ئابدۇرېھىم ئىمىنوف

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرېھىم ئىمىنوف
مىللىتىئۇيغۇر


ئابدۇرېھىم 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ چارروسىيە بىلەن، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن سودا ئالاقە قىلغان قەشقەرنىڭ كاتتا بايلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىمىن باي (پېتەك) ئائىلىسىدە 1913 - يىلى تۇغۇلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، دەسلەپ موللا خەلپەتتە، 1921 - يىلىدىن باشلاپ ئابدۇرېھىم بايۋەچچە ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۆز بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ دادىسىغا ئالاقىچى بولۇپ، سوۋېت كونسۇلى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىدۇ، ۋە كۆپ قېتىم ئۇلۇغچات، ئوش، ئەنجان، تاشكەنتتىكى سوۋېت خادىملىرىگە ماتېرىيال يەتكۈزىدۇ 3 - ئىنتېرناتسىئونالغا ئەزا بولىدۇ.

1934 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ماجۇڭيىڭ قوشۇنى قەشقەردە چوڭ قىرغىن قىلغاندا، ئايدۇرېھىمنىڭ دادىسى ئىمىن ئاخۇن باي ماجۇڭيىڭ تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ئابدۇرېھىم سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ، سوۋېت ئارمىيىسىنى باشلاپ كېلىدۇ. سوۋېت ئارمىيىسى مارالبېشى ئەتراپىدا ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىدۇ. ئابدۇرېھىم قەشقەر تىنچىغاندىن كېيىن، يەنى 1934 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە رازۋېدچىك ۋە جىنايى جازا بۆلۈمىدە سوراقچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1937 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 6 - دۋىزىيىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن ماخوسەن قىسىملىرى بىرلىشىپ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاتالمىش سىجاڭ ئابدۇنىياز كامال باشچىلىقىدىكى قوشۇن قەشقەر كونا شەھەرنى مۇھاسىرە قىلىپ، قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قۇربان نىياز شاھىدى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قوشۇنىغا ئوت ئاچىدۇ. بۇ چاغدا ئابدۇرېھىم ئىمىن بۇيرۇق بىلەن ئۇلۇغچاتقا بېرىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئوشتا تۇرۇۋاتقان مەۋلانوف پولكىنى قەشقەرگە باشلاپ كېلىدۇ. بۇ قوشۇن ئىسيانچىلارنى سۈر - توقاي قىلىپ، قەشقەرنى تىنچىتىدۇ. ئابدۇرېھىم ئىمىن 1938 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا خارجى ئىشلار بۆلۈم باشلىقى ۋە قىزىلبويى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ، چېگرا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. 1940 - يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ، 1942 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ. 1942 - يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئابدۇرېھىم ئىمننى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىپ، 1945 - يىلى قويۇپ بېرىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، قەشقەرگە كېلىپ، بىتىم مەزگىلىدە يەنىلا قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا مەسئۇل بولىدۇ. بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قولغا ئېلىنىپ، 1949 - يىلنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارە باشلىقى، ساقچى قوراللىق ئەترەت باشلىقى، قەشقەر پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، 1956 - يىلدىن 1958 - يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئۇزاق مەزگىل خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1994 - يىلى ۋاپات بولىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]