مەھمۇد قەشقىرى
|
مەھمۇد قەشقەرى/ مەھمۇد كاشغەرى مىلادى 11-ئەسىرلەردە ياشيغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى،ئىسىكىپىلۇدىك،ئۇنيڭ دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئەسيرى [[«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) دۇرلەر.مەھمۇد كاشغەرىي مىلادى 1008-يىلى بۇگۈنكى قەشقەرشەھىرى ئوپال يېزىسى ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قاراخانىيلار خان جەمەتى ئەۋلادىدۇر.ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك ئالىم، ئەدىب، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى. تەقرىبەن مىلادى 1008-يىلى توغۇلۇپ 1105-يىلى 97 يېشىدا ۋافات قىلغان. ھايىتىدا نۇرغۇن تالىپ ۋە شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىققان. مىلادى 1072-1074- يىللار ئارىسىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىگى پايتەختى باغداد سەھرىدە دۇنياۋىي بۈيۈك ئەسىرى دىۋانۇ لۇغەتەت تۈركنى تاماملىغان. « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى »، قىسقارتىلىپ، ب د ت تەرىپىدىن 2008- يىلى دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ھاياتى [تەھرىر]نەسەبى [تەھرىر]مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق [1].بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »[2]ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ[3] تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ” [4]لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن .[5] بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى[6]. ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.[7] [8] بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا[9]. ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركىئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى[10] . ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھاممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 -1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى .[11] قەشقەردىن ئايرىلىش [تەھرىر]ھاياتى ناھايىتى خۇپىيانە توختالغان مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ باغدادقا قانداق سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق دېمەيدۇ . تۈرك ئەللىرىدە كۆزگە بىرمۇنچە ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ . ئەگەر كېلىپ چىقىشىى توغرىسىدىكى تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولغان تەقدىردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ روشەنكى بىر سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى ) ئىدى . شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىدە ھېجىرىيىنىڭ 448 – 449 يىللىرىدا ( 1056-1057 _ 1057-1058 ) قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر پەيدا بولدى . ئالدى بىلەن چوڭ خاقان ( ئارسلان خان ) سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئىنىسى ۋە خاقانلىق ھەمرىيى ( بۇغراخان ) مۇھاممەت بىن يۈسۈپكە قارشى ھەرىكەت قوزغايدۇ ۋە “ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە ئارسلانخان سۇلايمان بىن يۈسۈپ يېڭىلىپ قالىدۇ . بۇغراخان مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ ”[12] . ئىبىن ئەسىرى يەنە خاب ئائىلىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ : « دۆلىتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن1گە بېرىدۇ[13] ۋە ئۇنى ۋەلى ئەھد دەپ ئېلان قىلىدۇ . بىراق بۇغراخاننىڭ ( يەنى ھازىرقى ئارسلانخان مۇھاممەت بىن يۈسۈپنىڭ ) ئىككىنچى بىر خوتۇنى بار ئىدى ۋە بۇ خوتۇنىدىن چوڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئوغلى بولغان . خوتۇن ھۈسەيىننىڭ تەيىنلىشى بىلەن تۇغۇلغان نەپرەت بىلەن بۇغراخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) غا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئازالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرخاننىڭ ئوغلى ئارىسلانخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) مۇ ئۆلتۈرىلىدۇ »[14] . تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولسا مۇھەممەت بىن ھۈسەيىن يەنى مەھمۇد قەشقەرى ، بۇ چوڭ قىرغىندىن قانداقتۇر بىر ئۇسۇلدا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولغان . ئالدى بىلەن ، ئېھتىمال خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بارغان ، ئون يىل قەدەر ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى باغداتقا كەلگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى) بولۇپ تۇرۇپ قالغان . مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئۇزۇن مۇساپە داۋامىدا تۈرك دۇنياسى بىلەن كوپ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ، بۇ چاغدا ( 1057-447) سالچۇقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باغداتتا تۈركلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىغان بىر ئەسەرگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۇنى شۇ زاماندىكى ئابباسىلار خەلىپىسىگە (مۇقتەدى بىللا 1075-1094 ، 467-487 ) تەقدىم قىلغان . بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردىمى بولۇشى ئېنىق گەپ . قەشقەرگە قايتىش [تەھرىر]ئالىم 11- ئەسىرنىڭ80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان . ئەسەرلىرى [تەھرىر]مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن . ئالىمنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان. ئېچىنىشلىق ئائىلە پاجىئەلىرىگە باغلىماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئەسىرىدە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالمايدۇ . شۇ تەرىزىدە بۇ سۇلالىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھوكۇم سۈرگەن قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرى ۋە شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرمەسلىكى چۈشۈنىشلىك . بىزنىڭ تەخمىنىلىرىمىز مۇشۇلاردىن ئىبارەت . ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ يېشىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر . ھارۇن (ھاسان ) بىن سۇلايمان ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992) ئۆلگەن ؛ ئوغلى يۈسۈپ «قادىرخان» بۇ چاغدا ھېچ بولمىغاندا 20 ياشتا بولىشى كېرەك ؛ يۈسۈپ باشلىق بىر ئادەم بولۇپ ھېجىرىيە 423 – يىلى (1032 ) ئۆلگەن . ئۆزىنى 60 ياشلاردا ئۆلگەن دەپ ھېسابلىساق تۇغۇلغان ۋاقتى 360 – يىللار ( 971- 980 ) بولۇشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن جەڭلەردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى دىگەندە ھېجىرىيە 396 – يىلى ( 1005 – 1006 ) خوتەننى ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلىمىز[15]) ؛ ئۇ قەشقەردە ناسىر دولە قادىرخان دېگەن ئاتاق بىلەن تەخمىنەن ھەجىرىيە 396 – يىلىدىن ( 1005 – 1006) ئېتىبارەن ھوكۇم سۈرگەن[16] . چوڭ ئوغلى سۇلايمان بىن يۈسۈپ تەخمىنەن ھېجىرىيە 407 – يىلىدىن ( 1016 – 1017 ) ئېتىبارەن يەركەنتتە ھوكۇم سۈرگەن[17] . ئىككىنچى ئوغلى مۇھاممەت بىن يۈسۈپ ئېنىقكى سۇلايمان بىن يۈسۈپتىن كۆپ كىچىك ئەمەس ئىدى . يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ، مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ھېجىرىيە ، 449 – يىلى ( 1057 – 10058 ) چوڭ ئوغلى ئۈچۈن تەختتىن چۈشمەكچى بولغان . بۇ بىر نوقتىدىن مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ 380 – يىللاردا ( 991 – 999 ) تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلالايمىز . بۇنىڭغا قارىغاندا ، ھۈسەيىن ھېجىرىيە 400 – يىللاردا ( 1010 – 1019 ) دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۈمكىن . مۇشۇنداق بولغاندا ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئوغلى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى دەپ ھېجىرىيە 420 – يىللارنى ( 1029 – 1038 ) بىر تەخمىن دەپ ئېلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھېجىرىيە 470 – 464 يىللاردا ( 1072 – 1078 )(18) . مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتلاردا قىرىق ياكى ئەللىك ياشلاردىكى ۋاقتى بولۇپ ، بۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن كېلىدۇ .[18] مەنبەلەر [تەھرىر]
|