رەجەپ تاييىپ ئەردوغان

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ


رەجەب تاييىپ ئەردوغان
Recep Tayyip Erdoğan
ۋەزىپىسىتۈركىيە جۇمھۇرىيەتى 12 - ئەلباشى
ئالدىنقىسىئابدۇللاھ گۈل
دۆلەت تەۋەلىگىتۈركىيە
دۆلەت تەۋەلىگىتۈركىيە

رەجەب تاييىب ئەردوغان (تۈركچە:Recep Tayyip Erdoğan؛ ئۇيغۇر لاتىن: Rejep Tayyip Erdoghan؛ كرىل: Pәҗәп Tаййип Әрдоған) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 12 - ئەلباشى ۋە ھاكىمىيەت پارتىسى بولمىش ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە پارتىيە رەھبىرى.

ئۆمۈر بايانى[تەھرىرلەش]

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېگى رىزە ۋىلايىتىدىن بولۇپ، 1954 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىستانبۇل قاسىم پاشادا تۇغۇلغان.\

1965 - يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىبىنى، 1973 - يىلى ئىستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىبىنى پۈتتۈرگەن.

ئىمتىھان بېرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىبىدىنمۇ دىپلوم ئالغان. ئۇنىۋېرستىتنى مارمارا ئۇنىۋېرستىتى ئىقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981 - يىلى تاماملىغان.

ياش چاغلىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان ،مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982)ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتى بىلەن دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە كوللىكتىپ مەسللەرگە كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئىلىش دەۋرى باشلاندى. تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1976-يىلىدا (MSP)بايئوغلۇ ياشلا تارمىقى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە شۇ يىلى (MSP)ئستانبۇل ياشلار گۇرۇپپىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسگە سايلاندى.1980-يىلىغا قەدەر ،بۇ ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان سياسي پارتىيلەرنىڭ ئەسكىرى زەربىسى بىلەن تاقىۋېىتىلگەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىر مەزگىلىدە ئالاھىدە بۆلۈمدە بىر مەزگىل مەسلىھەتچى،يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىدى.

1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيسى بىلەن ئاكتىپ سياسى ھەرىكەتكە قايتىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1984-يىلىدا رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ رايون باشلىقى،1985-يىلىدا بولسا،رەفاھ پارتىيسى ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋە رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ ناھىيە باشلىقى (MKYK ) ئەزاسى بولدى.ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ئەسناسىدا،باشقا سياسى پارتىيلەر ئۈچۈن مودىل بولغان يېڭى بىر تەشكىلى قۇرۇلمىسى بەرپا قىلغان ئەردوغان ،بۇ مەزگىلىدە مەخسۇس ھالدا ئاياللار ۋە ياشلارنىڭ سياسىيغا قاتنىششنى ئىلگىرى سۇرىدىغان يىتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئشلىدى.سياسەتنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئېتىبارغا ئېىلىنىشى يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.بۇ خىزمەتلەر ئەدرغان مەنسۇپ بولغان رەفاھ پارتىسيگە 1989-يىلى بەيئوغلۇ يەرلىك سايلىمىدا چوڭ غەلبە ئەكىلىپ،يۇرتقا پارتىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تىكلەپ بەردى.

1994-يىلى 27-مارت يەرلىك سايلىمىدا ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،سياسى ئېقتىدارى ،ھەمكارلىشپ ئشلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئېقتسادى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەركىزى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئستانبۇلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسللىرىگە توغرا دىئاگنوز قويدى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يۈز كىلومترلىق يىڭى تۇرۇبا يوللىرى ياتقۇزۇش بىلەن،كىرەكسز ماتىريال ۋە ئەخلەت مەسىلىسى دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار بولغان قايتا پايدىلىنىش مۇئەسسەلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ھەل قىلىندى.

ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەردوغان دەۋرىدە تەرەققى قىلدۇرۇغان تەبئى گازغا كۆچۈش پىلانلىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا، شەھەرنىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسىسلىسگە قارىتا 50دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ،ئۆتۈشمە يول ۋە يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللىرى ئنشا قىلىندى.مەنپەئىتى كىينكى مەزگىللەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان نۇرغۇن چوڭ پىلانلار ئشقا كىرىشتۇرۇلدى.شەھەر بايلىق مەنبەسىنىڭ توغرا ئشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقستى بىلەن ئالاھىدە تەدبىر قوللانغان ئەردوغان 2 مىلىيارد دوللار قەرز بىلەن ئۆتكۇزۇۋالغان ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنىڭ قەرزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىدى ۋە بۇ ئارىدا 4 مىلىيارد دوللارلىق مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە شەھەرچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەردوغان بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلەرگە ئۆربەك بولۇش بىلەن بىرگە،بىر ياندىن خەلق نەزىرىدە بۇيۇك بىر ئشەنچكە ئېرىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دىكابىردا خەلقكە ختاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقى جەريانىدا ،مىللى مائارىپ مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسيە قىلىنغان ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابتىكى بىر شئېرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەپىس جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر بەلەدىيە باشلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي تۇرغان جازا ئۆيىدىن چىققاندىن كىين جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە دىموكراتىك جەريانلارنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى››( Adalet ve Kalkınma Partisi'ni (AK Parti) )نى قۇردى ۋە پارتىيە قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قۇرغۇچى ئاساسى باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

مىللەتنىڭ تاللىشى ۋە ئشەنچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى تىخى قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلىلا تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ خەلق قوللىشىغا ئېرىشكەن سياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئىلىپ كەلدى ۋە 2002-يىلىدىكى ئاساسى سايلامدا ئۈچتە ئىككى پارلامنىت كۆپ سانلىق ئورنى بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پارتىيە بولدى.

ئۆزى ھەققىدىكى سوت قارارى سەۋەبىدىن 2002-يىلى 3-نويابىر سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى نامزات بولۇشى چەكلەنگەن ئەردوغان ،قانۇنى يول ئارقىلىق نامزاتلىق سالاھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2003-يىلى 9-مارتتا سىېر ناھىي ،ىللەت ۋەكىلى يېڭىلىنىش سايلىمىغا قاتناشتى.بۇ سايلامدا 85%ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەردوغان 22-نۆۋەتلىك سېرر ۋىلايىتى مىللەت ۋەكىلى سالاھىيتى بىلەن پارلامنىتقا كىردى.

2003-يىلى 15-مارتتا باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلاق ۋە سىجىل تەرەققى قىلىدىغان بىر تۈركىيە ئارزۇسى بىلەن ھاياتىنى مۇھىملىققا ئىگە قىلىدىغان بىر قاتار ئسلاھات تەدبىرلىرىنى قسقا مۇددەت ئىچىدە يولغا ويدى.

دىموكراتىيلىشش،ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باستى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،دۆلەت ئېقتىسادى ۋە خەلق پسخىسكىنى بولۇمسز تەرەپكە بۇراپ كىلىۋاتقان ۋە ئون نەچچە يىلدىن بىرى ھەل بولمىغان پۇل پاخاللىقى كونتىرول قىلىندى.تۈرك لىراسى بۈيۈك ئېتىبار قازاندى.دۆلەتتىن قەرز ئىلىش ئۆسۈم نسبىتى تۆۋەنلىتىلدى.كېشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىللى كىرىم تارىخى بىر يۈكسىلىش بىلەن ئۆرلىدى.دۆلەت تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىزلىك ۋە زور ساندىكى سۇ توسمىلىرى،تۇرالغۇلار،مەكتەپ،دوختۇرخانا ۋە ئېنىرگىيە توك تارقېتىش زاۋۇتلىرى ئشقا كىرشتۇرۇلدى.ماددى پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات ھامىيسدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تۈركىيەدە دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ كىڭەيتىلىشنى دۇنيانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆزەتكۇچىلىرى ئەردوغاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ‹‹ئاۋاسسز ئنقىلاپلىرى››سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئېتتپاقىغا كىرىش مۇساپىسدە، دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، دانا تاشقى سياسەت ۋە جىددى زىيارەت-ئالاقە يولى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسنى مەڭگۇلۇك بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇنۇملۇك ئالاقىلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.


بەرپا قىلغان ئومۇمى مۇقىم ۋەزىيەت ۋە ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى تۈركىيەنى ئۆز رايونىدا ھكرمەتكە سازاۋەر بىر مەركەز دۆلەت سۈپىتىگە كەلتۈردى.تۈركىيەنىڭ تىجارەت ھەجىمى ۋە سياسىى كۈچى،پەقەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە جۇغراپىيلىك رايوندىلا ئەمەس،خەلقئارادا ھىس قىلىنغۇدەك سەۋىيەدە ئۆستى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007 - يىلى 22 - ئىيۇل ئاساسى سايلامدا 46.6% ئاۋاز بىلەن زور بىر غەلبە قازانغان ئا ت پ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ 60 - ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە تەكرار ئشەنچلىك ئاۋازغا ئېرشتى.ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپسنڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا يىقىن 2010-يىلى 12-سىنتەبىردە ئۆتكۇزۇلگەن ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشكە مۇناسۋەتلىك چوڭ رىفراندۇمدا 58%‹‹قوللايمىز››ئاۋازىغا ئېرىشپ ،رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يتەكچلىك قىلغان ھەرىكەت تارىخى بىر مۇۋەپپەقيەت قازاندى.

2011-يىلى 12-ئيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسى سايلاملاردىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى سايلام بېلىتىنىڭ 49.8%گە ئېرىشپ قايتا بۇيۇك بىر زەپەر قازاندى.3-نۆۋەت باش مىنىستىرلىك كۇرسىغا ئولتۇرغان ئەردوغان پارتىيسنىڭ سايلام بىلىتىنى ئارقىمۇ-ئارقا 3 قىتىم ئۆستۈرۈپ تۈرك سياسى تارىخىدىكى بىر يېىڭىلىققا ئىمزا قويغۇچى بولۇپ قالدى.تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جامائەت ئارىسدا ھۆرمەتلىنىدىغان يۇقىرى ئورۇنغا چىققان بۇ جەرياندا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر دۇنيا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامايان بولدى.

2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چوڭ سايلامدا جۇمھۇر باشقىنى (رەئىس جۇمھۇر) بولۇپ سايلىنىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆيلەنگەن ۋە 4 بالىنىڭ دادسى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]