باي ناھىيىس

ئورنى Wikipedia
باي ناھىيىس

باي ناھىيىس شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. باينىڭ يەر مايدانى 15،889 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2004-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 200،000.

تارىخ[تەھرىر]

باي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم، كۇسەنگە قاراشلىق يەر بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقىغا قارىغان. كېيىن كۇسەنگە قوشۇۋېتىلىپ، كۈسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 3 - يىلى (1877 - يىلى) ئاقسۇ خەيرىيەت ئىشلىرى باش ئىدارىسى قۇرۇلغاندا باي ناھىيىسى ئۇنىڭغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) باي ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسىنىڭ ئونسۇ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى، 4 - مەمۇرىي رايون، ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ، كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.

جۇغراپىيە[تەھرىر]

باي ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇنسۇ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلكۈرە، تېكەس، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 197.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 11 يېزا، 151 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان ئارىلىقى 858 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 182 مىڭ 500. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 89.26% نى، خەنزۇلار 9.86% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى تەشكىل قىلىدۇ. 

يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئۇزۇنچاق ئويمانلىق شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك 10.8% نى، تاغ يېرى 70% نى، چۆل 19.2% نى ئىگىلەيدۇ. مۇزات دەرياسى، قاپىسلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسى، قاراسۇ دەرياسى ۋە قىزىل دەريا قاتارلىق دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى ئىككى مىليارد 163 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 310 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 850 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. دورىلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، كىرەش، قانتېپەر، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ھازىرقى بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، ئۇران، مىس، فتورىت، بارىت، ئانالىرت قاتارلىقلار بار.

باي ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.4℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.0℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 42.2 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2789.7 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3327.3℃ قىروسىز مەزگىلى 162 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 94.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1538.5 مىللىمېتىر. ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر راۋاجلانغان. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 49 مىڭ 200 گېكتار (738 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 78 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 180 مىڭ مو). ئوتلاق كۆلىمى 723 مىڭ 300 گېكتار (10 مىليون 850 مىڭ مو) يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 16 مىڭ 900 گېكتار (253 مىڭ 500 مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ياغلىق دان، قىزىلچا، قولماق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا شىنجاڭ مېرىنو ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، سىمىنتال كالىسى ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. باي ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 307 - لىنيىسى ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى كېسىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. خەۋەرلىشىش ئوپتىكلىق كابىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 8000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.

مەمۇرىي رايون[تەھرىر]

ئىقتىساد[تەھرىر]

ئاساسىي قۇرۇلۇش[تەھرىر]

نۇپوس ئىستاتىستىكا[تەھرىر]

تەربىيە[تەھرىر]

ساياھەتچىلىك[تەھرىر]

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن - جۇڭگو بويىچە تۆت چوڭ غارنىڭ بىرى بولغان قىزىل مىڭ ئۆي بار.

مائارىپ[تەھرىر]

تەنھەرىكەت يىغىنى[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (مەركەز: ئۈرۈمچى) Flag of the People's Republic of China.svg
جايلار, ئاپتونوم ئوبلاسىت , ناھىيە, ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | شۇيموگۇ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | داۋانچىڭ رايونى | دۇڭسەن رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان ۋىلايىتى: تۇرپان شەھىرى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل ۋىلايىتى: قۇمۇل شەھىرى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى | گۇما ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىس | ئاۋات ناھىيىسى | كۇچار ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھرى | مارالبېشى ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى | تاشقۇرقان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون: شىخەنزە شەھىرى | ئارال شەھرى | تۇمشۇق شەھرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى:

ئاپتونوم ئوبلاسىت: غۇلجا شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم يېزىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | ۋۇسۇ شەھىرى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | ساۋەن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | چىڭگىل ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | كوكتوقاي ناھىيىسى | بۇرچىن ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى