پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە(كىنو)

ئورنى Wikipedia

"پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە" ناملىق كىنو 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12- كۈنى قۇيۇلغان بۇلۇپ ،ئاتاقلىق ئارتىس ئابدۇكېرىم ئابلىز ،مۇھەممەتچان رۇزى سايىت ،دىلشات بارات ،ماھىرە ئەمەت قاتارلىقلار باش رول ئالغان .كۈرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۈرىشىگە ئىرىشكەن

ئۇيغۇرچە نامى پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە
خەنزۇچە نامى 钱在路上跑
باشقا نامى THIS IS WHAT MONEY IS
ئىشلىگەن شىركەت تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى
رېژىسسور ئارىسلان ئابدۇكېرىم
باش رولچى ئابدۇكېرىم ئابلىز ،مۇھەممەتجان رۇزى سايىت ،دىلشات بارات ،ماھىرە ئەمەت
تۈرى كومىدىيە ،ۋەقەلىك
قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىشلەنگەن ئورۇن 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
سېنارىست ئارىسلان ئابدۇكېرىم، دوڭدەنشىن

ۋەقەلىك[تەھرىرلەش]

بىر خالتا مەخسەتسىز ھالدا قېزىۋېلىنغان كونا پۇل كېرەم،ئالىم،سەلىم ئۈچچەيلەننىڭ بەخىت ئىشىكىنى ئاچامدۇ  ياكى سانسىزلىغان ئاۋارچىلىق ،پۇتلىكاشاڭلارنى پەيدا قىلامدۇ ؟  بۇكىنودا ئۈچ ساددا ،سەمىمى دېھقان كېرەم،ئالىم،سەلىملەر ۋە بىر خالتا كۆپ بولمىغان كونا پۇل ئوتتۇرسىدىن كىلىپ چىققان  ئارلىشىپ كەتكەن  كىشىنى يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەي قالدۇرىدىغان ھىكايە ئارقىلىق پۇل ،ئىنسانىڭ تەبىئىتى ،تۇغقانچىلىق مېھرى،مۇھاببەت،دوسلۇققا مۇناسىۋەتلىك بولغان تىمىلار مۇلاھىزە قىلىنغان .

رولىچى-ئارتىسلار[تەھرىرلەش]

ئابدۇكېرىم ئابلىز ،مۇھەممەتچان رۇزى سايىت ،دىلشات بارات ،ماھىرە ئەمەت قاتارلىقلار باش رول ئالغان، ئارسىلان ئابدۇكېرىم رېژىسورلۇق قىلغان ، ئارسىلان ئابدۇكېرىم،دوڭدەنشىن لار سىنارىيىنى يازغان .

باھا[تەھرىرلەش]

كىنودا گەرچە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر كۆپ بولمىسىمۇ ،ئەمما مەركىزى ئىدىيىسى ئېنىق،يەنى توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارشىنى ،قىممەت قارىشىنى تىكلىگەندە ،بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىز تېخىمۇ ساپ،ئەخلاقىمىز تېخىمۇ ياخشى،تۇرمىشىمىز تېخىمۇ بەخىتلىك بۇلىدۇ دىگەندەك ئىدىيە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان . بۇ كىنو شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ كومىدىيە سىيۇژىتىدىكى كىنو ئىشلەپچىقىرىشىدا بىرقېتىملىق يۈرەكلىك ھالەتتە سىناپ بېقىشى بۇلۇپلا قالماستىن،يەنە ھەقىقى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغا كىنو بازىرىدىكى يول ئاچقان ئەسەر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى