ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى

ئورنى Wikipedia
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى
قىسقىچە AK Parti (رەسمى)
باش رەئىس بىنئالى يىلدىرىم
باش كاتىب ئابدۇلھەمىد گۈل
شۇئار تۈركىيە تەييار، نىشان 2023

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى (تۈركچە: Adalet ve Kalkınma Partisi، قىسقىچە: AK Parti ياكى AKP) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشىدىكى سىياسى پارتىيە، 2001- يىلى 14- ئاۋغۇستتا قۇرۇلغان، ئاساسەن سوتسىيال مۇتەسسىپ بىر تۈرك سىياسىي پارتىيىسىدۇر. پارتىيە نىزامنامەسىگە كۆرە رەسمىي قىسقارتمىسى "AK Parti"، سىموۋۇلى تۇرنج ۋە قارا رەڭلەردىن تەشكىل تاپقان لامپوچكىدۇر، مەزكۇر پارتىيە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە 317 خەلق ۋەكىلى سانى بىلەن كۆپچىلىكنى ئىگىللىمەكتە. پارتىيە باش رەئىسى (Genel Başkanı) بىنئالى يىلدىرىم شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستېرى ئېرۇر. سابىق ۋە تۇنجى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇررەئىسىدۇر.