ئاقارى ماندا

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئاقارى ماندا _ مەشھۇر كۈيشۇناس ئاقارى ماندا ۋە «باھار بۇلبۇل ناۋاسى» سۈي سۇلالىسىنىڭ دايى يىللىرى (مىلادى 605_618)دا،سۈي سۇلالىسى ئوردىسىدا كۇچالىق مەشھۇر كۈيشۇناس ھەم مۇزىكا ئالىمى ئاقارى ماندا (白明达)تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان چوڭ تىپتىكى نەپس ئۇسۇللۇق مۇزىكا بولۇپ،ئۇ ئارىدىن 1400يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ جۇڭگو ۋە چەتئەل سەھنىلىرىدە ئوينىلىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ چوڭ تىپتىكى مەشھۇر مۇزىكىلىق ئۇسۇل،شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدە بولۇپمۇ چاۋشەن بىلەن ياپونىيىدە ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي ئوينىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەملىكىتىمىزدە يۇەن سۇلالىسى زاجۈي تىياتىرلىرى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، بۇ مۇزىكىلىق ئۇسۇل سەھنىدە قايتا نامايەن بولمىغان ئىدى.1985_يىلى شەنشى ئۆلكىلىك ناخشا_ئۇسۇل ئۆمىكى «تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەننىڭ مۇزىكا ئۇسۇلى» ناملىق كىلاسسىك سەھنە ئەسىرىنى تەييارلىغاندا،مانا شۇ ئاقارى ماندا 1400 يىل بۇرۇن ئىجات قىلغان «باھار بۇلبۇل ناۋاسى»نى ئالاھىدە تەييارلىدى ھەمدە مەملىكەت ئىچى_سىرتىدا ئويناپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

«سۈينامە» ،«ئوقۇتۇش يۇرتى خاتىرىلىرى» قاتارلىق تارىخى خاتىرىلەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئاقارى ماندا كۇچادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ،ئۇنىڭ نەچچە ئەۋلات ئەجدادى كۇچادا كۈيشۇناسلىق بىلەن ئۆتكەن ھەمدە ئاتاقلىق سەنئەتكارلار ھېساپلانغان.ئاقارى ماندا كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلاپ،ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلغان ھەمدە يۇرتىمىز قەدىمكى زامان سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق بۇلىغى بولغان كۇچا مۇھىتىدا پىشىپ يېتىلىش،سەنئەت پېشىۋالىرىدىن ئتەلىم ئېلىش نەتىجىسىدە ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ شىمالىي جۇ خانى جۇۋۇدىنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى (مىلادى 561_578)،سۇجۇپ قاتارلىق كۇچالىق ئون نەچچە سەنئەت پېشىۋالىرى بىلەن بىللە،جۇۋۇدىنىڭ تۈرك ئاغىچىسى ئاسنابېكەگە ئەگىشىپ، قاراقۇرۇم ئارقىلىق چاڭئەنگە بارغان.شۇ چاغدا ئۇ ۋۇدى خان باشلىق نەچچە يۈز ئالى ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئىززەت بىلەن كۈتىۋېلىنىپ،ئوردا مۇزىكا ئۇستازى بولۇپ ئىشلىگەن.ئاقارى ماندا شىمالىي جۇ،سۈي،تاڭ ئۈچ سۇلالىدە ياشىغان بولۇپ،ئالى ھۆكۈمرانلارنىڭ قەدىرلەپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. «سۈينامە،مۇزىكا تەزكىرىسى»دىكى خاتىرىلەردىن مەلۇم بولىشىچە،ئۇ سۈي سۇلالىسى خانى سۈي ياڭدىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن سۈي ياڭدىنىڭ «ياشا»،«پەرىزاتنىڭ مېھمان بولۇشى»،«قەدىم ئوردىغا قايتىش » ،«شاتلىق گۈلى» قاتارلىق 15 نەزمىسىگە نەغمە ئىشلەپ بەرگەن،بۇنى سۈي ياڭدى ئۆز مەھرەملىرى بىلەن ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ :«كۆپ مۇزىكا ئاڭلاش بەجايىكى كۆپ كىتاپ ئوقۇماق» دېگەن.

ئاقارى ماندا سۈي،تاڭ ئوردىسىدا مۇزىكانت،ئوقۇتۇش يۇرتىدا مۇزىكا ئۇستازى،ھەم مۇزىكا مەھكىمىسىنىڭ كەسپى مەنسەپدارى بولغان.ئۇنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان مۇزىكىلىرىدىن «زەنگۈلە» ،«يەتتە ئاخشامدا ئۇچرىشىش»،«چەينەك تاشلاش»،«شىشخال چېچىپ ئۆمۈر ئۇزارتىش»،«توخۇ سوقۇشتۇرۇش»،«ئون ئىككى مەۋسۇم» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان مەشھۇر مۇزىكىلارنى ئىجات قىلغان بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتا بۇ مۇزىكىلار چاڭئەن،لوياڭ قاتارلىق چوڭ پايتەختلەردە ئۇينۇلۇپ جامائەتچىلىككە چوڭقۇر تەسر قالدۇرۇپلا قالماي بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شەرقىي جۇڭگو رايۇنلىرىغىمۇ كەڭرى تارقالغان.تاڭ دەۋرىدىن باشلاپ چاۋشەن(كورىيە)،ياپونىيە ۋە ھېندىنوزىيە قاتارلىق ئەللەرگىچە تارقىلىپ ئومۇملاشقان.جۇڭگودا بولسا سۇڭ(960_1279-يىللار)،يۇەن(1279_1368-يىللار) غىچە داۋاملىشىپ،ئوردا ئوقۇتۇش يۇرتلىرىنىڭ دائىملىق نومۇرى بولۇپ كەلگەن.

ئاقارى ماندا ئىجات قىلغان مۇزىكىلار ئىچىدە «باھار بۇلبۇل ناۋاسى» ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە بولۇپ،چوڭ تىپتىكى ناخشا_ئۇسۇل بىلەن ئورۇنلىنىدىغان بۇ بىر يۈرۈش مۇزىكا جەمئىي 12 ئارىيەدىن تەشكىل تاپقان.ئىككى ئارىيە مەخسۇس بۇلبۇلنى دوراپ سايراش بىلەن نەغمىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارغان. «ئوقۇتۇش يۇرتى خاتىرىلىرى»دىن مەلۇم بولىشىچە،بۇ چوڭ تىپتىكى ئۇسۇلچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا «باھار بۇلبۇل ناۋاسى»نى ئوينىغۇچى ئەڭ ماھىر ئۇسۇلچىلار ئارىسىدىن تاللىدىغان بولۇپ،ئۇ شۇ ئۇسۇلنى ئوينىغاندا ئۈستىگە سېرىق مەشۇت كۆڭلەك كىيىپ،بېلىگە قىزىل پوتا باغلاپ،بېشىغا گۈللۈك تاج تاقاپ ،بۇلبۇل قىياپىتىنى دوراپ ماھارەت كۆرسەتكەن.بۇ ئۇسۇل چىرايلىق گېلەم ئۈستىدە ئوينالغان.تاڭ دەۋرىدىكى شائىر يۇەن جىن «باھار بۇلبۇل ناۋاسى»ھەققىدە يازغان بىر شېئىرىدا:

«بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز_ئاياللار مەشغۇلى،

زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان.

سۇمرۇغ ئاتەشنىڭ ساداسى مۇڭ بىلەن تولسا ئەگەر،

باھار بۇلبۇل ناۋاسى ياڭراتتى بىر سالقىن ھامان.»

دەپ يازسا،جاڭ خۇ ئۆزىنىڭ «باھار بۇلبۇل ناۋاسى » دېگەن شېئىرىدا:

«شىڭ چىڭ كۆلى جەنۇبىدا سۆگەت پوتلا چىقارمىغان،

ئالغان چېغى خانىش تەي چىڭ قولىغا مېيخۇا شېخى شۇئان

كېنىزەكلەر ئوقۇشقاندا باھار بۇلبۇل ناۋاسىنى،

گۈل تېگىدە نەپس ئۇسۇل قانات كېرىپ قىلدى جەۋلان.» دەپ يازغان.

باھار،بۇلبۇل ۋە گۈل قەدىمدىنلا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ جۈملىدىن ناخشا_مۇزىكىلىرىنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تارىخىدا بۇلبۇل سىموۋۇل خاراكتىرلىك ئەنئەنە بولۇپ،باشقا قۇشلارغا قارىغاندا دائىم ئىجابىي مەنىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن.مەسىلەن:مۇھەممەت خارەزىمنىڭ «مۇھەببەتنامە» داستانى،لۇتفىنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز» داستانى،موللا ئەلەم شەھيارنىڭ «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانلىرىدا بۇلبۇلغا مەدھىيە ئوقۇلغان.كۈيشۇناس ئاقارى ماندامۇ دەل ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىپ مۇزىكا ئىجات قىلغان.ئۇ ئىجات قىلغان «باھار بۇلبۇل ناۋاسى»تاڭ دەۋرىدىكى مەدەنىيەت گۈللىنىشىدە چېگرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ،چاۋشەن،ياپونىيە،ھېندىنوزىيەگىچە تارقىلىپ ئومۇملاشقان ھەمدە ياپونىيە ھازىرغىچە داۋاملاشقان.

1983-يىلى يولداش دېڭ شىياۋپىڭ ياپونىيە نى زىيارەت قىلغان چاغدا،ياپونىيە ھۆكۈمىتى دېڭ شىياۋپىڭغا:«بۇ سىلەرنىڭ كىلاسسىك سەنئىتىڭلارنىڭ جەۋھىرى،بىز بۇنى مىڭ يىللار ئىلگىرى سىلەردىن قۇبۇل قىلغان ئىدۇق،ئەمدىلىكتە جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمىز....» دەپ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مانا شۇ ئاقارى ماندا ئىجات قىلغان «باھار بۇلبۇل ناۋاسى»نى مەخسۇس تەييارلاپ ئويناپ بەرگەن.مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ناخشا_ئۇسۇل مۇزىكىسىنىڭ قەدىمدىلا دۇنياغا مەشھۇر ئىكەنلىكى،مىڭ يىللار ئىلگىرىكى سەنئىتىمىزنىڭ ھېلىھەم چەتئەللەردە زور قەدىر_قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.شۇڭلاشقا ئاقارى مانداغا ئوخشاش سۈي،تاڭ ئوردىلىرىدا بىر ئۆمۈر سەنئەت كەسپى بىلەن ئۆتكەن ھەم جۇڭگو سەنئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان سەنئەتكارلىرىمىز ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  • ئابلىز مۇھەممەت سايرامى تۈزگەن«سۈي،تاڭ سۇلالىرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى»