سەيپىدىن ئەزىزى

ئورنى Wikipedia
ھۆججەت:Saypidin azizi.jpg

سەيپىدىن ئەزىزى (خەنزۇچە: 赛福鼎·艾则孜)؛ 1915- يىلى ئارتۇشتا توغۇلغان. «سۇتۇق بۇغراخان» ، «ئۆمۈر داستانى» (2 قىسىم) قاتارلىق رومان، ئەسلىمىلەرنىڭ مۇئەللىڧى، كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى، شائېر ،دراماتورگ. گەرچە كوممۇنىستىك ئىدىيىگە قاتتىق ئىشىنىپ، رۇھىنى ماركىسىزىمغا تەسلىم قىلغان بولسىمۇ، سەيپىدىن ئەزىزى قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىغان بىردىنبىر مەسئۇلىيەتچان رەھبەر، تېرىشچان يازغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن روشەنلىككە ، بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە . ئۇنىڭ رەھبەرنىڭ خىزمىتىدە تۇرۇپمۇ قەلەمنى تاشلىمىغان ئېسىل خىسلىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى .

ئۇ گومىنداڭ ھۆكىمىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ ئۆلكىسى دەۋرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەۋرى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرى قاتارلىق تۆرت دەۋىرنى باشتىن كەچۈرگەن.

دەستلەپكى يىللار: شىنجاڭ ئۆلكىسى دەۋرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەۋرى[تەھرىرلەش]

ئۇ ئۆسمۈرلۇك چاغلىرىدا، ئاتۇشتا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان.

1932- يىلى خوجىنىياز ھاجى ئىنقىلابىدىن ئىلھام ئالغان جەنۇبتكى دېھقانلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جەڭچى، كاتىپ بولغان.

1934- يىلى ئاتۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان .

1935- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت شەھرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان .

1937-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ، شېڭ شىسەي ئاچقان ئۈرۈمچى سىياسىي تەلىم-تەربىيە سىنىپىدا ئوقۇغان.

1938-يىلدىن 1943-يىلغىچە تارباغاتاي گېزىتخانسىدا ئىشلىگەن . كۆچۈرگۈچى ، كوررېكتور، مۇھەررىر، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. جاھانگىرلىككە قارشى ئويۇشمىغا قاتناشقان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات سىكرىتارى بولغان. تارباغاتاي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىبى ، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى[تەھرىرلەش]

1944-يىلى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋە نازىرى ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسى ھەربى سوتىنىڭ كاتىپى، تۈەنجاڭ بولغان .

1945-يىلى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىي ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ ، مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان .

1946-يىلى ش ت ج خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە قاتنىشىپ مەركىزىي كومتېتنىڭ ئەزاسى ،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان .

1946- يىلى 7 -ئايدا ش ت ج ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى بىلەن تېنچلىق بېتىمى ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .

1947- يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى تىنچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كېيىن ، غۇلجىغا قايتىپ داۋاملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .

1948- يىلى ئۇ شىنجاڭ «دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» غا قاتنىشىپ ، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان .«ئالغا» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان . كېيىن شىنجاڭ «دېموكراتىيە ئىتتىپاقى»نىڭ رەئىسى بولغان .

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرى[تەھرىرلەش]

1949-يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئالاھىدە رايونىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ بېيجىڭغا بېرىپ 1- نۆۋەتلىك جوڭگو خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومومىي يىغىنىغا قاتناشقان . 1- نۆۋەتلىك مەملىكەتلەك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركىزى خەلق ھۆكۈمەتىنىڭ ئەزاسى . قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان . 1949-يىلى 10 -ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىسىگە ئەزا بولغان .

1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان .

1951 - يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمى كومتېت ئەزاسى ، مىللىي ئىشلار بۆلۈمنىڭ باشلىقى ، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، جۇڭگو -سوۋېت دوستلۇق جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ باشلىقى بولغان ،

1952- يىلى 7 ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيوروسىنىڭ 4- شۇجسى بولغان.

1953-يىلى 1- ئايدا غەربىي شىمالى مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

1953- يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 3- شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان.

1954- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان.

1955- يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغاندا ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيوروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

1958- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى بولغان.

1972- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ موۋەققەت 1-شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومتېتنىڭ مۇدىرى بولغان.

1973- يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى، 1- شۇجىسى بولغان. 1- 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-، نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى بولغان. ج ك پ 8 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، 9- 10 - 11،- 12 -، 13 ،- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 10- نوۋەتلىك، 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيوروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان .

يازغۇچى، شائىر، دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى - ئاخىرىي بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك «تەڭرىتاغ ئوغلى» ، بئوگرافىك ئەسەر «ئۆمۈر داستانى» (1،-2،- قىسىم )، تارىخىي ئوپىرا «ئاماننىساخان» ، ھېكايە ،نەسرلەر توپلىمى «ئەۋلىيا ئاتا» ، «ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا»، «شانلىق يىللار» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان . 500 دىن ئارتۇق روبائىي ، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان .

ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى «سۇتۇق بۇغراخان» دا ھەقىقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، قۇدرەتلىك قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائى ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەدئى كارتىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە رەڭدار قىلىپ سىزىپ چىققان .

ئۇنىڭ «ئاماننىساخان» ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان . بۇ ئەسەر «خانىش ئاماننىساخان» دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى ، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى.

سەيپىدىن ئەزىزى رەسىملىرى[تەھرىرلەش]