانچىلىك بۇ ئېنىق ئەمەس،بىزگە قول يازما ۋە تاش باسما ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىش مۇمكىن ، :

شائىرنىڭ ئەسەرلىرى

شائىرنىڭ تۈركىي تىلدا ياراتقان شېئىرىي مىراسى ئاساسەن «خەزائىنۇل مەئانى» دىۋانىغا جەملەنگەن. ئەسەر تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكلەردىن ئىبارەت:

  1. «غەرايىبۇس سىغەر»(بالىلىق غارايباتىلرى)
  2. «نەۋادىرۇش شەباب»(يىگىتلىك نادىرلىقلىرى)
  3. «بەدايىئۇل ۋەسەت»(ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى)
  4. «فەۋائىدۇل كىبەر»(قېرىلىق پايدىلىقلىرى)

«خەزائىنۇل مەئانى» ئىنسان بالىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋە يۈكسەك تەپەككۈرى ھەمدە چەكسىز ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن باغلىق بولغان مىڭلاپ غەزەل، رۇبائىي، قىتئە، تەرجىئىبەند، تەركىببىەند، مەسنەۋى، ساقىينامە ۋە باشقا شەكىللەردە يېزىلغان شېئىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپلام بولۇپ، شەرق ئەدەبىيات تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان مۆجىزە ھېسابلىدۇ. بۇ خىل توپلام ئەلىشىر نەۋائىيدىن ئىلگىرى خېسراۋ دېھلەۋىي تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئىدى. ئەلىشىر نەۋائىي «خەزائىنۇل مەئانى»غا قەدەر «ئىلىك دىۋان»، «بەدائىيۇل بىدايە»، «نەۋادىرۇن نىھايە» دىۋانلىرىنى تۈزگەن. «خەزائىنۇل مەئانى» ئەنە شۇ ئۈچ دىۋانغا كىرگەن ھەمدە «نەۋادىرۇن نىھايە» تۈزۈلگەندىن كىيىن يېزىلغان شېئىرلار ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، 45 مىڭ مىسراغا يېقىن شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەۋائىي بەدىئىي مىراسىنىڭ سالماقلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغان «خەزائىنۇل مەئانى»غا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى شائىر ھايات چېغىدىلا كۆپلىگەن شەرق مەملىكەتلىرىدە كەڭ شۆھرەت قازانغان.

«خەزائىنۇل مەئانى»دىكى تۆت دىۋاننىڭ ھەربىرىدە 650 تىن جەمئىي 2600 غەزەل، 210 قىتئە، 133 رۇبائىي، 86 فەرد، 5 مۇئەمما، 13 تۇيۇق، 10 مۇخەممەس، 10 چىستان، بەش مۇسەددەس، تۆت تەرجىبەند، تۆت مۇستەھزاد، بىر مۇسەممەن، بىر تەركىبەند، بىر قەسىدە، بىر مەسنەۋى، بىر ساقىينامە بولۇپ، شەرق شېئىرىيىتىدىكى شېئىرىى شەكىللىرىنىڭ 16 خىل تۈرى مەۋجۈت. دېمەك، نەۋائىي شېئىرىيىتى ئەڭ ئاۋال ژانىرلىرىنىڭ كۆپ ھەم خىلمۇ-خىللىقى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن تۈركىي تىل شېئىرىيەت تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. نەۋائىينىڭ لىرىك مىراسى ئۇنىڭغا قەدەر مەۋجۈت بولغان تۈركىي تىل شېئىريىتىنىڭ داۋامى بولۇپلا قالماي، بەلكى پارس-تاجىك شېئريىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئەنئەنلىرىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن. نەۋائىي لىرىكىسى ژانىرلىرىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى، مۇكەممەللىكى، پوئېتىك مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم چوڭقۇرلۇقى، بەدىئىي ئىپادىلەرنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. بۇ شېئىرىي دۇردانىلەر يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك «خەزائىنۇل مەئانى» توپلىمىدا روشەن كۆرۈلىدۇ. نەۋائىي لىرىكىسىنىڭ شېئىرىيەت تارىخىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى بەلگىلىگۈچى مۇھىم ئامىللاردىن بىرى. ئۇنىڭ ھاياتىغا ئۆز دەۋرنىڭ دەۋر قىياپىتى، ئىلغار ئىجتىمائىي روھىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە سىڭىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت. شۇنداقلا، نەۋائىي لىرىكىسى ئۆزى ياشاپ تۇرغان ئىجتىمائىي مۇھىتقا يېقىن بولۇشى بىلەن كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى لىرىكىنىڭ بىر نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىيات تارىخىدا يۈكسەك بىر باسقۇچنى تەشكىل ئەتكەن.

قىسقىچە ھاياتى[تەھرىر]

بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 – يىلى 2-ئاينىڭ9-كۈنى ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خوراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى .

تۆمۈرىلەر پادىشاھى شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج – تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك، ئەلىشىرگە ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ تەفت شەھىرىدە 15 – ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . ئالىم ئەلىشىرنىڭ يۇقىرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى. شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى.

ئەلىشىر 12 – 13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالىغان ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولىغان . 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلشىر ھۈسەيىن بايقارا (سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان ، 1469 – يىلى ھېراتتا تەختتە ئولتۇرغان، 1505 – يىلى ۋاپات بولغان، مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان) بىلەن بىللە ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1456 – يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارغان. 1457 – يىلى بابۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كەتكەن . ناۋايى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچرىشىغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان .

ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .

شائىرنىڭ ئىجادى ھاياتى[تەھرىر]

ئەلشىر ناۋائى ئەسىرىنىڭ بىر بېتى

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500مىڭ مىسرا ئەتراپىدا بولۇپ شەرق ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ھىچكىم تېخى بۇنچىلىك جىق ۋە ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ باققان ئەمەس.

ئەلىشىر ناۋائىي باشلانغۇچ بىلىمىنى ھېراتتا ئالغان. ئۇنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتى مەكتەپ يېشىدىكى يىللاردىلا نامايان بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئەلىشىر 10- 12 ياشلىرىدا يازغان شېئىرلارنى ئۇستازى لۇتفىغا كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئستىداتىدىن مەمنۇن بولغان مەۋلانا لۇتفى ئەلىشىرنىڭ :

ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەرلەھزە ياش،

بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلتۇز، نىھان بولغاچ قۇياش.

دېگەن مەتلەئى بىلەن باشلىنىدىغان غەزىلىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن : « ئەگەر مۇيەسسەر بولسا ئىدى، ئۆزۈمنىڭ 10- 12 مىڭ بېيتىمنى شۇ غەزەلگە تىگىشەر بولا ئىدىم … » دېگەن ئىكەن.

ناۋائى مەشھەدتە ئوقۇش جەريانىدا، ئۆز ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچرىشىغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان . بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، پەلسەپە، مەنتىقە، ماتېماتىكا پەنلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بولۇپمۇ ئىسلام پەلسەپىسىنى ، ئەرەب ۋە شەرق مۇسۇلمان ئەدەبىياتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان . جۈملىدىن ئۇبۇلقاسىم فېردەۋسى ، نىزامى گەنجىۋى ، خۇسراۋ دېھلەۋى ، ئاتائى ، لۇتفى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان. شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە قىزغىن كىرىشىپ ، پارىس ۋە تۈرك تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . شۇڭلاشقا ئۇ «زۇللىنەين» (ئىككى تىل ئىگىسى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈرك تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا «ناۋائى» ( كۈي، ئاھاڭ دېگەن مەنىدە )، پارىس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا بولسا «فانى» ( ۋاقىتلىق، يوقالغۇچى دېگەن مەنىدە) دەپ تەخەللۇس قويغان .

خەمىسەسى[تەھرىر]

شائىر ئىجادىيىتىنىڭ شاھ ئەسىرى بەش داستاندىن تەشكىل تاپقان «خەمسە»دۇر. بۇ بەش داستان تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

  1. «ھەيرەتۇل ئەبرار»(ياخشىلارنىڭ ھەيرانلىقى)،
  2. «فەرھاد-شىرىن»
  3. «لەيلى-مەجنۇن»
  4. «سەبئەئى سەييارە»(يەتتە سەييارە)،
  5. «سەددىي ئىسكەندەر»(ئىسكەندەر سېپىلى)

پارس ئەدەبىياتىدىكى خەمسەچىلىككە جاۋابەن تۈركىي تىل ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم يارىتىلغان ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «خەمسە»سى بۇ تىلنىڭ ناھايىتىمۇ باي ۋە چەكسىز ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە تىل ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. 52 مىڭ مىسرادىن تەركىب تاپقان بۇ يىرىك ئابىدە 15-ئەسىر ئىسلام تەپەككۈرىنىڭ تەبىئەت، ئىنسان، جەمىيئەت، ئەخلاق ۋە كامالەت ھەققىدىكى ئۆزىگە خاس قامۇسىدۇر. شائىر ۋەقەلىكلىرىنى قەدىمىي شەرق تارىخىنىڭ خېسراۋ، بەھرام، ئىسكەندەر كەبى ناملىرى ئەپسانە بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن شەخسلەر، لەيلى ۋە مەجنۇن كەبى ئاشىقلار ھاياتىدىن ئالغان بولۇپ، ئۇلارغا يېڭى مەزمۇن، يېڭى تۈس بېرىپ، ئۆزگىچە روھ بېغىشلاش بىلەن بىرگە، دەۋرنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى، ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

«خەمسە» دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن، شۇ زامان كىشلىرىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. نەۋائىينىڭ ئۇستازى ئابدۇراھمان جامى ئۇنى ھاياجان بىلەن ئالقىشلىغان. سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا شائىرنى ئاق ئېتىغا مىندۈرۈپ، ئاتنى ئۆزى يېتىلەپ مېڭىش ئارقىلىق، شائىرغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرگەن. ئەلىشىر نەۋائىي پۈتكۈل ھاياتىدا تۈركىي تىل بىلەن بىر قاتاردا پارس تىلىدىمۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ تىلدىمۇ قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ تىلدىكى شېئىرلىرى ئىران ئالىمى يۈسۈپ شىرازى تەرىپىدىن 1495-1500-يىللىرىدا دىۋان قىلىپ تۈزۈلگەن ۋە ئۇنىڭغا «دىۋانى فانى» دەپ نام بېرىلگەن. مەزكۇر دىۋان 1963-يىلى تېھراندا، 1965-يىلى تاشكەنتتە، 1993-يىلى دۈشەنبىدە نەشىر قىلىنغان. «دىۋانى فانى»دىكى شېئىرلارنىڭ كۆپچىلىكى مەشھۇر پارس شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىغا جاۋابەن يېزىلغان.

ئەلىشىر نەۋائىي پارس تىلىدىكى قەسىدەلەردىنمۇ ئايرىم توپلاملار تۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى «سىتتەتى زەرۇرىيە»(ئالتە زۆرۈرىيەت)، ئىككىنچىسى، «فۇسۇلى ئەربەئە»(تۆت پەسىل) دەپ ئاتالغان. «سىتتەتى زەرۇرىيە» توپلىمىغا ئالتە قەسىدە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنى خېسراۋ دېھلەۋىي، جامىي، ئەنۋەرىي، ھەققانىي، سالمان سەۋەجىي ۋە باشقا قەسىدە ئۇستىلىرىنىڭ تەسىرىدە ياراتقان. شائىرنىڭ «فۇسۇلى ئەربەئە» توپلىمىغا تۆت قەسىدە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قەسىدەلەردە يىلنىڭ باھار، ياز، كۈز، قىش پەسىللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن. ئەلىشىر نەۋائىي پارس تىلدىكى ئەسەرلىرى بىلەن زامانداشلىرىنىڭ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇستازى ئابدۇراھمان جامىينىڭ يۇقىرى باھاسىغا سازاۋەر بولغان ۋە پارس-تاجىك ئەدەبىياتى، جۈملىدىن شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم ھەسسە قوشقان.

ئەلىشىر نەۋائىي شائىر بۇلۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى ۋە مۇتەپەككۈرىدۇر. نەۋائىينىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى تەبىئىي ھالدا تىل ۋە ئەدەبىيات بىلەن باغلانغان.

مەجالىسۇن نەفائىس[تەھرىر]

«مەجالىسۇن نەفائىس» تەزكىرىسىنى يارىتىش بىلەن نەۋائىي ئۆز دەۋرى ئەدەبىياتىغا، ئۇنىڭ ئىجادكارلىرىغا خاس ھالدا ئابىدە ئورناتقان. بۇ ئەسەردە، تۈركىي ۋە پارس تىلىدا ئىجاد قىلغان 359 شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلىگەن بولۇپ، بۇ شائىرلارنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئۇتۇقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرى، ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى كۆرسىتىلگەن. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ مۇھىم تارىخى ۋە ئەدەبىي ئەھمىيەتكە ئىگە «مۇنشائات» ئەسىرى ئۇنىڭ تۈركىي تىلدا ئۆز زامانداشلىرى، يەنى پادىشاھلار، شاھزادەلەر، ئىلىم ۋە ئەدەبىيات ئەھلىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان يازما سۆھبەت توپلىمى بولۇپ، ئۇ مەكتۇپ ژانىرىنىڭ ئېسىل نەمۇنىسىدۇر. شائىرنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى «ۋەقفىيە» بولۇپ، ئەسەر بىر قاراشتا شائىر ۋە بۈيۈك دۆلەت ئەربابىنىڭ ئۆزى قۇرغان ئىمارەتلىرىگە تۇرغۇزغان ۋەخپە، يەنى رەسمىي ھۆججىتىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەسەردە سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا دەۋرىدىكى دۆلەت تۈزۈمى، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دۆلەت باشقۇرۇشتىكى ئورنى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋە ئەخلاق قاراشلىرى ناھايىتى ئەتراپىلىق بايان قىلىنغان. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مىزانۇل ئەۋزان»(ۋەزىنلەر ئۆلچىمى) ۋە «مۇھاكىمەتۇل-لوغەتەيىن»(ئىككى تىل مۇھاكىمىسى) ئەسىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ شېئىرىيىتى ۋە تىللىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي ئەسەرلىرى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

مۇھاكىمەتۇل-لوغەتەيىن[تەھرىر]

«مۇھاكىمەتۇل-لوغەتەيىن»دە تۈركىي تىلىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتتىكى ئورنى، گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، سۆزلەرگە بايلىقى چوڭقۇر ۋە ئېنىق مىساللار ئارقىلىق تەھلىل قىلىنغان. شائىر تۈركىي تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە تىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن.

لىسانوت تەير[تەھرىر]

«لىسانوت تەير»(قۇشلار تىلى) ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى ئىچىدە مۇھىم ئۇرۇن تۇتقان مەسەللىك داستان بولۇپ، مەسنەۋى شەكىلدە يېزىلغان. بۇ ئەسەر نەۋائىينىڭ «خەمسە» تەركىبىدىكى بەش داستاننى تاماملاپ 14 يىلدىن كىيىن، يەنى 1499-يىلى يازغان ئالتىنچى داستانىدۇر.

لىسانوت تەير[تەھرىر]

«لىسانوت تەير» نەۋائىينىڭ پارس تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ يىرىك ۋەكىلى شائىر فەرىددىن ئەتتار(1145-1229)نىڭ مەشھۇر ئەسىرى «مەنتىقۇتتەير»(قۇشلار نۇتىقى) داستانى ئاساسىدا يېزىپ چىققان ئىجادىي ئەسىرى بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا بېرلگەن مەلۇماتتىن بىلىمىزكى، ناۋائىي ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەير» ئەسىرنى 8-9 ياش مەزگىلىدىن باشلاپ زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا كىرىشكەن ھەمدە ئۇنى يادلىۋالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئەسەرنى مۇلاھىزە قىلىش، ئۇنىڭدىكى ھىكمەتلەرنى ئۆزىنىڭ تەپەككۈرى، سەرگۈزەشتىلىرى، كىشىلىك ھايات، ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئىلاھىيەت تېمىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 58 يېشىدا مەيلى مەزمۇن ياكى بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتتە بولسۇن، شەيخ پەرىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەير» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىرمۇنچە ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە بولغان «لىسانۇت تەيىر» داستاننى يېزىپ چىققان.

مەھبۇبۇل قۇلۇپ[تەھرىر]

«مەھبۇبۇل قۇلۇپ» ئەلىشىر نەۋائىي ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا يازغان دىداكتىكىلىق ئەسەر بولۇپ، ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان.

ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسىمى 40 پەسىل. ھەربىر پەسىلدە شائىر ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى مەلۇم ئىجتىمائىي تەبىقە، يەنى پادىشاھلار، ۋەزىرلەر، ئەسكەر باشلىقلىرى، قازىلار، تېۋىپلار، دېھقانلار، كاسىپلار، شائىرلار ۋە باشقىلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ. ھەرقايسى قاتلام ۋە كەسىپكە مۇناسىپ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت ھاياتىدا تۇتقان ئورنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ. شائىر بۇ ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك غايىلىرىنى تەرغىپ قىلىدۇ.

ئەسەرنىڭ ئىككىنچى قىسىمى ئەخلاق ۋە تەلىم-تەربىيە مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ، جەمىئي 10 پەسىل. بۇنىڭدىكى ئەڭ گەۋدىلىكى ئەدەب-ئەخلاق، سۆيگۈ-ساداقەت توغرىسىدىكى بابلار بولۇپ، ئۇلاردا ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىرلەر تەلىم-تەربىيە جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەسەرنىڭ ئۈچىنچى قىسىمى قىسقا ھېكايەتلەر، كۆپلىگەن ماقالىلەر ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەردىن ئىبارەت. «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» ئەلىشىر نەۋائىينىڭ نەسىر ئەسەر ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە. بۇ ئەسەرنىڭ شەرق بەدىئىي تەپەككۈر تارىخىدا تۇتقان ئورنى ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. نەۋائىي ئۆزىنىڭ باي ھايات كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسلىنىپ، ئىنسانغا خاس ئەخلاق-پەزىلەت، خۇلۇق-خۇسۇسىيەتلەرنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، بۇ ئەسەردە نەۋائىي ئەڭ ئاۋال بۈيۈك مۇتەپەككۈر سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ.

شائىر بۇلاردىن باشقا، يەنە «تارىخى مۈلكى ئەجەم» ۋە «تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما» قاتارلىق تارىخى ئەسەرلەرنىمۇ يازىدۇ.

دېمەك، ئەلىشىر نەۋائىي كېيىكى ئەۋلادلارغا ناھايىتى مول ئەدەبىي ۋە ئىلمىي مىراس قالدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شېئىرىي مىسراسىنىڭ ھەجىمى 100 مىڭ بېيىتتىن ئاشىدۇ. شائىر مانا شۇ باي مىسراسى بىلەن تۈركىي تىل شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا ئايلانغان. تۈركىي تىل شېئىرىيىتىدىكى لىرىك ژانىرلار ۋە داستانچىلىق ئەنئەنىسى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. شوڭىمۇ، تۈركىي تىل شېئىرىيىتىنىڭ 15-ئەسىردىن كىيىنكى راۋاجىنى نەۋائىي ئىجادىيىتىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. نەۋائىي ئۆز ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۆز دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋرلەردىكى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇستازلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن. نەۋائىي ئەسەرلىرى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتىغا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر غايىۋىلىقى، گۇمانىزىمى، خەلقچىللىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يۈكسەك بەدىئىيلىكى، مۇكەممەللىكى، ژانىرلارغا موللۇقى بىلەنمۇ ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. نەۋائىي ئەسەرلىرى تېمىسىنىڭ غايىۋىلىكى ۋە يۈكسەكلىكى بىلەن دۇنيا كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نادىر مىراسلىرى قاتارىدىن ئالاھىدە مۇھىم ئۇرۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.

شائىرنىڭ نەسەبنامىسى[تەھرىر]

ناۋائى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، نەسەبنامىسىدە ئېنىق قىلىپ «ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى» دىيىلگەن. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر ناۋائىنى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقام، ناخشىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن.


پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىر]

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى

http://izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=54714