پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈچ غەلەت
- نەسىھەت، تەھدىت ۋە سۈر
ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ بالىلار تەرەققىيات مەركىزى قۇرغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە مەندىن پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە مەسلەھەت سوراپ كەلگەنلەر بىلەن ئىنچىكە سۆھبەتلەردە بولدۇم. نەتىجىدە شۇنى بايقىدىمكى، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە نامۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ كۈتكىنىنىڭ تەتۈرىسىچە نەتىجىگە ئېرىشىۋېتىپتۇ. بۇلار ئۈنۈمسىز نەسىھەت، يالغان تەھدىت ۋە ئارتۇقچە سۈردىن ئىبارەت ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلىنىدىكەن. مەن بۇنى پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۈچ غەلەت دەپ ئاتىدىم.
پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق نەسىھەت قىلىۋاتقىنىغا نەزەر سالغىنىمىزدا نەسىھەتلەردە مۇنداق بىر قانچە غەلىتىلىك بار ئىكەن. 1. چوڭلارنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ سىقىنچىلىق كەچۈرمىشىنى ئەندىزە قىلىش. مەن بۇنداق نەسىھەت ئۇسۇلىنى بالىلار تەرەققىيات مەركىزىمىزگە كەلگەن ئاتا-ئانىلاردىن كۆپ ئاڭلايمەن. مەسىلەن "بالام نېمىشقا خەنسۇچە ئۆگەتسە دىققەت قىلمايسەن؟ خەنسۇچە بىلمىسەڭ چوڭ بولغاندا خىزمەت تاپالامايسەن، ئىستىقبالىڭ بولمايدۇ. ھازىر نەگە بارساڭ خەنسۇچە بىلمىسەڭ سېنى ئىشقا ئالمايدۇ…" بىزنىڭ مەركىزىمىزدە بالىلارنىڭ كىچىكى تۆرت ياش، چوڭى ئەمدى بەش ياش. بۇ بالىلار خەنسۇچە دېگەننىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى ھىس قىلالمايدۇ. خىزمەت تېپىش نېمە، ئىستىقبال نېمە بىلمەيدۇ. چوڭلارنىڭ بېشىدىن نېمىلەرنىڭ ئۆتىلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. چوڭلارنىڭ بۇنداق ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىشى بالىلاردا ھەيرانلىقتىن باشقا ھىچ بىر تەسىر قوزغىشى ناتايىن.
2. مۇۋەپپەقىيەتچىلەرنى ئىجابىي ئۈلگە، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەرنى سەلبىي ئۈلگە قىلىش. مەسىلەن، بىر كۈنى دىققەت قىلسام بىر خانىم بالىسىغا ئەخلەت يىغىۋاتقان بىرەيلەننى كۆرسىتىپ "قارا تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەڭ، ياخشى ئوقۇمىساڭ ئاشۇ مەينەت كىشىدەك ئەخلەت تېرىسەن…" دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. بۇنداق گەپلەرنىڭ دېيىلىدىغان ئورنى خىېلى كەڭرى. قەشقەردە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغزىغا كۆپ چىقىدىغان بۇنداق سەلبىي ئۈلگە ئوبىكىتىلىرى ئادەتتە دېھقان، تازىلىقچى ۋە قاراۋۇللاردىن ئىبارەت ئىكەن. ئىجابىي ئۈلگىلەر ئەمەلدار، ساقچى، خوجايىن، پۇلدارلار ئىكەن، ئەلۋەتتە. بىر كۈنى مەركىزىمىزدىكى بالىدىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىۋېدىم، ساقچى بولىدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ دەپ بەردى. قىزىقسىنپ سەۋەبى سورۇسام "ساقچى دېگەن ھىچ كىمدىن قورقمايدۇ، ھەممە ئادەمنى باشقۇرىدۇ…" دەيدۇ. دېمەك قەشقەردە كوچىدىكى ھەممە ئادەمنى خالىغانچە تەكشۈرەلەيدىغان ساقچى بالىلارنىڭ قەلبىگە مۇۋەپپەقىيەت ئۈلگىسى بولۇپ ئورۇنلۇشۇپتۇ. بىر كۈنى بىر ئوقۇغۇچۇم دوختۇر بولغۇسى بارلىقىنى سۆزلەپ قالدى. سەۋەبى دوختۇر بولسا دوختۇرخانا ئاچارمىش، دوختۇرخانا ئاچسا داچىسى بولارمىش. يۇقارقىدەك سەلبى ۋە ئىجابىي ئۈلگىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ نەسىھېتى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىڭدۈرىشى ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆزىنىڭ كىم بولۇشلىرى ھەققىدە دەسلەپكى لايىھەنى تۇرغۇزۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ لايىھەنى شەكىللەندۈرگەن ئۈلگىلەر بالىلارنىڭ قەلبىدە ئىنساننىڭ نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ھۆرمەتلىشى كېرەكلىكى يىلتىزلىتالمايدۇ. بالىلاردا ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ئورنى جەھەتتە مۇتلەق باراۋەرلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىز تەربىيە جەريانىدا بالىلارغا نەسىھەتنى ھېكايە ئارقىلىق سىڭدۈرسە ئاسان بولىدىغانلىقنى بايقىدۇق. ئەمەلىيەتتە بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مەسەللەر، چۆچەكلەر، داستانلار ۋە قىسسەلەر نەسىھەتنىڭ ھىكايەلەشتۈرىلىشى ئىكەن. قارىغاندا بۈگۈنكى ئاتا-ئانىلار بۇ ھىكايىلەردىكى ۋەقەلىككىلا دىققەت قىلىپ ئاشۇ ۋەقەلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان نەسىھەت ۋە ھىكمەتلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. مەدداھلىق، داستانچىلىق ئەنئەنىسى يوقالغانلىقتىن بىزدە چۆچەك بىلەن نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت مىراس ئەنئەنە سۇسلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنداق ھىكايىلىك ئۇسۇلدا نەسىھەت قىلغاندا ھىكايە مەزمۇنى ئاددى، ھايۋاناتلار پىرسۇناج قىلىنغان، بالىلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلاشتۇرۇلغان، قىزىقارلىق، قىسقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق نەسىھەت قىلغاندا نەسىھەتنىڭ مەزمۇنىنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، ئۈنىمىنى كۆرىنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ساختا تەھدىت بالىلارنى قىلىقسىز قىلىپ قويىدىغان يەنە بىر خاتا تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. كۆزىتىش ۋە سۆھبەت جەريانىدا بالىلارغا گەپ ئاڭلىتالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تەھدىت سېلىشىلىرى دائىم قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرىدۇ. تەھدىتلەر ئادەتتە "يەنە گەپ ئاڭلىمىساڭ ئۆيگە كەلمە"، "بۇ ئەخلەتنى يەنە يىسەڭ بۈگۈن كەچ ئاچ قېلىپ ئۆلىسەن"، "يەنە گەپكە كىرمىسەڭ خەنسۇغا بېرىۋېتىمەن"، "بۇندىن كېيىن يەنە ئۆيگە كېچىكىپ كەلسەڭ پاچىقىڭنى چاقىمەن" شەكلىدە دېيىلىدىكەن. مېنى ھەيران قىلغىنى ئاتا-ئانىلار ئادەتتە تەھدىت سالغان بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلالمايدۇ. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم نېمىشقا ئۇلار ئەمەلگە ئاشماس تەھدىتلەر بىلەن بالىلارنى قورقىتىشقا خۇشتار؟
مەنچە بالىلارنى بۇنداق ۋجۇدقا چىقماس ساختا تەھدىتلەر بىلەن قورقۇتۇش ھىچ ئۈنۈم بەرمەيدىغان تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. بالىلار بۇ تەھدىتلەردىن دەسلەپتە قورقىشى مۇمكىن، لېكىن داۋاملىق ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى كۆرۈلگەندە بۇ قورقۇش قېلىنلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ شۇ پېتى داۋاملىشىدىغان بولسا بالىلارغا يالغان قورقۇتۇشلار تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ. مەنچە پەرزەنتلەرنى بۇنداق يالغاندىن قورقۇتۇشنىڭ ئورنىغا كونكىرىت بىر جازا ئارقىلىق يارىماس قىلىقلارنى تىزگىنلەش ئەۋزەلدۇر. مەسىلەن، "ئەخلەت يىمەكلىك يەيدىغان بولساڭ بۈگۈن كەچتە ئۆيگە كەلمە!" دېگەننىڭ ئورنىغا "ئەخلەت يىمەكلىك يەيدىغان بولساڭ، بۈگۈن كەچلىك تاماقنى يىمە، ئەرتە ناشتا قىلما!" دەپ شۇ گەپ بويىچە جازالىسىلا بالا خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى ئۆتەپ ئىككىنجى قېتىم شۇ ئىشنى قىلغۇسى كەلگەندە ئاقىۋىتىنى ئويلايدىغان بولىدۇ. بالا ئۆزىنىڭ بىر دەملىك نەپسىگە ئەگىشىپ خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇچرايدىغان جازانىڭ بىر كېچىلىك قىينىلىش ياكى بەك چوڭ مەھرۇملۇق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆز ئالىدىغا كەلتۈرگەندە خاتالىقتىن تەبىئىي ئۆزىنى تارتىدۇ.
پەرزەنت تەربىيىسىدە كۆزۈمگە چېلىققان ئاخىرقى بىر نامۇۋاپىق ئۇسۇل بالىلارغا ئارتۇقچە سۈرلۈك بولۇۋېلىش ۋە ئۇلارنى تەپ تارتقۇزۇش ئارقىلىلىق تەربىيەلەش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇشتۇر. ماڭا دەرت ئېيتىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىلىرىدىن قاقشاپ " بۇ ئوغلۇم يا دادىسىدىن تەپ تارتمايدۇ، يا مەندىن تەپ تارتمايدۇ، ئۇرۇپمۇ باقتۇق، لېكىن پەقەت گەپ ئاڭلىتالمىدۇق" دەيدۇ. يەنە بەزىلەر " ئوغۇل بالىغا دادا دېگەن سەل سۈرلۈك بولمىسا بولمايدۇ، بالا دېگەن ئۆيدە دادىسىدىن تەپ تارتىپ قورقۇپراق چوڭ بولغىنى ياخشى" دېيىشىدۇ. مەن ئويلۇنۇپ قالىمەن. بالىلارنى گەپ ئاڭلىتىش ئۈچۈن چوقۇم دادىلارنىڭ سۈرىدىن تەپ تارتقۇزۇش زۆرۈرمۇ؟ باللىلار چوقۇم دادىسىنىڭ سۈردىن قورقۇپ چوڭ بولمىسا تەربىيەلىك بولالمامدۇ؟ مەنچە بالىلارنى ھەرقانداق باھانە بىلەن، ھەرقانداق شەكىلدە قورقۇتۇپ چوڭ قىلىش يېڭىلىشقانلىقتۇر. دادىسىدىن قورقۇپ چوڭ بولغان ئوغۇل بالا ياۋاش، قۇلىقى يۇمشاق ئۆسكەن بىلەن ئانىسىغا زىيادە يۆلىنىۋېلىپ خاراكتىرى ئاجىز، مىشچان، ھىسسىياتچان، تەۋەككۈلسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق ئوغۇللار دادىدىن ئۆگىنىشى كېرەك بولغان قەتئىيلىك، قورقۇمسىزلىق ۋە ئەقلىيلىك قاتارلىق روھىي سۈپەتلەردىن ۋە نۇرغۇن تەجرىبە ۋە بىلىملەردىن زىيادە قورۇققانلىق سەۋەبىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. دادىسىنىڭ كۆيۈمىدىن تەسىرلىنىپ ئەمەس، سۈرىدىن قورقۇپ ياخشى ئادەم بولۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوغۇل بالىلاردا زورلۇقسىز تاپقا چۈشمەيدىغان، زورلۇقسىز تەرتىپنىڭ مەۋجۇد بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغان، زوراۋاندىن زىيادە قورقۇپ ئاجىزغا ئارتۇقچە، پىرىنسىپسىز ھېسىداشلىق قىلىدىغان بىنورمال پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا "دادا ئوغلىغا، ئانا قىزىغا سۈرلۈك بولۇشى كېرەك. قىز بالا ئانىدىن، ئوغۇل بالا ئاتىدىن تەپ تارتىپ چوڭ بولسا ياخشى" دەپ قارايدۇ. مەنچە دادىمۇ، ئانىمۇ قىز ئوغۇللىرىغا پەرقلەندۈرمەستىن سۈر كۆرسەتمەي مېھرىبانلىق بېرىشى كېرەك. ئانا بولغۇچى قىزىغا مۇڭداش، قىز بالا ئانىسى بىلەن دوست بولالىشى كېرەك. قورقۇنچ، تەپ تارتىش ئىچىدە دوستلۇق شەكىللەنمەيدۇ. ئوننەچچە يىللىق ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبەمدىن قارىغاندا ئانىسى بىلەن سىرداش بولۇپ ئۆسمىگەن قىزلارنىڭ ھىسسىياتى زىيادە تۇراقسىز بولۇپ دائىم بىراۋنىڭ كۆيۈمىگە، يارىدىمىگە تەلپۈنۈپ ياشايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. مەنچە بۇنداق قىزلارغا ئۆيدە دادىسى مېھرىبان ئانىسى قاتتىق قول بولغاچقا ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دادىسىغا ئوخشاش شۇنداق بىر مېھرىۋان ئەرنىڭ ئەركىلىتىشلىرىنى تاما قىلىپ يۈرۈپ ئورۇنسىز قۇربانلارنى بېرىدىكەن.
يۇرتىمىزدا مائارىپ يامان ئەمەس ئومۇملاشقان بىلەن پەن ئومۇملاشمىغانلىقى ئۈچۈن تۈزۈم ۋە ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان رايۇنلىرىدا ئاللىقاچان ئومۇملاشقان پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى ئىپتىدائىي ساۋاتلار بىزدىن خېلى يىراق تۇرماقتا. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن بىلەن پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيۋاتىدۇ. مەسەلەن ئالايلۇق، بىر ئائىلىدە پەرزەنتى قىزىپ قالسا دەرھال دوختۇرغا چاپىدىغان ئاتا-ئانىلار بار، ئەمما بالىنىڭ باشلىرى ساڭگىلاپ، ھەپتىلەپ جىمغور بولۇپ قالسا پىسخىك دوختۇغا كۆرسۈتىدىغان ئاتا ئانىلار يوقنىڭ ئورنىدا. ئەمەلىيەتتە گىرىك مۇتەپپەكۇرى ھېراكلىت ئېيتقاندەك بىزنىڭ خاراكتىرىمىز بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بالىلاردا ياخشى خاراكتىر يېتىلدۈرۈش، پەرزەنتلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر. دېمەك، بالىلارنى ئۈنۈمسىز نەسىھەت بىلەن زېرىكتۈرۈپ، ساختا تەھدىت بىلەن قورقۇتۇپ، سۈر-ھەيۋە بىلەن غۇرۇرىنى زەيىپلەشتۈرۈپ تەربىيەلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئۇسۇللار بالىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېنى كەمتۈك بالا كىشىنى قايىل قىلىدىغان قەلب مۇكەممەللىكى بىلەن غەلىبە قوچىشى مۇمكىن، ئەمما روھى مىيىپ ھەر قانداق پەرزەنت ھەممە ئەزاسى سەللىمازا بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ھايات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقالمايدۇ.
ئالدىنقى: تۇغسىزلارغا قالدىڭمۇ دۇنيا
كـىيىنكى: «ئەخلەت» يەۋاتقان بالىلار ۋە قىزىم