«ئەخلەت» يەۋاتقان بالىلار ۋە قىزىم

ئورنى Wikipedia

بالام تۆرت يېرىم ياشتىن ئاشقاندا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنىدى. ۋەتەندە ئۇنىڭ شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ باشقا تەڭقۇر بالىلاردەك ئۆزى پۇل خەجلەشنى ئۇقماسلىقى ھەيرانلىق قوزغىدى. ئامېرىكىدا 13 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مۇستەقىل بىر يەرلەرگە چىقىشى، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشى قانۇنسىز ھىساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ئاتا ئانىسى بولمىغان ئەھۋالدا بالىلارنىڭ يېشىغا نامۇناسىپ نەرسىلەرنى ئەمەس ھەرقانداق نەر سە سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنى بىر خەتنە تويدا بالامنىڭ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر خەنسۇچە ماركىدىكى مۇزقايماقنى يەۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. دەرھال قىزىمغا يەۋاتقان نەرسىنىڭ ھاراملىقىنى ئاڭلاتتىم. قىزىم " بۇ يەردىكى دادا، ئاپىلارنىڭ ھەممىسى يىدى. يەپ بولۇپ ناماز ئوقۇدى. شۇلار يىگەننى يىسەممۇ ھالال بولمامدۇ" دەپ ئىتىراز بىلدۈردى. "ياق بالام، ئۇلار بىلمەي يەپتۇ. سەن يىسەڭ بولمايدۇ" دېسەم ئۆمچەرەپ تۇرۇپ ئاران تاشلىۋەتتى. شۇندىن كېيىن بالىلارنىڭ يىمەكلىكىگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.

بالىلار يىمەكلىكلىرى شۇ قەدەر ئەرزان بولۇپ زاۋۇت ئادرىسىغا ئىچكىرىدىكى قايسى بىر زاۋۇتتا ئىشلەنگەنلىكى يېزىلغان، ھەتتا بەزىلىرىدە ھىچ بىر زاۋۇتنىڭ ئادرىسى يوق. بۇنداق يىمەكلىكلەرنىڭ بەزىسىگە ھەتتا ئۇيغۇرچە "مۇسۇلمانچە" دەپ خەت يېزىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن ئىچكىرىدە شۇنچە تۇرۇپ ئاڭلاپمۇ باقمىغان خەنسۇچە يىمەكلىك ماركىلىرى ھەممە ماگىزىنلاردىن تېپىلىدىكەن. ھېلىقى گۆشتىن باشقا يىيىلىۋاتقان، سېتىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ھالال ياكى ئەمەسلىكىگە يا ئالغۇچى قارىمايدىكەن، يا ساتقۇچى ئەسكەرتمەيدىكەن. بىر كۈنى بىر باشلانغۇچنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم. بالىلار رىشاتكىنىڭ يوچىقىدىن ماگىزىنچى ئايىسى سۇنۇپ بەرگەن تۆۋىنى يىگىرمە تىيىن يۇقىرى بىر سوملۇق "يىمەكلىك" لەرنى يىيىشكە باشلاپتۇ. تەكشۈرۈشۈمچە قەشقەر، ئارتۇچنىڭ يېزىلىرىغا قەدەر ئومۇلاشقان بۇ ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى تۈگۈتۈشنىڭ تەسلىكى مېنى بەكمۇ ئۈمىتسزىلەندۈردى. قەشقەر ئىككىنچى باشلانغۇچنىڭ ئالدىدا ئەخلەت يىمەكلىك ساتىدىغان ئۇيغۇرغا "بۇنداق ھارام يىمەكلىكنى ساتسىڭىز بولامدۇ؟" دەپ سورۇغان ئىنىم كۈرشات "سىلى ھالانى تېپىپ يەۋەرسىلە" دەپ جاۋاپلاندى. ئارتۇچنىڭ بۇيامەت دېگەن يېرىدە، مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيىنىڭ يېنىدا ئەخلەت يىمەكلىك يەۋاتقان بالىغا "بالام قولۇڭدىكى ھارام، چوشقا گۆشىدىنمۇ مەينەت نەرسە يېمىسەڭ بولماسمۇ؟" دەپ يالۋۇرغاندەك تەلەپپۇزدا نەسىھەت قىلىپمۇ قولىدىكى "ئاچچىق" نى تاشلاتقۇزالمىدىم. بىزنىڭ بالىلار ئېنگىلىز تىلى سىنىپىمىزدىمۇ بالىلار كەتكەندىن كېيىن تارتمىلارنىڭ "يىمەكلىك" ئورالمىلىرىغا تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمەن. قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلارنى قوللۇنۇپ باقتىم، ئازايدى، لېكىن تۈگىمىدى. كوچىلاردا مەنبەسى سورالماي يىيىلىۋاتقان خېمىر كاۋاپ، دۇڧۇ كاۋاپ…قاتارلىقلارنى تالىشىپ يەۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا قاراپ بۇ ئايرىماي يىيىش كەلكۈنى ئالدىدا ئۆزەمنى تولىمۇ ئاجىز ھىس قىلدىم. بالامنى ئۆيدىغۇ چىڭ تۇتارمەن، لېكىن دائىم كەينىدىن يۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ-دە. كۆپىنچە بالىلار يەۋاتقان نەرسىلەرنى مەن يىمە دېگەنگە بالام يىمەي قالامدۇ.

بالىلارنى ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە كۆندۈرىۋاتقىنى بالىلارنىڭ بىلمەسلىكى، چوڭلارنىڭ بىپەرۋالىقى، تىجارەتچىلەرنىڭ پۇلدىن باشقىنى تونۇماسلىقى، جەمئىيەتتە سۈپەت نازارەتچىلىك ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ چىرىكلىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولغاندىن باشقا يەنە بىر سەۋەب كىچىك بالىغا پۇل تۇتقۇزۇش ئادىتى ۋە ئاتا ئانىلاردىكى نامۇۋاپىق گۆللەش، ناباپ مېھرىبالىق ۋە خاتا مۇكاپات. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى يىغىدىن پەس قىلىش، دېگەنلىرىگە كۆندۈرۈش قاتارلىق ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىمۇ پۇلنى ۋاستە قىلىدىكەن. كۆزىتىشىمگە قارىغاندا ئاتا ئانىلار بالىلىرى يەسلىگە بارغىلى ئۇنىمىسا، تاپشۇرۇقىنى ۋاقتىدا ئىشلىمىسە، دەرس نەتىجىسى چۈشۈپ كەتسە دەرھال پۇل بىلەن جۆندەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى ئەڭ سۈپەتسىز ماقال "ئالداشقا بالا ياخشى، خۇدا ئۇرسۇن قاقۋاشنى" ئىكەن. بالىلار يەۋاتقان يىگىرمە تىيىنلىق "ئال مېنى" ماركىلىق سېغىز، يەنە قانداقتۇر بىر ماركىلاردىكى ئەخلەتلەر ئاتا ئانىسىدىن قەغىش قىلىپ پۇل ئالغان بالىلارنىڭ دائىملىق تاللىشىكەن. مەن بۇنداق چاغلاردا ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىچىك بالىلارغا ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپ بېرىلىدىغان خەجلىك پۇلنى ئويلاپ قالىمەن. ئامېرىكىدا بالىلارغا يېىشغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ھەر ئايدا بەلگىلىك مىقداردىكى خەجلىك بېرىلىدۇ. ئاتا ئانىلار بالىلىرى بۇنى بىر قېتىمدا خەجلىۋەتسىمۇ، يىل بويى يىغىپ چوڭراق بىر نەرسە ئالسىمۇ گەپ قىلمايدۇ. ئەگەر يىغىپ چوڭراق بىر نەسە ئالماقچى بولسا ئاتا-ئانىلار مۇكاپات قىلىپ پۇل قوشۇپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىلار كىچىكىدىن پىلانلىق پۇل خەجلەشنى، تىجەشلىك بولۇشنى، ئۆز پۇلىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى، مۇستەقىل ھىسابات قىلشىنى ئۆگىنىدۇ. مەن ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى پۇل بىلەن گۆللەۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە بالامنىڭ قاراۋاتقىنىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ كېتىمەن. قىزىممۇ ھازىر تاغا ھاممىلىرىنىڭ پۇل بىلەن مېھرىۋانلىق كۆرسىتىشلىرى، پۇللۇق ئەركىلىتىشلىرىگە كۆنۈپ قالغىلىۋاتىدۇ. مەن يېشىغا ماس خەجلىك بەرگەن بىلەن بالامغا پۇل تۇتقۇزۇپ ئامراقلىق قىلىۋاتقانلارغا بەرمە دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىمنىڭ كىم بەرگەن پۇلغا نېمە ئالغىنىنى مەن بىلىپ بولالمايمەن-دە! بىزدىمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆمەك دەيدىغان نەرسىمىز بولىدىغان. بۇ ئەنئەنىگە مەن ئاكا سىڭىللىرىمدىن بالا تەربىيىلەشتە ۋارىسلىق قىلغانلارنى كۆرمىدىم. بۇلارنى خىيال قىلىپ قىزىمنى "ئەخلەت" يىيىشتىن توساش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۇل تىجەپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى ئېلىشنى ئۆگىتەيمىكىن دېدىم. شۇنىڭ بىلەن قىزىمغا كۆمەك قىلىپ بېرىشنى ئويلاشسام بولغۇدەك دەپ قالدىم. گەرچە بالىلارنى "ئەخلەت" يىيىشتىن توسۇشنىڭ جان ھالقىسىنىڭ ئەخلات ساتقۇچى ۋە ئىشلىگۈچىنى يىغىشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ بۇنىڭغا چارەسىزمەن. شۇڭا ھەممە نەرسىدىن پەخەس بولۇش مۆمىن پۇقرانىڭ ۋەزىپىسى بولغاچقا بۇ ئىشتىمۇ ئۆزەم چارە قىلمىسام بالامنىڭ روھى بۇلغۇنۇپ كەتمىسۇن.

ئالدىنقى: پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈچ غەلەت

كـىيىنكى: دادا، يالماۋۇز مومامدەك بولامدۇ؟