مۇسنەدۇ بەززار

ئورنى Wikipedia

مۇسنەدۇ بەززار (مسند البزار / البحر الزخار)» مۇھەددىس ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ئەمر ئەلبەسرىي ئەلبەززار (ھ. 210 – 292 / م. 826 – 905) تەرىپىدىن يېزىلغان «مۇسنەدۇ بەززار» دەپ تونۇلغان، چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى «ئەلبەھرۇززەخخار»دۇر.

ھەربىر ساھابىنىڭ رىۋايەتلىرىنى جەملىگەن «مۇسنەد» شەكلىدە تۈزۈلگەن بۇ ئەسەر ئەۋۋەلا خۇلەفائى راشىدىن، ئاندىن جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە (ئەشەرەئى مۇبەششەرە) دىن، ئاندىن ئەھلى بەيت (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى) تىن باشلاپ مۇئەييەن تەرتىپتە تەسنىف قىلىنغان بولۇپ، ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلىپبەلىك تەرتىپتە كەلتۈرمىگەن.

مۇئەللىف يەنە ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك تەرىپى، ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكى، شۇنداقلا ھەدىس ئىلمىگە ئائىت قائىدىلەر ئۈستىدە توختالغان. 18 جىلدتا نەشر قىلىنغان ئەسەردە «كۇتۇبۇ سىتتە»دە بولمىغان تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى 3442 ھەدىس توپلانغان ۋە ئۇلار بابلاردا تەرتىپلەنگەن.