ئابدۇرىشىت تۇردىيوف

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرىشىت تۇردىيوف

ئابدۇرىشىت تۇردىيوف 1920 - يىلى 4 - ئايدا ئاتۇشنىڭ تىجەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1931 - يىلى 9 - ئايغىچە تىجەن يېزىسىدا كونا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1936 - يىلى 9 - ئايدا غۇلجىغا چىقىپ غۇلجىدا ئوقوغان. 1940 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئۈرۈمچى ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ1941 - يىلى 3 - ئايدا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1941 - يىلى 5 - ئايدا خوتەن ئىلچى گارنىزون باتالىيوندا لېيتېنانت ۋۇزۋوت كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942 - يىلى 5 - ئايدىن 1944 - يىلى 3 - ئايغىچە تاشقورغان چېگرا ئەترىتىدە لېيتېنانت شۆبە ئەترەت باشلىقى، ۋۇزۋوت كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944 - يىلى 3 - ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەن. 1944 - يىلى 8 - ئايدا چۆچەككە يۆتكۈلۈپ، 1945 - يىلى 4 - ئايغىچە چۆچەك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنىستروكتور بولغان. 1945 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ گومىنداڭغا قارشى يەر ئاستى تەشكىلاتقا قاتناشقان. كېيىن سېزىلىپ قېلىپ قولغا ئېلىنىپ قامالغان. 1945 - يىلى 8 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت پارتىزانلىرى چۆچەكنى ئازاد قىلغاندا، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى 9 - ئايدىن 11 - ئايغىچە چۆچەك ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 11 - ئايدىن 1946 - يىلى 6 - ئايغىچە مىللىي ئارمىيە بىرىنچى باتالىيون كاماندىر بولغان ھەم شۇ ئۈچ ۋىلايەت بىرلىكسەپ ياشلاپ ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1946 - يىلى 6 - ئايدىن 1947 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى، 1947 - يىلى 8 - ئايدىن 1948 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئالتاي ھەربىي رايونى شىمالى يۆلىنىش فرونتىدا شىتاب باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىنقىلاب مەزگىلدە 1 - دەرىجىلىك ئىستىقلالىيەت ئالتۇن ئوردىنىغا، 2 - دەرىجىلىك ئىستىقلالىيەت ئوردىنىغا، ئازادلىقتىن كېيىن غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىش كۈرەش مىدالىغا ئېرىشكەن.

1949 - يىلى شىنجاڭ دېموكراتىك ئىتتىپاققا ئەزا بولغان. 1952 - يىلى 8 - ئايدىن 1954 - يىلى 5 - ئايغىچە نەنجىڭ ھەربىي ئىنىستىتۇدىدا ئوقۇغان. 1954 - يىلى 5 - ئايدىن 1955 - يىلى 8 - ئايغىچە لەنجۇ ھەربىي رايونى شىمالىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ھەربىي تەييارلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1955 - يىلى 11 - ئايدىن 1956 - يىلى 4 - ئايغىچە كورلا ۋىلايتىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسدە ئالىي كوپېراتىپ قۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگەن.

1956 - يىلى 7 - ئايدىن 1957 - يىلى 8 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىدا ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1957 - يىلى 8 - ئايدىن 1958 - يىلى 9 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات سودا كوپېراتىۋى ئىشخانا مۇدىرى بولقۇپ ئىشلىگەن. 1958 - يىلى 9 - ئايدىن 1961 - يىلى 4 - ئايغىچە ئىككىنچى سودا نازارىتى ئىشخانا مۇدىرى بولغان. 1961 - يىلى 4 - ئايدىن 1963 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرلۈك ماللار شىركىتى خۇڭسەن ئاياق زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1963 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1972 - يىلىغىچە شىنجاڭ تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە تەرجىمانلىق، كاتىبات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.

ئابدۇرىشىت تۇردىيوف مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، «ھەربىي تالانت ئىگىسى، بىلىمگە باي ھەربىي، رەھبەر ۋە قابىل ئوفىتسېر ئىدى». خەلقىمىز ئۇنىڭ ھەربىي ئىستىدادىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇ، ئىنتىزامچان، تەشكىلاتچان كادىر بولۇپ، جەڭگىۋار قوراللارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى پىشىشىق بىلەتتى ۋە ھەربىي تاكتىكا، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆتكەن نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئەمەلىي مەشقىلىرىنى كۆرگەن ئوفىتسېرلار ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا چىن دىلىدىن قايىل بولاتتى. ئۇ 1972 - يىلى ۋاپات بولدى.


مەنبە[تەھرىرلەش]