ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئورنى Wikipedia
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ۋاپات بولغان يەر
مىللىتى ئۇيغۇر


ھاياتى[تەھرىر]

ﺗﺎﻻنتلىق ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901- ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪھىرىدە ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭس ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮىنى ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .

1916- ﻳﯩﻠﻰﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩﺋﯘ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ « ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ » ، « ﻗﯩﺰﯨﻞﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ » ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ سۇن جۇڭشەن ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺩﯦﻤﯘﮔﺮﺍﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻓﯩﺌﻮﯞﺩﺍﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .

1923 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مەخسۇت مۇھىتى ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﻧﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭘﻮﺷﻜﯩﻦ، ﻟﯧﺮﻣﯘﻧﺘﻮﯞ، ﺗﻮﻟﻮﺳﺘﻮﻱ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﻛﻰﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ . 1926 – ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ژۇﺭﻧﺎﻝ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭست ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯧﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻣﻪﺧﺴﯜﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 – ﻳﯩﻠﻰ « ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ » ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ « ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ »، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ . . .

ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ .

ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 11- ﺋﺎﻳﺪﺍ « ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ » ، « ﺋﺎﭼﯩﻞ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﻜﻪ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . 1932- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺟﺎﻟﻼﺕ شىڭ شى سەي 1933 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺑﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻﺗﻪﯕﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻱ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ! » ، « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ! » ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ......

شېئىرلىرى[تەھرىر]

ئويغان![تەھرىر]

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.


قوپ ! دېدىم، بېشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!

رەقىبىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ !

كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج .


ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ ؟

قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ ؟!


كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.

كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،

كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق .


ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،

سەپدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم.

كۆيۈنۈپ ھالىڭغا، ئويغاتسام سېنى،

ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ ؟


كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.

«خەپ!» دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،

شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.

–1920 يىل

ئاچىل[تەھرىر]

گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،

باشقا سانچىلاي دەيدۇ.

يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى،

تەنگە يامىشاي دەيدۇ.


يارىم ماڭا ناز قىلۇر،

كۈلۈپ مېنى مەست قىلۇر.

يار قەدرىنى بىلمەيسەن،

زىمىستاننى ياز قىلۇر.


يار دەردىدە خۇن بولدۇق،

تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق.

قورقۇنچۇڭدىن قاتتىق تاش،

بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق.


ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما،

يار يولىدا پۇتلاشما.

يارىم ئۈچۈن جان پىدا،

قەدىمىڭگە مىڭ تىللا.


غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل،

ھىممەت يولۇم ئاچىلغىل.

يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان،

قاچان بولسا بىر ئۆلۈم.

باردۇر[تەھرىر]

1921-يىلى

جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،

ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.


زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،

بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.


ئىلىمنىڭ ئىجتىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

ئوقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشمىز باردۇر.


تەاۋۇنۇ-تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،

يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىققانىمىز باردۇر.


يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،

ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.


ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،

زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەب چاققانىمىز باردۇر.


بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،

ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.


ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،

چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.


ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،

مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىايىمىز باردۇر.


خاتاەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،

يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.


بابالار شۆھرىتى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،

قېلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.


كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،

ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.


ئويۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆزئارا بىەپ بولساق،

ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.


خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،

قۇۋلۇغۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.


ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،

لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.


ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا،

مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.


گۈركىرەپ كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،

ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.


ھۈنەر بىلەن ساناەتتە "يېتىشتۇق" ئەمدى ئىش پۈتتى،

ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.


مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،

ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.


مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،

تونۇر سەللە، نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.


قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،

قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەن بۆھتامىنىز باردۇر.


ئەل-يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،

كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.


ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاقشىما،

شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

ئۇيغۇرۇم[تەھرىر]

192- يىل تۇرپان

ئەي نىگار، ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،

مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىزدىنىشنى ئىستىمەس.


ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم مەن يېنىپ چاقماسمەن،

ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.


ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا دەپ ھاۋشىپ يۈرىدۇ بېزىلەر،

ئوغرى تەگسە ئۆيدە مالغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.


ئېھتىياجاتى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر،

بىز بىلۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.


ھەممىنىڭ ئەۋلادىدىن قۇللۇقتا بىرسى قالمىدى،

ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ئەسلا سېزىشنى ئىستىمەس.


يەپ زەھەر بولدى كېسەل، ئەھۋالىدا كوپتۇر خەتەر،

مىللىتىم جان چىقسىمۇ داۋالىنىشنى ئىستىمەس.


باشقىلار كۆكتە، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قىلىپ،

بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئېشەك مىنىشنى ئىستىمەس.


ئىزلىدى ھوما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ،

ئىزدىگەنلەر باشىغا ھوما قونۇشنى ئىستىمەس.


مىللىتىم تارتقان ئازاپغا بۇ كۆڭۈل قانداق چىدار؟

ئەل غېرىب ئىڭرايدۇ ئەمما تەۋرىنىشنى ئىستىمەن.


ئابدۇخالىق قىل سۇبات ئىزدە سىراتىل مۇستەقىم،

بۇ سۇبات بارىندا دىل ۋەيران كېزىشنى ئىستىمەس.

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس[تەھرىر]

مەنزىلى مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاق،

تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاقساپ يامان بولدى ياداپ.

ئازغىنا بىر ئىستىراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،

ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتە ئىت قاۋاپ.


گاھى ئوخشايمەن مۇھىت ئاتلاسىدە بىر كېمىگە،

تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.


بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،

كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.


ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،

زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.


جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ئوت ياندى،

ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىدلەردىن ھېساب.


ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،

ئاجرىسۇن مىتن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.


كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك، يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،

ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب.


سېغىنىش

ئەي پەرى سەن كەتكىلى بولدى قاراڭغۇ بۇ جاھان،

مېنى يالغۇز مۇندا تاشلاپ، ئاھ، ئەجەب قىلدىڭ يامان.


كەتمىدى كەتكەندىكى كۆز بېقىشىڭ ، قاش قېقىشىڭ،

ئىختىيارسىز مەن ئۇزاتتىم، نائىلاج بولدۇڭ راۋان.


مەن ئۇزاتقان يەردە تۇردۇم، سەن كۆزۈمدىن يىتكۈچە،

سەن يوقالغاچ ئايلىنىپ باش، يەر بولدى گويا ئاسمان.


يىغلىغانغا يانمىدىڭ، ئەسلا يېشىمغا باقمىدىڭ،

خەت – خەۋەرمۇ بەرمىدىڭ ئەي پەرى بولدۇڭ قايان؟


يول يىراق، يوق ۋاسىتە دەپ بىكار باھانە ئەيلىمە،

ئوڭىمىزدا بولمىسا، كەلگىل چۈشۈمدە قىل بايان.


«كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» ئابدۇخالىق كۈت ئۈمىد،

سېغىنغانىڭ كېلىدۇ، سۈزۈلۇر شۇنداق جاھان .


ئىنتىزارلىق

بېشىڭنى ئېلىپ كەتتىڭ،

بىرمۇ كەلمىدىڭ ئەي يار.

خېتىڭ يوق، خەۋىرىڭمۇ يوق،

دىققەت، ھەيرىتىم ئارتار.


ھەر كۈنى قاراپ بويلاپ،

مىڭ مەرتەم سېنى ئويلاپ.

يوللاردا سېنى سوراپ،

ئۆيگە قايتىمەن ناچار.


تۈن، كۆز ئۇيقۇدىن قاچتى،

ئوتى ئۆتۈپ تۇتاشتى.

دەردى ھەددىدىن ئاشتى،

ئەھۋالىم يامان دىشۋار.


كۆزلىرىم قاماپ قالدى،

مۇنتەزىر بولۇپ تالدى.

يارىم شۇنداق ئوت سالدى،

چىقتى پەلەكتە شەرار.


خىيال ئەيلىسەم يېتىپ،

يېنىپ كەلمىدى بېرىپ.

يۈرەك – باغرىمنى يېرىپ،

ئازاب قىلادۇر بىسيار.


ھەر كۈن يۈز تۈمەن مىڭ ئوي،

يار كۆرسەتۇرمۇ دەپ بوي.

بولدى ماڭا ئۇلۇغ كوي،

دەپ يارىم قاچان قايتار.


كۆز يۇمماي، بولۇر تۈن تاڭ،

ئۇيقۇ كەلمەيدۇ ياتسام.

شۇنداق دەردىڭنى تارتسام،

ئەجەب بولمىدىڭ غەمخار.


ھەر تاڭ ئەرتە تۇرارمەن،

ئىشىكىڭدىن سورارمەن.

بەك ئاۋارە يۈرەرمەن،

كۆرسەت يۈزۈڭنى ئاشكار.


ئىشىكىڭ ئېتىك مەھكەم،

كىرمەككە ئىلاجىم كەم.

ئاچمامسەن بابۇ كەرەم،

جانغا بەرمىگىل ئازار.


كۆرسەتمەمسەن يۈزۈڭنى،

پىنھان قىلىپ ئۆزۈڭنى؟

ئاڭلاتمامسەن سۆزۈڭنى،

ئەيلەپ ئوتقا گىرىپتار ؟


ئۇيغۇر زار – زار يىغلار،

بىرمۇ ئاڭلىماس ئۇل يار.

بولدۇم كويۇڭدا خۇمار،

كىمگە قىلارمەن ئىزھار .


1921 – يىل، تۇرپان

باھار چېچىكىدىن بىر تەسىر


نازىنىن نازلىق چېچەك، كىملەر ساڭا مەپتۇن ئەمەس،

گەر نېسىپ بولسا جامالىڭ، كىمدۇر ئۇ مەجنۇن ئەمەس.


قىش بويى قويۇق بۇلۇت ئاستىدا مۇزلاپ بۇ كۆڭۈل ،

كۈن كۆرەلمەي، تىن سۈرەلمەي غەمگە پاتتى بۇ كۆڭۈل.


بۇ زەئىپ كۆكرەكتە ئۇل يارنىڭ خىيالى مۇتتەسىل؟

كۆيدۈرۈپ كۆپ ئۆرتىدى، كۆپ قالدى سۆزلەردىن بۇ تىل.


كېچە مەن كۆرگەچ چېچەكنى خۇددى كۆرۈشتۈم يار ئىلە،

يىغلىدىم بىئىختىيار ئەرزىمنى ئېيتتىم زار ئىلە.


دېدىم : ئەي مەھبۇبى شاھى، مېنىڭ بۇ ئەرزىمنى ئال،

لۇتفى قىل مۇڭداشقىلى، بىرنەچچە كۈن يانىمدا قال.


ئەرزۇ ھالىمنى ساڭا باشتىن – ئاياغ قىلسام بايان،

دىلدىكى ئارمانۇ ئارزۇيۇم بولغۇسى ئاز – ماز ئايان.


ئەي، پەرىلەر نە ئۈچۈن سىزلەردە يوق، قىلچە ۋاپا؟

كۆيدۈرۈپ مەجنۇن قىلىپ، جانغا قىلۇرسىزلەر جاپا.


قايتۇرۇڭ لۇتفەن جاۋاب، ئاشىقنىڭ كۆڭلىن تىندۇرۇڭ،

بىۋاپالىق رەسمىنى، ئەھدىنى ئەمدى سۇندۇرۇڭ .


ئاڭلىغاچ ئاقتى چېچەكىمنىڭ كۆزىدىن ياش تارام،

كۆپ پۇشايمانلار يېدىم، ئېيتقان سۆزۈمگە مەن قارام.


كۆزنى باستى قاپقاراڭغۇلۇق، جاھان زۇلمەت بولۇپ،

ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ئاقتى قانلىق ياش تولۇپ.


كۆيدى ئۇل شاھى چېچەك ھالى پەرىشانىم قاراپ،

سورىدى : «ئەي بىچارە ئاشىق، نە ئۈچۈن ھالىڭ خاراب؟...»


يىغا قايناپ بۇ تىلىم سۆزلەرگە ھالى يوق ئىدى،

ئۇدۇلۇمدا ئۇل چېچەك خۇددى قىزىل بىر چوي ئىدى.


دېدى: «ئەي بىچارە، مىسكىن، يىغلىما، ھالىڭ دېگىل،

بىلگىنىمچە مۇڭدىشاي، بولسۇن پىدا جانۇ ۋە دىل.»


يىغلىبان دېدىم : «پەلەك باشىمغا نە كوي سالمىدى،

يىغلىماقتىن تاشقىرى بەندەڭدە ھېچ كوي قالمىدى.»


دېدى : «ئەي نادان، بىلەمسەن تاش باغىردۇر بۇ پەلەك،

كۆرمىدىڭمۇ ئۈندۈرۈر ئۇ بىر پەلەكتىن مىڭ خەمەك.»

–1923 يىل


قايدىسەن


ئەي، ماڭا ئوتلار سېلىپ، ئەقلىمنى ئالغان قايدىسەن؟

بېشىمغا غەم ياغدۇرۇپ، كويلارغا سالغان قايدىسەن؟


بارمىدى يا بىر ئۆچۈڭ، يالغۇز ماڭا يەتتى كۈچۈڭ،

يوقلىمايسەنغۇ كېلىپ، تۈنلەردە بالىجان قايدىسەن؟


بۇ جاھان تار كەلدىمۇ، ھەمراھ بولۇش ھار كەلدىمۇ،

دەردى دەۋران ئۈستىگە ئىشقىڭنى قوشقان قايدىسەن؟


سەنسىز زۇلمەتتۇر جاھان، نۇر ئېمەر سەندىن قاچان،

سەن ئۈچۈن تىكىلدى جان، بولمامسەن قالقان، قايدىسەن؟

1923 – يىل، تۇرپان

قىل باھار


ئىچ پۇشۇپ كۆڭلۈم يېرىم ، يار كەلمىدى دەپ خارۇ زار،

يوق ۋۇجۇدۇم خۇشلۇقى، بولدى خىيالىم تارۇ مار.


دەسلىپى يالغۇز غېرىب، ئەلۋەتتە يالغۇز كەچكىچە،

قايسى ياقتىن يار كېلۇر، دەپ جىق يولىغا ئىنتىزار.


كاشكى تۈنلەردە جانىم قىلسىچۇ ئەرزۇ جامال،

ياكى توختاتسا پالان چاغ كۆرۈشكەيمىز، دەپ قارار.


ۋاقىتنى ساقلاپ كۆڭۈلگە ھاي بېرىپ : «سەن ساقلا» دەپ،

بۇ ئۈمىد بىرلە كۆڭۈل بەلكى كەچۈرگەي روزىغار.


قايسى كۈن كىردى سارايىغا يەنە بىر چىقمىدى،

باقمىدى قايتىپ مېنىڭ ھالىمغا ئۇ شەپقەت شوئار .


ياكى بولماس بارغىلى ئورداڭنىڭ ئالدىغا جېنىم،

پاسىبانلىقتا تۇرۇپتۇ قانچە – قانچە ئەجدىھار.


بويلىغان بىرلە يىراقتىن زەررىچە يوق پائىدە،

ياكى بولمايسەن راۋاقتىن بەزى – بەزى ئاشكار.


بىۋاپا ياردىن ئۈمىد ئۈزگىل، دېسەممۇ گاھىدا،

شەۋقى بارغانچە ئاشۇر يوقتۇر كۆڭۈلگە ئىختىيار.


مەيلى يوق، زوقى كۆڭۈل ياردىن بۆلەك ھېچ ئۆزگىگە،

يوق بۇ چاغدا بىر رەپىق ياكى غېمىمگە غەمگۇزار.


مەستۇ مەدھوشتۇر كۆڭۈل يارنىڭ پىراقىدا ھامان،

بولمىسا قانداقسىگە بولغاي كۆڭۈللەر ھوشيار.


بىلمىدىم، مەن ھەم ئۇنىڭ يادىدا بارمۇ ياكى يوق،

ياكى كەلسەممۇ بىلىندۈرمەي قىلامدۇ ئۇ ۋىقار .


ياكى ئۆزۈمنى بىلمىدىم ياكى خىيالىنى نەتەي،

مەن تەرەددۇت بىرلە ھەيرەتتە يامان بولدۇم خۇمار.


لۇتپى قىل، كۆرسەت جامالىڭنى، قاچۇرماي ئەي جېنىم،

تاشلىما، بىئېتىبار، ئەرزىمنى جان قىل ئېتىبار.


مۇددىئايىم شۇ، قىيا بىر باقسا ئۇ ساھىبجامال،

ھىممىتىم نەرخى كۆتۈرۈلسە ئېشىپ ئەندەك بازار.


دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت ! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،

قىش كېلىپ مۇزلاتمىسۇن، پاتراق غەنىيمەت قىل باھار !


ھار


ئوت ھارۋىسى بىلەن ياكى ھاۋا كېمە بىلەن،

يول يۈرۈش يۈرمەك، يولىن تاپقاننىڭكى.


چۆل ئارا غىچىڭلىتىپ، يول ئۈستىگە تىنماي سىيىپ،

ئارقىدا قالماق ھارۋىغا كالا قاتقاننىڭكى.


مەرىكىدە كىيگىلى بولماس، لېكىن ئۇ ئوبدان نېمە،

خىزمىتى چوڭدۇر ئەجەب، تۈنلەردە بۇ يوتقاننىڭكى.


ھاكىمى مۇتلەق بولۇپ، پارا يەپ، يامبۇ قويۇپ،

ئەينى توڭگۇزدەك سەمرىمەك، يامۇلدا ئولتۇرغاننىڭكى.


زۇلۇمغا مەھكۇم بولۇپ، باش ئۇرۇپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ،

نېمە دېسە راست دېمەك، قوللۇقتا قالغاننىڭكى.


ۋەزنى يېرىم پۇڭ ئەمەلگە مىنىپ، سىغماي تېرىگە،

ئەلنى سالماق پېرىگە، يالاقتا جان باققاننىڭكى.


ئىلىم – پەنگە يول ئېچىپ، جەۋلان قىلىپ نۇر چېچىپ،

يايرىماق كۆكرەك كېرىپ، تەدبىر – ئەقىل تاپقاننىڭكى.


پەنگە قارشى كاپشىماق، خۇددى ئىتتەك ھاۋشىماق،

خارۇ زەبۇن ياشىماق، تەرسا – تەتۈر ناداننىڭكى .


تەۋبە — تەقسىر ئوقۇشۇپ، كانايدىن ئالسا قورقۇشۇپ،

ئەستاغپۇرۇللا ئوقۇش، ئالۋاستى باسقاننىڭكى.


ئۇيغۇرا كۆپ سۆزلىمە، جاھىلنىڭ بەختىن كۆزلىمە،

ھەق تېپىلماس بۇ جاھاندا، ھەممە ئىش يالغاننىڭكى .

1925 - يىل‏‏