كىلون تېخنىكىسى

ئورنى Wikipedia

1997 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى دوكتۇر ۋېلموت باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە ئالىملىرى بىر قوينىڭ يەككە ھۈجەيرىسىنى شۇ قوينىڭ ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمى بىلەن بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت كىلون تېخنىكىسى ئارقىلىق دۇنيادىكى تۇنجى كىلون قوي ـ دولىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئىنسانلارنىڭ ھايۋان تېنىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ، ئاشۇ ھايۋانغا ئوپمۇ ئوخشاش جانلىقنى كىلونلاپ چىقىش ئارقىلىق، ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنى جىنسىسىز كۆپەيتىش ئىمكانىيىتى ياراتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

«كلون»سۆز ئېنگلىزچىدىكى «جىنىسسىز كۆپىيىش»دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى «clone» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مىسالەن، كىشىلەر ئەتىياز كۈنى دەل ـ دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ ئېلىپ يەرگە قەلەمچە قىلىپ تىكسە، ئاز كۈندىن كېيىن ئۇ قەلەمچە تۇتىدۇ ـ دە، بىخ چىقىرىشقا باشلايدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى «كىلون»لاش دېمەكتۇر. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئادەتتە جىنىسسىز كۆپىيەلمەيدۇ. شۇڭا ئالىملار ئۇزۇندىن بۇيان ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنى كىلونلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

كىلون قوي «دولى»نىڭ يارىتىلىشىدىكى ھالقىلىق نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭ تۆرىلىشىگە شاتىلىق ئۇرۇق ئارىلاشمىغان. ئالىملارنىڭ دولىنى يېتىشتۈرۈش جەريانى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا ئايرىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا، ئالىملار ئالدى بىلەن بىر تۇياق شوتلاندىيە قارا قويىغا جىنىسىي ھورمۇننىى ئۇرۇپ ئۇنىڭ توخۇمدانىنى غىدىقلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئىنچىكە نەيچە بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ يادروسىنى ئايرىۋېلىپ، يادروسىز قۇرۇق ھۆجەيرىنى قالدۇرغان. ئىككىنچى باسقۇچتا، ئالتە ياشلىق فىنلاندىيە دورسېت ساغلىقىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق ئادەتتىكى سۈت بېزى ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى ئېلىپ، ئۇنى شوتلاندىيە قارا قويىنىڭ قۇرۇق قالدۇرۇلغان توخۇم ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزگەن. ئاندىن بۇ شالغۇت ھۈجەيرىنى ئېلېكتر ئېپۇلىسى ئارقىلىق غىدىقلاپ ئۇنى يېڭى بىر ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغان، ئاندىن ئۇنى يەنە نەيچىدە خۇددى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدەك پارچىلاپ، تەدرىجىي ھامىلە شەكىللەندۈرگەن. ئۈچۈنچى باسقۇچتا، ئۇ ھامىلىنى ئۈچىنچى بىر ساغلىقنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈپ يېتىلدۈرگەن. شۇنداق قىلىپ كىلون پاقلان «دولى»نورمال قوزىلاردەك تۇغۇلغان. دولىدىكى ئېرسىيەت ماددىسى ـ DNA پۈتۈنلەي ئىككىنچى قوينىڭ ھۈجەيرىسىدىكى كەلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمدىن يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، دولىنىڭ تۆرىلىش جەريانىنى ھەقىقىي جىنىسسىز كۆپىيىش دېيىشكە بولىدۇ.

كىلون تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن بىر تۈرلۈك كاتتا مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە يادروسىنى پارچىلاش تېخنىكىسى، ھۈجەيرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كونترول قىلىش تېخنىكىسىنىڭ غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا بىئولوگىيە ئەسىرىدىن ئىبارەت يېڭى بىر دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى نامايەت قىلدى.

كىلون قوي دولىنىڭ تۇغۇلۇشى، بېئولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى بۇ مۇھىم بۆسۈشنىڭ زور ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. چۈنكى، كىلون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سورتلۇق زىرائەتلەر، نەسىللىك ئۆي قۇشلىرى ياكى ئۆي ھايۋانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى، نەسىل تاللاپ يېتۈشتۈرۈش سىزونىنى )دەۋرىيلىكى ـ تەرجىماندىن(قىسقارتىپلا قالماي، بەلكى نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش دائىرىسىنىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

بىئولوگىيە ئالىملىرى، كىلون تېخنىكىسىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. چۈنكى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر تۈرلەر، بولۇپمۇ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ھايۋانلارنىڭ جىنىسلىق كۆپىيىش شەرتى ئىنتايىن قاتتىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى ئاز. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىگە تايانغاندا ئۇلارنى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرماق تەس. شۇڭا، كىلون تېخنىكىسى ئۇلارغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز ئامەت ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كىلون تېخنىكىسىنىڭ تىبابەتچىلىك ساھەسىدىكى ئىستىقبالىمۇ ئىنتيىن پارلىق، بەزى ئالىملارنىڭ پەرىزىچە، كىلون تېخنىكىسى ئارقىلىق بەزىبىر سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە ئادەم ئورگانىزمىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى ئاشۇ ئورگانىزمى ئۆلگەن ئادەملەرگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىكەن. دۇرۇس، بۇنداق پەرەزلەر ناھايىتى نۇرغۇن تالاش ـ تارتىشلارغا سەۋەپ بولماقتا.