بالزاك

ئورنى Wikipedia
بالزاك (Honoré de Balzac

فرانسۇزچە "ئونوغې دۆ بالزاك" دەپ ئوقۇلىدۇ)

HBalzac.jpg
كەسپى
  • يازغۇچى،
  • درامماتورگ،
  • مۇخبىر،
  • باسمىچى،
  • ئوبزورچى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1799-يىل 20-ماي
تۇغۇلغان يېرى تۇر
ۋاپات بولغان ۋاقتى' 1850-يىل 18-ئاۋغۇست
ۋەتەنداشلىقى فرانسۇز
ئىجادىيەت تىلى فرانسۇزچە
ئىجادىيەت ئۇسلۇبى
  • رىئالىست،
  • پەلسەپىۋى،
  • فانتازىيەلىك،
  • رومانتىك

فرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بالزاكنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. 1799-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژغا يېقىن تۇر شەھرىدە تۇغۇلغان بۇ فرانسىيەلىك يازغۇچى 1850-يىلى، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان.ھاياتىدا يازغۇچىلىق، دىرامماتورگلۇق، مۇخبىرلىق، باسمىچىلىق ۋە ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بالزاك فرانسىيە ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ رومان يازغان، ئەڭ مول-ھوسۇللۇق بىر يازغۇچى ھېساپلىنىدۇ. بارلىق رومانلىرى جەمئى 91 پارچە بولۇپ، "ئىنسان كومىدىيىسى" نامىدا تونۇلغان.

سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، تىنماي ئىشلەيدىغان بالزاك، سالغان مەبلەغلىرىدىن گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، قەرز ئالغان ئادەملىرىدىن شەھەرمۇ-شەھەر ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن قېچىپ، نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ، ئاخىرى 1850-يىلى گراف ھانىسكا بىلەن توي قىلغان.

پارىژدا بالزاكنىڭ ھۆرمىتىگە قۇرۇلغان "بالزاك ئۆيى" مۇزىيخانىسىمۇ بار.

تەرجىمىھالى[تەھرىر]

بالزاك تۆت بالىلىق ئۆيدە بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، دادىسى بىر ساناتورىيەنىڭ مەمۇرى خادىمى ئىدى. بالىلارنىڭ ئىچىدە سىڭلىسى لور بىلەن مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولۇپ، لور ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن. بالزاك ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، لور ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ ئېلان قىلغان.

1814-يىلىغا قەدەر، بالزاك تۇر ئەتراپىدىكى ياتاقلىق تولۇقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1815-يىلىدىن ئېتىبارەن، پارىژنىڭ مارە مەھەللىسىدىكى ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا "شارلىمانىيە"گە ئوقۇشقا كىرگەن. بالزاكنىڭ دادىسى بەرنار فرانسوۋا بالسا پارىژدىكى بىر ھەربى مەكتەپنىڭ مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرىلىدۇ ۋە بالزاك ئائىلىسى پارىژغا كۆچۈپ كىرىپ، مارە مەھەللىسىدىكى ئىبادەتخانا كوچىسىغا ئورۇنلىشىدۇ.

1816-يىلى، 11-ئايدا، بالزاك سوربون ئۇنىۋېرسىتى قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. دادىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، بۇ ئۈچ يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قانۇن مەسلىھەتچىلىكى كابىنتىدا پىراكتىكا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

ياشلىقىدىكى ئەسەرلىرى 1822-1827[تەھرىر]

سوربوندا قانۇن ئوقۇۋاتقان بالزاك پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات دەرسىگىمۇ قاتنىشىدۇ. ۋە ئۆزىنىڭ قانۇندىن بەكرەك ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالزاكنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى پارىژدا يېزىقچىلىقىغا قويۇپ، ئۆزلىرى ئىقتىسادى جەھەتتىن، پارىژنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىدىن، پارىژ سىرتىغا كۆچۈپ كېتىدۇ.لېكىن تۇنجى يازغان شېئىرى تراگىدىيىسى ياخشى باھاغا ئېرىشمەيدۇ.

شۇندىن كىيىن، بالزاك رومانچىلىققا بېرىلىدۇ. باشتا يازغان ئىككى رومانى تازا ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا شۇ دەۋرگە ماس كېلىدىغان يېزىقچىلىققا ئوبدان كىرىشىدۇ ۋە بۇ چاغلاردا يوشۇرۇن ياكى ئەدەبى تەخەللۇس بىلەن خېلى كۆپ رومان ئېلان قىلىدۇ.

تارىخى رومانچى ۋالتىر سكاتنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان بالزاك مەلۇم مەزگىل شۇ ئۇسلۇبتا ىرومانلار يازىدۇ. كىيىن بولسا، ياشلىقىدىكى يېزىقچىلىق ھاياتى ۋە يازغان رومانلىرىنى ئۆزى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ ۋە "ئەدەبى ئەخلەت" دەپ ئاتايدۇ. لېكىن كىيىنكى دەۋرلەردە، "بالزاكنىڭ ياشلىقىدىكى ئەسەرلەر" ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ ۋە ئۇنىڭ كىيىنكى مەزگىلدىكى "ئىنسان كومىدىيىسى" بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تۇنجى مەغلۇبىيەت ۋە تۇنجى غەلىبە[تەھرىر]

ياشلىقىدىكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشى ناھايىتى تەسكە توختىغان بالزاكنى شۇ چاغلاردا بىردىبىر قوللىغان كىشى لور دۆ بەرنى ئىسىملىك، ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ ئايال بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەم ئانىلىق ھەم ئاشنىلىق مۇھەببىتى بېرىدۇ. 1826-يىلى بىرلىشىپ ئىشلىگەن شېرىكلىرى تەرىپىدىن تاشلانغان بالزاك 16 مىڭ فرانكلىق قەرزگە بوغۇلىدۇ. بۇنىڭغا قارىماي، يەنە دەرھال باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، بىر ئەدەبى فوند قۇرىدۇ، لېكىن قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. قەرز 100 مىڭ فرانكغا يېتىدۇ.

بۇ ھالاكەتلەردىن كىيىن، بالزاك يەنە قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشىدۇ. 1829-يىلى، "توي پسخولوگىيىسى" رومانى قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. غەلىبە ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. بۇ پەقەت ئىشنىڭ بېشى ئىدى. بالزاك فرانسۇز ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىنىڭ بىرىدۇر. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ داڭلىق كىشىگە ئايلىنىدۇ.

رىئالىزىمچىلىقىغا قارىماي، كاستېرىس خانىشىنىڭ تەسىرى بىلەن، بالزاك شاھىزىمچى (پادىشاھلىق تۈزۈمچى)بولۇپ، 1832-يىلى، "ئىسلاھاتچى" ژورنىلىدا ئۆزىنىڭ شاھىزىمچى ۋە كاتولىكلىق ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئەسلىدىكى كۆز-قاراشلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، سىياسى ۋە دىندار بىر ئورگاننىڭ جەمىيەتتە ھۆكۈم سۈرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

1833-يىلى ئۇنىڭ ھەۋەسمەنلىرىدىن بولغان پولشالىق گراف خانىم ھانىسكا بىلەن تونۇشىدۇ ۋە 17 يىللىق چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. كىيىن ئۇنىڭ ھانىسكاغا يازغان بارلىق خەتلىرى كىتاپ قىلىپ بېسىلىدۇ.

ئىنسان كومىدىيىسى[تەھرىر]

"گورىيو ئاتا" رومانى شۈبھىسىزكى "ئىنسان كومىدىيىسى"نىڭ ئاساسىنى سالغان ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ رومانغا كەلگەندە، بالزاك ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى تېپىۋالغان ئىدى. "ئىنسان كومىدىيىسى" نىڭ بەدىئى ئالاھىدىلىكىدىن بىرى، پېرسوناژلارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى ۋە "ئارخىپقا رىقابەت" ئېلان قىلىشتۇر. يەنى مۈمكىن قەدەر كۆپ پېرسوناژ يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ پۈتۈن ھايات تارىخىنى يېزىپ چىقىش ئىدى.

1837-يىلى، بارلىق ئەسەرلىرى يىغىلىپ، "جەمىيەت تەتقىقاتلىرى" دېگەن نامدا ئېلان قىلىنىدۇ ۋە 1841-يىلى، دانتېنىڭ "ئىلاھى كومىدىيە"دىن ئىلھاملىنىپ، قايتىىدىن "ئىنسان كومىدىيىسى" نامىدا ئېلان قىلىدۇ.

بالزاك يەنە يازغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ "19-ئەسىر يازغۇچىلىرىغا خەت" ناملىق مەكتۇپىدا مۇنداق دەيدۇ: "قانۇن يەرنى قوغدايدۇ، شەخسلەرنىڭ مۈلكىنى قوغدايدۇ. لېكىن تەپەككۈر قىلىدىغان شائىرنىڭ ئەسىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ". 1838-يىلى، ۋىكتور ھىيوگو، ئالېكساندىر دىيۇما ۋە ژورژ سانلار بىلەن "قەلەمكەشلەر جەمىيىتى" نى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئاپتورلارنىڭ ئەخلاقى ھوقۇقى، قانۇنى ۋە ئەسەر ھوقۇقى پايدىلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.1839-يىلى جەمىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرى ۋە ئۆلۈمى[تەھرىر]

1847-يىلىدىن 1948-يىلىغا قەدەر، بالزاك ئوكرائىنادا، گراف ھانىسكانىڭ تۇرالغۇسىدا دەم ئالىدۇ. كېسەلدىن بارغانسېرى ئۆزىنى ئالالمايۋاتقان بالزاك، 1850-يىلى، گرافقا ئۆيلىنىدۇ ۋە ئەر-ئايال پارىژغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچ ئايدىن كىيىن، 18-ئاۋغۇست، كېچە سائەت 11 يېرىمدا، قاتتىق ئىشلەش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىش بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى پارىژدىكى داڭلىق قەبرىستان "ئورۇندۇق ئاتا (فرانسۇزچە پەخ لا شەز)"غا دەپنە قىلىنىدۇ.

يازغۇچىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن، گراف ھانىسكا تېخى ئېلان قىلىنمىغان بىر قانچە رومانىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ.

بالزاك ۋە ئاياللار[تەھرىر]

بالزاك ھاياتىدا نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، لور دۆ بەرنى ۋە مارى دۈ فرەسنىدىن باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاياللار بالزاكنى قوغلاشقان. بەزىلىرى "ھەۋەس ۋە ماختاش" شەكلىدىكى مەكتۇپلىرى بىلەن يېقىنلاشسا، يەنە بەزىلىرى توختىماي تەكلىپنامە ئەۋەتىش ئارقىلىق يازغۇچىنى ئۆزلىرىگە تارتقان.

بالزاك "ئىنسان كومىدىيىسى"دىكى باش ئايال قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئارىلاشقان بۇ ئاياللاردىن ئالغان. بۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدە يەنە بالزاك بىلەن دەۋرداش، داڭلىق ئايال يازغۇچى ژورژ سانمۇ بار ئىدى.

بالزاك ئەسەرلىرى تىزىملىكى[تەھرىر]

ئىنسان كومىدىيىسى[تەھرىر]

ئەخلاق ئىزدىنىشلىرى[تەھرىر]

شەخسى تۇرمۇش كارتىنىلىرى[تەھرىر]

  • مۆشۈكنىڭ ئۆيى، 1830
  • تامغا تانسىسى، 1830
  • پۇل، 1830
  • قىساس، 1830
  • فىرمىيانى خانىم، 1832
  • قوشما ئائىلە، 1830
  • ئائىلە تىنچلىقى، 1830
  • ساختا ئاشنا، 1842
  • ئاياللار ھەققىدە ئىزدىنىش، 1831
  • ئالبېرت ساۋارۇس، 1842
  • نىكاھلىق ئىككى ياش قىزنىڭ خاتىرىسى
  • ھاۋا ئانىنىڭ قىزى
  • تاشلىۋىتىلگەن ئايال، 1833
  • ئانارلىق
  • خەۋەر، 1833
  • گوبسەك، 1830
  • ئاياللار ھەققىدىكى يەنە بىر ئىزدىنىش، 1839-1842
  • 30 ياشلىق ئايال، 1834
  • توي توختامى، 1835
  • دىنسىزنىڭ نامىزى، 1836
  • بىياترىكىس، 1839
  • بۈيۈك بىرىتەش دېڭى، 1831
  • كەمتەر ئوماق، 1844
  • ئونورىن،
  • ھاياتتىكى دەسلەپكى باسقۇچ، 1844

پروۋەنىس تۇرمۇش كارتىنىلىرى[تەھرىر]

  • ئۈرسۈل مېرۇئې
  • يىۋەىنى گرانتې، 1833 (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
  • پىيىرەت
  • تۇرنىڭ پوپى، 1832
  • بېلىقچى قىز، 1834
  • ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى، 1842
  • گودىسسار ئەپەندى، 1843
  • ۋىلايەتنىڭ گۈلى
  • ۋادىدىكى گۈلسامساق، 1836
  • يوقالغان خىياللار، 1836-1843 (بىرىنچى توم: ئىككى شائىر 1834، ئىككىنچى توم: پروۋەنىسلىك بىر ئۇلۇغ ئادەم پارىژدا 1839، ئۈچىنچى توم: ئەۋ ۋە داۋىد 1843)

رىقابەت[تەھرىر]

  • قېرى قىز، 1836
  • قەدىمى بۇيۇملار كابىنتى، 1839

پارىژ تۇرمۇشى كارتىنىلىرى[تەھرىر]

  • ئون ئۈچ كىشىنىڭ ھېكايىسى (بىرىنچى توم: فېراگۈس 1837، ئىككىنچى توم:لاڭژىئە خانىشى 1839، ئۈچىنچى توم: ئالتۇن كۆزلۈك قىز 1835)
  • گورىيو ئاتا، 1835
  • فاسىنو كان ،1835
  • مايور شابەر ،1835
  • سارازىن، 1831
  • چەكلەنمە، 1836
  • سېزار بروتتونىڭ قىسسىسى، 1837
  • نۈسىنگەن ئائىلىسى، 1838
  • پىيەر گراسسۇ
  • كادىنىيان مەلىكىسىنىڭ مەخپىيىتى
  • خىزمەتكارلار ياكى باشلىق ئايال، 1836
  • پاھىشىلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى، 1846
  • سەنئەتچىلەر دۇنياسىدىكى بىر شاھزادە
  • تىجارەتچى
  • گودىسسار ئەپەندى 2
  • ئارتىسلىقىدىن خەۋەرسىز ئارتىسلار

سىياسى تۇرمۇش كارتىنىلىرى[تەھرىر]

  • قورقۇنچ ئىچىدىكى بىر ئېپىزود
  • بىر چۈشىنىكسىز ۋەقە
  • ز.ماركاس،
  • يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ تەتۈرى

ھەربى تۇرمۇش كارتىنىلىرى[تەھرىر]

  • شۇئانلار، 1829
  • چۆلدىكى ھەۋەس،

سەھرا تۇرمۇشى كارتىنىلىرى[تەھرىر]

  • سەھرا دوختۇرى
  • كەنت پوپى،
  • ۋادىدىكى گۈلسامساق

پەلسەپىۋى ئىزدىنىشلەر[تەھرىر]

  • ئازاپ، 1830
  • ئەيسا پەيغەمبەر فلاندىرىيەدە
  • ئەپلەشكەن مەلمۇت
  • تونۇلمىغان ئۇلۇغ ئەسەر، 1830
  • مۇتلەقلىقنى ئىزدەپ، 1834-1845
  • ماسسىمىلىيا دونى
  • گامبارا
  • سۈرگۈنلەر، 1831
  • لۇئى لامبەر
  • سېرافىتا
  • قاغىشتەككۈر بالا
  • مارانا
  • خەير-خوش، 1830
  • 'كونا ئەسكەر
  • جاللات
  • دېڭىز بويىدىكى پاجىئە
  • قىزىل دەڭ
  • قېرىماسلىق دورىسى
  • ئۇستاز كورنىلىيۇس
  • كاتېرىن دۆ مودىسىز ھەققىدە

تەھلىلى ئىزدىنىشلەر[تەھرىر]

  • توي فىزىلوگىيىسى
  • ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتىكى ئۇششاق دەرتلەر
  • ئىجدىمائى تۇرمۇشنىڭ پاتالوگىيىسى (بىرىنچى توم: نەپس تۇرمۇش كېلىشىمى، ئىككىنچى توم: رەسمىيەت نەزەرىيىسى، ئۈچىنچى توم : زامانىۋى ھاياجانلار كېلىشىمى)


ر