قىزدۇرۇلغان توخۇ (يېمەكلىك)

ئورنى Wikipedia

قىزدۇرۇلغان توخۇ (باشقىچە ئاتىلىشى: مايدا قىزدۇرۇلغان توخۇ، مايغا بېسىلغان توخۇ، قىزارمىش توخۇ، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ، ۋاژ-ۋاژلانغان توخۇ، قىزارتىلغان توخۇ، چۆكتۈرلۈپ قورۇلغان توخۇ، قورۇلغان توخۇ، مايدا قورۇلغان توخۇ؛ ئېنگلىزچە: Fried chicken) بىر خىل توخۇ گۆشىنى (ئاساسلىقى، توخۇ پاچىقى، قانىتى، مەيدىسى قاتارلىقلارنى) ئۇن، تۇخۇم، ۋە باشقا تېىتقۇلار بىلەن ئىلەشتۈرۈشتن ھاسىل بولغان لىغىرتاققا ئوخشايدىغان چاپلاشقۇ سۇيۇقلۇققا چىلاپ ئاندىن قىزىتىلغان ياغقا چۆكتۈرۇپ، تاكى قىزدۇرۇلغۇچە بېسپ قورۇلغان بىر خىل غەرىب يېمەكلىكىدۇر. قىزدۇرۇلغان توخۇنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى جىق بولۇپ، دۇنيا تەۋەسىدە ئالقىشلانغان، لېكىن سالامەتلىككەن بەلگىلىك زېيىنى بولغان غەرىب تېز تامىقىدۇر. زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىلاردا، مەسلەن كېنتاكى ۋە ماكدونالد، قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە قىزدۇرۇلغان توخۇ ساتىدۇ. تەييار بولغان قورۇلغان توخۇ چۈرۈكلىكى ۋە كۇرۇس-كۇرۇس ھالىتى بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشتىھاسنى تارتىدۇ.

قىزدۇرۇلغان توخۇ Fried chicken
قىزدۇرۇلغان توخۇ پاچىقى
تىپى باشلىنىش تاماقلىرى
ئانا يۇرتى ئا ق ش
دۆلەت باغلىنىشى ئا ق ش نىڭ جەنۇبى قىسمى
ئىستىمال

تېمپىراتۇراسى

ئىسسىق ياكى سوغوق
ئاساسلىق

ماتىرياللار

توخۇ گۆشى، بۇلاماچ،

ياكى تەڭشەلگەن ئۇن

ئالبۇم[تەھرىرلەش]